ئەدەپ-قائىدىلەر،ئەخلاقلار ۋە ۋەز-نەسىھەتلەر
ياخشى ئىشلاردا ئۆزئارا بەسلىشىش بىلەن ياخشىلىقنى باشقىلارغا سۆيۈنۈش ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟
ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن: وَفِي ذَٰلِكَ فَلْيَتَنَافَسِ الْمُتَنَافِسُونَ تەرجىمىسى: «قىزىققۇچىلار شۇنىڭغا قىزىقسۇن»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگۈچە، ھەقىقى مۆمىن بولمايدۇ» دېگەن ھەدىسنىڭ ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش قانداق مۇمكىن بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئادەت بىلەن ئىبادەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق
كۆنگەن ئادىتىدە يۈز بەرگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولامدۇ؟، يەنى مەن قۇرئاندىن مەلۇم بىر سۈرىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدە بىر خىل خۇشۇ تۇيغۇسىنى ھېس قىلىمەن، بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ تۇيغۇلىرىم ئاجىزلاپ كېتىدۇ، قەلبىم ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئويلىنىشقا كۈنۈپ قالغاندەك بولۇپ، شۇنىڭغا كۇپايە قىلاتتى، شۇنىڭدەك بەزى دۇئالارنى ئوقۇغاندىمۇ شۇنداق بولاتتى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن دۇئا قىلىش توغرىسىدا
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن: «سۇبھانە كەللاھۇممە ۋە بى ھەمدىكە، لائىلاھە ئىللائەنتە ئەستەغپىرۇكە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيكە» دەپ دۇئا قىلىش توغرىمۇ؟ قۇرئان تىلاۋېتىدىن كېيىن ئايرىم ئوقۇلىدىغان دۇئا بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئايالنىڭ يېنىدا يەنە بىر ئايالنىڭ بولىشى بىلەن خىلۋەتنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالامدۇ؟
ئايالىم ئۆيدە گاز تۈگىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى، گاز تۇڭىنى ئالماشتۇرۇش زۆرۈر ئىدى، مەن ئۆيدە ئەمەس، گاز تارقاتقۇچى ئۆيگە كىرىپ يېڭى گاز تۇڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ چىقىپ كەتسە بولامدۇ؟، ئايالىمنىڭ يالغۇز قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ھەمشىرە بىرگە بولسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئۆز- ئارا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولدى
دادام بىلەن ھاممام ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئائىلىۋى ئىختىلاپ ئارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈشلىرىگە سەۋەب بولدى. ھاممام بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بىز زىيارەت قىلمايمىز. بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.