تەۋبە قىلىش توغىرسىدىكى ھۆكۈملەر
ئوغۇرلۇق ھاياتىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، ناماز، روزىلارنى تەرك قىلدىم، تەۋبە قېلىشنى مەقسەت قىلىمەن
ئىسمىمنى بىلگەندىن بېرى ئوغۇرلۇق ھاياتىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، بۇ قىلمىشىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بەزى كۈنلىرى تۇرۇپلا ئوغۇرلۇق قىلمايمەن، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن، لېكىن يەنە ئوغۇرلۇقنى تەكرار قېلىمەن، مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ ئايالىم ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئارىمىزدا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك پەيدا بولدى، ئاشۇ ۋاقىتتا مەن بۇندىن كېيىن ھەرگىز ئوغۇرلۇق قىلماسلىق قارارىغا كەلدىم، بىر يىلغا يېقىن ئوقۇرلۇق قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن كېيىن يېڭىدىن يەنە ئوغۇرلۇق قېلىشنى باشلىدىم، دەسلەپتە ئاددى نەرسىلەرنى ئوغۇرلۇدۇم، بارغەنچە تەرەققى قىلىپ چوڭ نەرسىلەرنى ئوغۇرلاشقا باشلىدىم، مەن ئۆزۈمنى بۇ ئىشتىن قانداق توختىتىشنى بىلمەيمەن، تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەتلەرنى ئاڭلىدىم، ھەممە نەرسىنى تەجرىبە قىلىپ باقتىم، مەن سىيا قەلەم، پارچە پۇل، مېۋە سۈيى ۋە شوكۇلاتا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوغۇرلىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن، ئەمما يولدۇشۇمنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن، يېقىن دوستۇمنىڭ پۇل قاپچۇقىدىن، ئانامنىڭ ۋە دادامنىڭ يېنىدىن پۇل ئوغۇرلىغانلىقىم ئېسىمدە، ھەتتا مەن نامازمۇ ئوقۇمايتتىم، رامىزاندا روزىمۇ تۇتمايتتىم، قانچە قېتىم روزامنى بۇزىۋەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن ھەم ساناپ بېرەلمەيمەن، سۇئالىم: مەن كاپىر بولۇپ كەتتىممۇ؟ مېنىڭ خاتالىقىم كەچۈرۈم قىلىنامدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئاللاھ تائالاغا يېقىن بەندە بولالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.پۇشايمان قىلىش تەۋبىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئاساسىدۇر
تەۋبە قىلىشنى قارار قىلدىم، گۇناھ-مەسيەتنى تەرك قىلدىم، گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسىگە كەلدىم، لېكىن مەن دىلىمدا قىلچە پۇشايمان تۇيغۇسىنى تاپالمىدىم، پۇشايماننى قانداق ھاسىل قىلىمەن؟، ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈش بەك تەسكەن، چۈنكى پۇشايمان دېگەن ئىنساننىڭ تاقىتىدىكى ئىش-ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر تۇيغۇ، بۇ ئىختىيارلىق بىلەن بولمايدۇ، ۋە خالىغاندا بۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ؟ پۇشايماننى پەيدا قىلىشنىڭ يولى قانداق؟، ئاللاھ تائالادىن دىلىمغا پۇشايمان سېلىشنى سوراپ دۇئا قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.تەۋبىنىڭ قوبۇل بولىشى توغرىسىدا
مەن چوڭ گۇناھ سادىر قىلدىم، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ، خاتالىقىمنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدىم، ئاشۇ خاتالىقتىن قىلغان تەۋبەم قوبۇل بولارمۇ؟، بولۇپمۇ مەن ماڭا غەزەپ قىلىنىپ تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولماسلىقىنى ھېس قىلىمەن، بۇ يەردە تەۋبىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بىرەر ئالامەت بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.تەۋبە قىلىش توغرىسىدا
مەن كۆپ خاتالىق سادىر قىلدىم، بۇنى ئاللاھدىن باشقا بىرسى بىلمەيدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ مېنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن مېنىڭ نېمە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ھارام ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان ياش تەۋبە قىلىشنى خالايدۇ
مەن پاسىق، كاپىر، مەن ئۆزەمنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق قىلمىشلىرىم ئۈچۈن تەۋبە قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىگە قايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن نامازمۇ ئوقۇمايمەن، ئۇستازلاردىن مېنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى يەنى تەۋبە قىلىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى سورايمەن؟.ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەۋبىسى
بىر كىشى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دوختۇر ئۇ كىشگە دىئاگنۇز قويۇش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيادا كۆرىدىغان ھاياتىدىن بىرقانچە كۈنلا قالغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر قىلغان بولسا، ئۇ بىمارنىڭ بۇ ھالەتتە قىلغان تەۋبىسىنىڭ ھۆكمى نېمە؟