ئەدەپ-قائىدىلەر
يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
بەزى ئىشلار ئۈچۈن ئايالىم بىلەن سىرتقا چىققان ۋاقىتتا يول يۈرگەندە ئىككى قولۇمنى كەينىمگە تۇتۇپ يول يۈرسەم، ئايالىم: يول يۈرگەندە ئىككى قولىڭىزنى كەينىگە تۇتۇپ يۈرمەڭ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ شەكىلدە يول يۈرۈشتىن چەكلىگەن دېدى، مەن بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، لېكىن مەن بۇنداق يۈرۈشتە بىرسىگە تەقلىد قىلىپ يۈرمەيمەن، ئەمما بۇنداق يۈرسەم بىر خىل ئاراملىق ھېس قىلىمەن، مېنىڭ سوئالىم: شەرىئەتتە يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە، ئوڭ قول سول قولنى تۇتىدۇ، بېلىگە قويىدۇ؟، بۇ ئىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.بىر ياش ئانىسى ۋە ھەمشىرىسى بىلەن بىرگە ياشايدۇ، ئۇلار ئولتۇرغان ئۆي دادىسى ۋاپات بولغان ئۆي بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ ئۆيگە خالىغان ۋاقىتتا كىرىشى توغرا بولامدۇ؟
مەن، ئانام ۋە ھەمشىرەم ئىجارە ئۆيدە ياشايمىز، دادام ۋاپات بولغان، مېنىڭ توي قىلغان باشقا قېرىنداشلىرىم بار، ئۇلارمۇ باشقا ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلەيدۇ، توي قىلىپ كەتكەن تۆت ھەمشىرەم بار، ئايلىق كېرىمىمىز سەككىز مىڭ رىيال ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆي ئىجارىسى بېرىمىز، دادامنىڭ قەرزىنى تۆلەيمىز، قەرىز تۈگىسۇن دەپ مىراسنى تەقسىم قىلمىدۇق، مېنىڭ سوئالىم: توي قىلىپ چېقىپ كەتكەن قېرىنداشلىرىمنىڭ مەن، ئانام ۋە ھەمشىرەم ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيدە ھەققى بولامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە بۇ ئۆي دادىسىنىڭ ئۆيى بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ھەققى بار ئىكەن، ئۇلار بۇ ئۆيگە خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ، مەن بىلەن ھەمشىرەمنىڭ خاس نەرسىلىرىگىمۇ رېئايە قىلماستىن خالىغانچە ئەركىن تەسەررۇپ قىلىدۇ، مېنىڭ، ھەمشىرەمنىڭ ۋە ئانامنىڭ ھېچ نەرسىدە ئايرىم ھەققى يوق ئىكەن، مېنىڭ دادام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا ئۇلارغا ماشىنا ۋە ئائىلە سايمانلىرى ئېلىپ بەرگەن، مەن، ھەمشىرەم ۋە ئانام ئۆزىمىزنىڭ ھاجەتلىرىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ماشىنىغىمۇ ئىگە بولالمايمىز، بىز سىرىتقا چىقماقچى بولساق، ئۇلارنىڭ بوش ۋاقىتلىرىغا توغرىلاپ، ئۇلاردىن رۇخسەت ئىلىپ چىقىشىمىز كېرەككەن، ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە ئۆزىنىڭ خاس نەرسىلىرىدىن بەھرىمان بولىدىكەن، ئەمما بىزنىڭ ئائىلىمىزدە ئۆزىمىزنىڭ خاس نەرسىلىرىمىزدىن بەھرىمان بولۇش ھەققىمىز يوق ئىكەن، بۇ ئىشنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.ئىسلام توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىش
مەن دەھرىلەرنىڭ تور بەتلىرىدىن: ئىسلام تەپەككۇر-پىكىر قىلىشتىن چەكلەيدۇ دېگەن سۆزلەرنى ئوقۇدۇم، مۇشۇنداق شۈبھىلەرگە قانداق رەددىيە بىرىشىم كېرەك؟.بەزىلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن چېقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇبھانەللاھ دەيسىز بولمىسا سىز شەيتاننى ياخشى كۆرگەن بولىسىز دەيدۇ بۇ توغرىمۇ؟
بەزىلەر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىغا "ئاللاھ" دېگەن سۆزنىڭ شەكلىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە "مۇھەممەد" دەپ يېزىلغان قوينىڭ سۈرەتلىرىنى چىقىرىدۇ، ۋە سىز بۇ ئورۇندىن چېقىپ كېتىشتىن بۇرۇن سۇبھانەللاھ دەڭ دەيدۇ، ياكى قورقۇنۇچلۇق بىر سۈرەتنى قويۇپ "شەيتاننى ياخشى كۆرىدىغانلار قارىمىسۇن، ياخشى كۆرمەيدىغانلار "ئاللاھۇ ئەكبەر" دەپ يازسۇن دېگەندەك ئۇچۇرلارنىي تارقىتىدۇ. بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز؟.ئاتا-ئانىنىڭ قىز پەرزەنتىگە بېرىدىغان ئەركىنلىكىنىڭ دائىرسى توغرىسىدا
مەن ئاۋىستىرالىيدە ياشايمەن بالاغەت يېشىدىكى بىر قىز بولۇپ، ئاتا-ئانام ماڭا بەك چەكسىز دائىرىدە ئەركىنلىك بېرىۋېتىدۇ، بۇ توغرىدا ئاتا-ئانامغا قانداق خەۋەر بېرىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ھېيت كۈنىدە قانداق پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك؟
ېيت كۈنلىرىنى ئائىلىدە قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. (ھېيت كۈنلىرىدە چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارنى قىلماڭلار، ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان سورۇنلارغا بارماڭلار، كىنوخانىلارغا بارماڭلار..... قاتارلىق ئىشلارنى زىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سورايمەن. چۈنكى بىز بۇ ئىشلارنى قىلمايمىز.) سىلەردىن سورايدىغىنىم: مۆمىنلەر ھېيت كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولساڭلار؟. ھېيت كۈنلىرىدە قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشساق توغرا بولىدۇ؟. ئەر-ئاياللارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان جايلارغا بېرىپ غىزالىنىشى توغرىمۇ؟. دىنى ئالىملار ھېيت كۈنلىرىنى قانداق ئۆتكۈزىدۇ؟. بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئۆز- ئارا چۈشىنىشمەسلىك، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنى ئۈزۈشكە سەۋەب بولدى
دادام بىلەن ھاممام ئارىسىدا يۈزبەرگەن ئائىلىۋى ئىختىلاپ ئارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقنىڭ ئۈزۈشلىرىگە سەۋەب بولدى. ھاممام بىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بىز زىيارەت قىلمايمىز. بىزگە گۇناھ بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.