ئۆزىنى پەرۋىش قىلىش-تەربىيلەش
يالغۇز قالسا چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىدۇ، بۇنىڭ چارىسى نېمە؟
مېنى ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىبىدىن قۇتقۇزۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئىسلام دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ئەخلاقلىق بىر مۇسۇلمان، ھازىرمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا شۇنداق، لېكىن يالغۇز قالغاندا مېنىڭ مۇسىيبىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، ناچار پىلىم، سۈرەت، ئەخلاقسىز سىن فېلىملىرىنى يوشۇرۇنچە ئاچىمەن، ئاللاھنىڭ مېنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ھەر قېتىمدا مۇشۇنداق ناچار ئىشنى قىلىمەن، پەقەت بۇنى كۆرۈش ئەمەس بەلكى قول بىلەن ئانانىزىم قىلىمەن، مەن توي قىلغان، پەرزەنتلىرىم بار، مەن ئۆزۈم بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا سادىر قىلىۋاتقىنىمنىڭ ھايۋانىي قىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، بۇ قىلمىشىمنىڭ ياخشىلىقلىرىمنى ئۆچۈرۈپ بەلكى يوق قىلىۋېتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمەن، ناماز ئوقۇيمەن، تەۋبە قىلىمەن، بىر-ئىككى كۈن سەبىر قىلىمەن، ئاندىن يەنە قىلمىشىمغا قايتىمەن، كۆڭلۈمدە شۇ ناچار سۈرەت، فېلىملەرنى ئېچىش، كۆرۈش، پاھىشە قىلىشقا بولغان كۈچلۈك بىر رىغبەتنى ھېس قىلىمەن، نېمە قىلىشىمنى بىلمەيمەن؟، مەن پەرۋەردىگارىم مېنى شۇ ھالەتتە ۋاپات تاپتۇرسا دوزاخقا كېرىدىغانلىقىمنى بىلىمەن، ئۆزۈمنى تۇتالمايمەن. مېنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن.دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئامىللىرى
ئىنساننى دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا ئىلىپ بارىدىغان ئاساسلىق ئامىللار نېمىلەردىن ئىبارەت؟. مەن كۆپلىگەن پىتنە، شەھۋەت ۋە شۈبھاتلارنىڭ ئارىسىدا ياشايمەن، يولدا كېتىۋاتقاندا، ئۆيگە كەلگەندە ناخشا ئاڭلاپ تۇرىمەن، ھەتتا ئۆيىمىزگە كوچىلاردىن ناخشا ئاۋازى كېرىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن پىتنىلەر بولىدۇ. ئۇستازلاردىن مېنىڭ توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرىشىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن.ئىنسان دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟
ئىنسان دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟، ئەگەر پىتنىگە چۈشۈپ قالسا بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.گۇناھ مەسىيەتنىڭ ئەقىدە-ئەخلاق بىلەن بولغان ئالاقىسى
گۇناھ-مەسىيەتكە چۈشۈپ قىلىش، ئەقىدىسى بۇزۇلغانلىق ياكى ئەقىدىدە شەك-شۈبھە پەيدا بولغانلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.گۇناھ مەسىيەتنىڭ ساھىبىغا بولغان تەسىرى
مەن ھەج قىلىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئۆزۈمدىن ھېساب ئالدىم، تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىش جەھەتتە قىلغان ھەججىمنىڭ قوبۇل بولغانلىق ئالامەتلىرىنى كۆرمىدىم بەلكى كۆپ گۇناھ-مەسىيەت سادىر قىلدىم، ئۆتكەن يىلى ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئانام ئۈچۈن ھەج قىلىشنى مەقسەت قىلدىم، بەزى ئۇستازلاردىن سورىسام، ئۇلارمۇ مەن مەقسەت قىلغاندەك ئانام ئۈچۈن ھەج قىلىشقا بۇيرىدى، مەن كۆپ ئىستىغفار ئېيتتىم، ئاللاھغا ئىلتىجا قىلدىم، مەلۇم بىر ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرگە ئانام ئۈچۈن ھەج قىلدىم، ۋىدالىشىش تاۋاپىدا، بەك قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتتى، بىز بىر ياكى بىر يىرىم قېتىم تاۋاپ قىلىپ بولۇپ ھەرەمنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقتۇق، بەك قىستاڭچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىز تۆۋەندىكى مەيداندا توختىغان ئورنىمىزنى كەسكىن جەزىم قىلىش بىلەن بىلەلمىسەكمۇ، ئەمما تىرىشچانلىق قىلىش بىلەن ئۈستىدىكى تاۋاپنى ئاستىدىكى مەيداندا توختىغان ئورۇندىن باشلاپ ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردۇق. ئاخىرقى قېتىم ھەج قىلغاندىن كېيىن، گۇناھ-مەسىيەتكە يۈزلىنىپ، كۆپ خاتالىق سادىر قىلدىم، دىلىمنىڭ سىقىلىپ، قەلبىمنىڭ قاساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، تائەت-ئىبادەتكە يۈزلەنگەن ۋاقتىمدا لەززەتنى ھېس قىلدىم، مۇشۇ زاماندىكى ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق قايغۇرىمەن ۋە تەسىرلىنىمەن، مەن قىلغان ھەججىم ۋە تاۋاپىم توغرىسىدا ئىككىلىنىشتە بولۇپ قالدىم. ماڭا بۇ توغرىدا پەتىۋا بېرىشىڭلارنى سورايمەن.مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا
دىنى جەھەتتە مەلۇم كەمچىللىكلەر بولغان كىشى ئۆزىنى قانداق قىلغاندا ئىسلام تەربىيىسىدە يېتىشتۈرەلەيدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.شەيتاننىڭ ئىنسانغا بولغان ئاداۋىتى
شەيتان ھەققىدە بەزى مەلۇماتلارنى بىلىۋېلىشىم ئۈچۈن ماڭا ياردەم بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟زىنا قىلىش پىكرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك
مۇسۇلمان ئەر ياكى ئايالنىڭ كۆڭلىدە زىنا قىلىش توغرىسىدا پىكىر پەيدا بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.قەلبدە ئىمان سۇسلاشسا قانداق قىلىش كېرەك؟
بىز ئەرەب ئىسلام دىيارىدا ياشايمىز، لېكىن دىيارىمىزدا ئىماننىڭ تەمىنى تېتىيالمايمىز، بىزگە ئاللاھ تائالانى ئەسلىتىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ ئازلىقىدىن شىكايەت قىلىمىز، ئاللاھ تائالا سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن بىزگە مەنپەئەتلىك بولغان كۆرسەتمىلەر بىلەن نەسىھەت قىلىشىڭلارنى سورايمىز.سالىھ دوست-بۇرادەرلەردىن ئايرىلغاندا ئىماننىڭ ناقىسلىقىنى ھېس قىلىش توغرىسىدا
بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن باشلاپ ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتىمەن، بەزى سالىھ دوست-بۇرادەرلىرىم بىلەن بىرگە تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا، ئىمانىمنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمەن، خىزمەت ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىن ئۇلاردىن ئايرىلغان ۋاقىتلاردا ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى سىزىمەن، بۇ ھەقتە ماڭا توغرا يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟.ئىنسان نەپسىدە يامانلىق ياخشىلىقتىن غالىب كەلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ئىنسان ئۆز نەپسىدە بىر يامانلىقنى ھېس قىلسا ۋە بۇ يامانلىق ياخشىلىقتىن غالىپ كەلسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.