ھەديسشۇناسلىق
بەش ۋاقىت نامازنى ئاللاھ تائالا بۇيرىغان شەكىلدە ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغان كىشىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا
"كۈنزۇل ئەئمال" ناملىق ئەسەردە بايان قىلىنغان بۇ ھەدىسلەر سەھىھمۇ؟ 1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس بولۇپ: كىمكى قىيامەت كۈنىدە بەش ۋاقىت نامازنى تاھارەتنى كامىل ئىلىپ، ئۆز ۋاقتىدا، رۇكۇ-سەجدىلىرىگە رىئايە قىلىپ تولۇق ئادا قىلغان ھالەتتە كەلسە، ھېچ بىر پەرز، ۋاجىپ، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرىنى چالا قويمىسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بار، كىمكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر بويىچە تولۇق ئادا قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابلىماسلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا خالىسا رەھمەت قىلىدۇ، ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ. 2-ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس: بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلغان كىشى ئۈچۈن قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئۇنى ئازابلىمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدىسى بار، كىمكى بەش ۋاقىت نامازنى ئۆلچەملىك تولۇق ئادا قىلمايدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۈ كىشى ئۈچۈن ئازابلىماسلىق توغرىسىدا ۋەدە بولمايدۇ، ئاللاھ خالىسا كەچۈرۈم قىلىدۇ ۋە خالىسا ئازابلايدۇ. 3- ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىس: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر بەندەم بەش ۋاقىت نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلسا، مېنىڭ ئۇنى ئازابلىماسلىق ۋە ھېساب ئالماستىن جەننەتكە كېرگۈزۈشگە ۋەدەم بار.ساغلام ئەقىل قۇرئاننىڭ ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ قارىشىغا زىت بولمايدۇ
ئىبنى جەۋزىي رەھىمەھۇللاھنىڭ: "ساغلام ئەقىلگە زىت بولغان ھەدىسنى كۆرسەڭ ئۇنى توقۇلما دەپ بىلگىن" دېگەن سۆزى بويىچە، نۇرغۇن ھەدىسلەر ساغلام ئەقىلگە زىت كېلىدۇ. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىننى بوينىدىن تۇتىۋالغانلىقى، تۆگىنىڭ جىندىن يارىتىلغانلىقى، دەرەخنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكى قاتارلىق ھەدىسلەردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟ توغرىسىدا سورايمەن.رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ ئەسلى يوق
بەزى كىشىلەر رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيى كىرگەندە: كىمكى بۇ پەزىلەتلىك ئاي كىرگەندە كىشىلەرنى تەبرىكلىسە، ئۇنىڭغا دوزاخ ھارام قىلىنىدۇ، دېگەن سۆزنى ھەدىس دەپ بىر-بىرىگە يەتكۈزىدۇ، بۇ سەھىھ ھەدىسمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەلىكىدىكى يالغان خەۋەر توغرىسىدا
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مىراجدىن قايتقاندا ياتىدىغان ئورنى تۇرغان ۋاقىتتىكىدەك ئىسسىق ھالەتتە ئېدى، دۈم قىلىنغان قاچىدىكى سۇ تامچىلاپ تۇرغان، ئېشىكنىڭ زەنجىرىسى ئۆيدىن چىققان ۋاقتىدا لىڭىشىپ تۇرغانچە قايتىپ كەلگۈچە شۇنداق تۇرغان دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ئاۋازىنى كۆتۈرگەنمۇ؟ ۋە خەلىپە ئايالىنىڭ ۋاقىرىشىغا گەپ قىلماستىن سەبرى قىلغانلىقى راستمۇ؟
بەزى تور سەھىپىلىرىدە تارقالغان بۇ قىسسىنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سورىماقچىمەن. بىر كىشىنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ۋارقىراپ جاۋاپ قايتۇرغاندا، بەك ئاچچىقى كېلىپ، ئايالى توغرىسىدا شىكايەت قىلماقچى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېرىش ئۈچۈن ئېشىكنىڭ يىنىغا كەلگەندە، ئۆيدىن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالىنىڭمۇ خەلىپىگە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ خەلىپىگە شىكايەت قىلىشتىن ۋاز كېچىپ كەينىگە قايتقان، دېگەن قىسسىنىڭ ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر شۇنداقلىقى توغرا بولسا، ئايالنىڭ يولدىشىغا ئاۋاز كۆتۈرۈپ سۆزلىشىنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل قىلغىلى بولامدۇ؟. ئاللاھ سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن!. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كۆپ خوتۇن ئالغانمۇ؟
مەن تور بەتتە بىر ماقالىنى ئوقۇسام ئۇنىڭدا: ھەسەن ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ توقساندىن كۆپ خوتۇن ئالغان دەپ يېزىپتۇ، بۇنىڭغا نىسبەتەن سىلەرنىڭ قارىشىڭلار قانداق؟.ھەدىسدىكى "رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كۈنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا" دېگەن سۆز توغرىسىدا
مەن بىر ھەدىس ئوقۇدۇم، مەن ئۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ ياكى سەھىھ ئەمەسلىكى توغرىسىدا سورايمەن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «رامزاننىڭ ئون بەشىنچى كۈنى جۈمە بولسا، ئارامسىزلىق، تەۋرىنىش بولىدۇ، بۇ ئۇخلىغاننى ئويغىتىدۇ، ئويغاقلارنى بىئارام قىلىدۇ، ئاياللارنى ھۇجرىلىرىدىن چىقىرىدۇ، مۇشۇ كۈندە كۆپ يەرتەۋرەش بولىدۇ». ئاللاھ خالىسا سىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن؟.زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت ۋە خاتالىق سادىر قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا
ھەدىسلەردە زىنا قاتارلىق جىنايەتلەر سادىر بولسا ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتىدۇ؟ دەپ كەلگەنمۇ؟، يالغۇز زىنا قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئەرشى تەۋرەپ كېتەمدۇ ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە بەچچىۋازلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەنمۇ تەۋرەپ كېتەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.رەسۇلۇللاھنىڭ ئەخلاقىدا قۇرئان كەرىمدە ئىپادىلەنگەن گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇجەسسەملەشكەن
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنى سۈپەتلەپ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى قۇرئاندۇر دېگەن، مەن بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى كۈچلاندۇرىدىغان دەلىللەرنى بىر قانچە سائەت ئىزدەپ تاپالمىدىم، بۇنى تەكىتلەپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى
ئالتە كىتاپنىڭ ئاپتورلىرى كىم ، ئۇلارنىڭ كىتاپلىرىدا ئاجىز ھەدىيسلەر بارمۇ ؟