ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسى كىچىك گۇناھلارغا كاپارەت بولىدۇ، چوڭ گۇناھلار ئۈچۈن چوقۇم تەۋبە كېرەك
مەن ھاراق ئىچىدىغان كىشىلەردىن بولسام، ئاندىن ئەتە ۋە ئۆگۈن يەنى مۇھەررەمنىڭ توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلسام، مېنىڭ بۇ روزامغا ساۋاپ بېرىلەمدۇ؟ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ مېنىڭ ئۆتكەن يىللىق ۋە كىلىدىغان يىللىق گۇناھلىرىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.نېمە ئۈچۈن پىقھى ئۆلىمالىرى ئاشۇرا كۈنى بىلەن ئون بىرىنچى كۈنى بىرگە روزا تۇتۇشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ؟
ئاشۇرا كۈنى توغرىسىدا بايان قىلىنغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم، لېكىن بىرەر ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئون بىرىنچى كۈنىگە ئىشارەت قىلغانلىقىنى تاپالمىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن: ئەگەر كىلەر يىلغىچە ياشىسام، توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى كۈنى روزا تۇتىمەن دېگەن، يەنە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا ئون بىرىنچى كۈنى روزا تۇتۇشقا كۆرسەتمە بەرمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلمىغان ئىشنى قىلساق بىدئەت بولمامدۇ؟، توقۇزىنچى كۈنى روزا تۇتالمىغان كىشى ئونىنچى كۈنىلا روزا تۇتسا كۇپايە قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.شىئەلەرنىڭ (ئاشۇرا كۈنى) مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىدە ئىشلەيدىغان ئازغۇن-بىدئەت قىلمىشلىرى
مەن ياشاۋاتقان دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان شىئەلەر ياشايدۇ، ئۇلار (ئاشۇرا)مۇھەررەمنىڭ9 -ۋە 10-كۈنلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىمام ھۈسەيىننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ كۆينەكنىڭ ياقىسىنى يىرتىپ مەيدىلىرىگە ئۇرۇپ ھەرخىل دىن ۋە ئەقىلمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشىنى ياقۇپ ئەلەيھىسسالام يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامدىن ئايرىلىپ قالغاندا بىئارام بولۇپ شۇنداق قىلغان دەپ قارايدۇ، ئۆزلىرىنى ئۇرۇپ ماتەم قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرى توغرىمۇ؟.مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا
مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنى روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.رامىزاننىڭ قازا روزىسى بار كىشىنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشى توغرىسىدا
مېنىڭ رامزاندا تۇتالمىغان روزام بار، ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىمەن، قازا روزامنى تۇتۇشتىن بۇرۇن ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتسام بولامدۇ؟ ياكى مەن ئاشۇرا كۈنى ۋە ئون بىرىنچى كۈنى رامىزان روزىسىنىڭ قازاسىنى مەقسەت قىلىپ روزا تۇتسام بولامدۇ؟ مەن ئۈچۈن قازا روزا بىلەن بىرگە ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنشە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
مەن "ئاشۇرا كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىللىق گۇناھقا كاپارەت بولىدۇ" دەپ ئاڭلىدىم، بۇ توغرىمۇ؟ بۇ كۈندە تۇتقان روزا ھەممە گۇناھقا ھەتتا چوڭ گۇناھلارغىمۇ كاپارەت بولامدۇ؟ ئاندىن بۇ كۈننىڭ بۇ قەدەر ئۇلۇغ بولىشىدىكى سەۋەپ نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاشۇرا كۈنىدە زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
مەن قىزلار پاكۇلتىتېنىڭ ئوقۇغۇچىسى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شىئە ئوقۇغۇچىلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ھازىر ئاشۇرا مۇناسىۋىتى بىلەن قارا رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىدۇ، بىز ئۇلارنىڭ قارشىسىدا ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىش ئۈچۈن رەڭگارەڭ كىيىملەرنى كېيىپ، تۈرلۈك زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىساق توغرا بولامدۇ؟، بىز ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلساق ۋە ئۇلار ھەققىدە بەد دۇئا قىلساق توغرا بولامدۇ؟ مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇلار بىزگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئاشكارا قىلىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىگە شىپىرلار يېزىلغان ماتەم كىيىمى كېيىپ، قولىدا ھاسا تۇتۇپ، ھاسىسى بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇم، مەن تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭدىن زىيانغا ئۇچراۋاتىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ يىل ئاشۇرا كۈنىنى قانداق بىلىمىز؟
بۇ يىل ئاشۇرا كۈنىنىڭ روزىسىنى قانداق تۇتىمىز؟. بىز يېڭى ئاينىڭ قاچان كىرگەنلىكىنى، زۇلھەججە ئېيىنىڭ 29 ياكى 30 كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيمىز، ئاشۇرا كۈنىنى قانداق بېكىتىمىز ۋە ئۇنىڭ روزسىىنى قاچان تۇتىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.مۇھەررەمنىڭ ئونىنچى (ئاشۇرا) كۈنىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ۋە ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا
كىشىلەرنىڭ ئاشۇرا كۈنىدە قىلىۋاتقان، سۈرمە تارتىش، يۇيۇنۇش، خېنە قويۇش، ئۆزئارا كۆرۈشۈش، دانلارنى پۇشۇرۇپ خۇرسەنلىكنى ئىزھار قىلىش قاتارلىق ئىشلار قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغانمۇ؟ ئەگەر سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان بولسا، ئۇ ئىشلارنى قىلىش بىدئەت بولامدۇ، بولمامدۇ؟ يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قايغۇرۇش، ئۇسسۇزلۇق، ياقىلىرىنى يىرتىش ۋە ئۈن سېلىپ يىغلاش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشىنىڭ بىرەر ئاساسى بارمۇ ياكى يوقمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.