ۋەز-نەسىھەتلەر
نېمەتنى ئەسلەش-زىكىر قىلىش ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنىڭ دىل بىلەن، تىل بىلەن ۋە بارلىق ئەزالىرى بىلەن بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرمدە بىزنى ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى ئەسلەشكە بۇيرۇپ نۇرغۇن نېمەتلەرنى زىكىر قىلدى. مەسىلەن: ئاللاھ تائالا سۈرە ئەھزابنىڭ 9-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اذْكُرُوا نِعْمَةَ اللَّهِ عَلَيْكُمْ إِذْ جَاءَتْكُمْ جُنُودٌ فَأَرْسَلْنَا عَلَيْهِمْ رِيحًا وَجُنُودًا لَمْ تَرَوْهَا وَكَانَ اللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرًا تەرجىمسى: ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئۈستۈڭلارغا (كۇففارلاردىن ئۇيۇشقان ئۇرۇشقۇچى) قوشۇن كەلگەن ئىدى. بىز ئۇلارغا قارشى بوران ۋە سىلەرگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتتۇق، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر مېنىڭ سوئالىم: ئاللاھ تائالا بىزنى بۇيرىغان نېمەتنى زىكىر قىلىش قانداق بولىدۇ؟، بۇنىڭدىن نېمەتلەرنى كىشلەر ئارىسىدا سۆزلەش مەقسەت قىلىنامدۇ ياكى پەقەت ئۆزىمىز ئېچمىزدە زىكىر قىلىشىمىز مەقسەت قىلىنامدۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ياخش مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.نامازدا ئەيمىنىشنى يوقۇتۇپ قويغانلىقى سەۋەبىدىن شەك ئېزىقتۇرىۋەتكەن كىشى توغرىسىدا
مەن قانداق قىلغاندا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى ياخشى كۆرۈپ، تائەت ئىبادەت بىلەن ھوزۇرلىنالايمەن؟ بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، يات كىشىلەردىن مۇسۇلمان بولغانلارنى كۆرسەم، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىغا خاتىرجەملىكنى قانداق سالغاندۇ؟ دەپ، ئۆزۈممۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولغۇم كېلىپ، كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلىرىم تۆكۈلىدۇ، ھەتتا ۋەز-نەسىھەت، پەيغەمبەرلەر ۋەقەلىكى ۋە قۇرئان تىلاۋىتىنى ئاڭلىسام يىغلاپ كېتىمەن، ئۆلۈمنى ۋە ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىشنى پىكىر قىلىپ يىغلايمەن، لېكىن ۋەز-نەسىھەت ۋە قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلاپ بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن يەنە ئەسلى ھالىتىمگە كېلىپ قالىمەن، نامازغا ۋە باشقا نۇرغۇن ئىشلارغا سۇسلۇق قىلىمەن، كۆڭلۈمگە مەن دىندىن يىراقلىشىپ كەتكەندەك، يېقىندا دىندىن يېنىۋالىدىغاندەك شەك-شۈبھىلەر كېلىدۇ، كاللامغا نۇرغۇنلىغان شەك-شۈبھىلەر كىلىۋىلىپ، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ بولالمىدىم، مەن ئىلگىرى دوستلىرىم بىلەن سىرىتلارغا چىققاندا ئۆيگە قايتىپ ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇۋىلىش ئۈچۈن قايتىشقا ئىنتىزار بولاتتىم، چۈنكى ناماز ماڭا ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرۈلەتتى، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىركى شۇ ھالىتىمگە قايتىشنى خالىساممۇ، بۇنى قىلالمىدىم، ھەتتا ناماز ئوقۇسام بەك تىز ئوقۇۋاتىمەن، بوشۇشۇپ كىتىۋاتىمەن، ئىسلام دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىگە كەسكىن ئىشىنىمەن، مەن قەلبىمدىكى ئازغىنە شەك بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ، قىلغان ئەمەللىرىمنىڭ قوبۇل بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىش رىزىقنى جەلىپ قىلىدۇ
مەن ھازىر ئوتتۇز ياشقا كىردىم. بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرى گەرچە ناماز ئوقۇپ تۇرىۋاتقان بولساممۇ ئەمما گۇناھ-مەسىيەتلەرگە چۆمۈپ كەتكەن ئىدىم. توي قىلغاندىن كېيىن تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن فرانسىيىگە باردىم ۋە بەزى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم، بۇنىڭ چارىسىنى ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىش ئارقىلىق ھەل قىلدىم، شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلدىم. قۇرئان كەرىمنى ياد قىلىشقا باشلىدىم، دىنى بىلىملەرنى ئۆگەندىم، يىل بويى نەپلە روزا تۇتىدىغان بولدۇم، نامازنى ئاساسەن مەسچىتتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىمەن. ھەتتا قىرىق كۈندىن ئارتۇق بولدى نامازنى ئىمام بىلەن بىرگە باشلاپ ئوقۇۋاتىمەن. ئاللاھ تائالاغا چەكسىز مەدھىيىلەر بولسۇن، بۇنىڭ نەتىجىسىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىم ماددى-مەنىۋى تەرەپلەردىن ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، تائەت-ئىبادەتنى كۆپ قىلغانسىرى ماڭا كىلىدىغان ياخشىلىقلار يەنىمۇ زىيادە بولدى، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن سۆزۈمنىڭ راسلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. ھازىرقى مەسىلە، مېنىڭ تائەت-ئىبادەتتە تىرىشچانلىق قىلىشىم ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ ياكى دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ بۇنى بىلمەيمەن. مەسىلەن: سەدىقە قىلسام قىلغان سەدىقىنىڭ ساۋابنى ئۈمىت قىلىمەن، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ماڭا بۇنىڭ ئورنىغا ھەسسىلەپ تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن. قەلبىمدە مەندە نىپاقلىق بارمۇ يوق؟، دەيدىغان بىر شەك-شۈبھە بار. بو تۇغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھىدايەتنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن نەپسى ئۇنىڭغا غالىب كېلىدۇ
نەپسىمنى ئىسلاھ قىلىدىغان توغرا يول ۋە ھىدايەتنى خالايمەن، لېكىن ئۇنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. نەپسىمنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئۇرۇنسام، يامانلىققا بولغان قىزىقىشىم غالىپ كېلىدۇ، شەيتان گۇناھ-مەسىيەتنى ماڭا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئۆلۈمنى سېغىنىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمنى سېغىنىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
ئاللاھ تائالانىڭ: إِنَّكَ لَا تَهْدِي مَنْ أَحْبَبْتَ تەرجىمىسى: شۈبھىسىزكى، سەن خالىغان ئادەمىڭنى ھىدايەت قىلالمايسەن دېگەن ئايىتى بىلەن، وَإِنَّكَ لَتَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ تەرجىمىسى: شەك - شۈبھىسىزكى سەن توغرا يولغا باشلايسەن دېگەن ئايىتىنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرىمىز؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى زىكرىلەر
مەن ئەزاندىن بۇرۇن ، ئىقامەتتىن بۇرۇن ، ئەزاندىن كىيىن ۋە ئىقامەتتىن كىيىن نىمە دەپ دۇئا قىلىدىغىنىمىزنى بىلمەكچىمەن .