ھەيز ۋە نىپاس
ھەيزنىڭ ئەڭ ئۇزاق ۋاقتى ئون بەش كۈن بولىدۇ دېگەن سۆزنىڭ دەلىلى نېمە؟، پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟
كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ ھەيزنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى ئون ئۈچ كۈندىن ئون بەش كۈنگىچە بولىدۇ دېگەن سۆزىدە تايانغان دەلىللەر قايسى؟، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا پاكىزلىقنىڭ ئەڭ كۆپ مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە قۇرئان-ھەدىستىن دەلىللەرنى بايان قىلىپ بېرىش بىلەن تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەيىزدار ئايال ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇغاندا قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
مەن ئايلىق ئادەت كۆرۈپ قالغاندا ئاي تۇتۇلۇش نامىزى ئوقۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.نىپاسنىڭ قىنى توختاپ مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن قان تامچىلىرىنى كۆرگەن ئايالنىڭ بۇنداق ھالەتتە تۇتقان روزىسىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟
مەن شەئبان ئېيىدا يەڭگىدىم، ئاندىن ماڭا مەلۇم بىر كېسەللىك يەتتى، نىپاس قىنى پەقەت ئۈچ كۈن كېلىپ ئاندىن ئۈزۈلدى، مەن يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇدۇم، شەئبان ئېيى ئاخىرلاشقانغا قەدەر مەندىن قان كەلمىدى، رامىزان باشلاندى، رامزاندىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، دوختۇر ماڭا باكتىرىيىگە قارشى دورا يېزىپ بەردى، مەن روزىدار ئىدىم، لېكىن كۈندۈزى ھېچ بىر قان تامچىسى كەلمەيدۇ، شامدىن ئىلگىرى كىچك قان تامچىلىرى كېلىدۇ، رامىزان بويىچە شۇنداق ھالەتتە قالدىم، پاك بولغان ياكى بولمىغانلىقىمنى بىلمىدىم، لېكىن شۇنداقتىمۇ رامزاندا تولۇق روزا تۇتتۇم، مېنىڭ تۇتقان روزام توغرا بولدىمۇ ياكى ئۇ كۈندىكى روزىنى قايتىدىن تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئىپتاردىن كېيىن ھەيزنىڭ قېنىنى كۆرگەن بولسا، قاننىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن ياكى كىيىن كەلگەنلىكىدىن شەكلەنسسە قانداق قىلىدۇ؟.
رامىزان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئىپتاردىن كېيىن ھەيزنىڭ قىنى كەلگەنلىكىنى كۆردۈم، لېكىن مەن ئۇ قاننىڭ ئىپتاردىن بۇرۇن ياكى كېيىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن، ئاشۇ كۈندىكى روزام قانداق بولىدۇ؟ قازاسىنى قىلىشىم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.يىپتەك قان ئارىلاشقان ئاجرالما(تەرگە ئوخشاش نەرسىلەر) كەلسە قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
مەندىن ئاپپاق تەرگە ئوخشاش ئاجرالمىلار كېلىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يىپتەك قان بار، مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم كەلمىگىلى ئىككى ئايچە بولدى، ھازىر ئايلىق ئادەت كېلىدىغان ۋاقتىم، مەن بۇنىڭ ھەيز ئەمەس ئىكەنلىكىنى سېزىۋاتىمەن، مەن بۇ ھالەتتە روزا تۇتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.نىپاس قېنى توققۇز ئاي داۋاملاشقان ئايالنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
دوستۇمنىڭ نىپاس مۇددىتى توققۇز ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، دوستۇم بۇ مۇددەت ئىچىدە بەك ئاز ناماز ئوقۇپتۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئاساسەن ناماز ئوقۇماپتۇ، ھازىر قانداق قىلىشى كېرەك؟، ئەگەر بىز نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتىنى ئاتمىش كۈن دېسەك، قالغان ۋاقىتتىكى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟، ئەگەر قازاسىنى قىلسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.تولۇق پاكلانغاندىن كىيىن كەلگەن بىر قانچە تامچە قان ھەيز ھېسابلانمايدۇ
رامزاندا تۆت كۈن روزا تۇتتۇم، ئاندىن ئادەت كۆردۈم، ئادىتىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن يۇيۇنۇپ پاكلاندىم، روزا تۇتۇشنى باشلىدىم، لىكىن بۇ جەرياندا بىر قانچە تامچە قان كەلدى ۋە توختىدى، پاكىزلىنىپ روزا تۇتتۇم، ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، رامىزان ئاخىرلاشقىچە شۇنداق داۋاملاشتى، بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتەچۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھامىلدارلىقتىن چەكلىنىش دورىسى ئىستىمال قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى قالايمىقانلاشقانلىقى توغرىسىدا
مەن سالامەتلىكىم ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن توغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلەتتىم، بەزى كۈنلىرى دورا ئىستىمال قىلىشنى ئۇنتۇپ قالدىم، ھازىر مەندىن قان كېلىشكە باشلىدى، قان كېلىۋاتقان كۈنلىرىمۇ ئىككى كۈن ناماز ئوقۇيمەن، لېكىن بۇنىڭدىن گۇناھ ھېس قىلىمەن، بۇ ئىشتىكى توغرا قاراش قايسى؟ مەن سالامەتلىك سەۋەبىدىن تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلىتىمەن، بۇنىڭدىن ئېرىمنىڭمۇ خەۋىرى بار، مەن يا تۇغۇت چەكلەش دورىسى ئىشلىتىشىم ياكى سالامەتلىككە قارشى يۈزلىنىشىم كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاك بولغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان ئايال قانداق قىلىدۇ؟ روزا تۇتۇپ، نامازنى ئادا قىلىۋېرەمدۇ؟
ئايلىق ئادىتىم توشىدىغان ئاخىرقى كۈنى تاڭ يورۇشتىن ئىككى سائەت بۇرۇن سېرىق ئارىلاش نەرسىلەر كەلدى، ئاندىن ئۇخلىدىم، كىلىدىغان نەرسە تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن توختىدىمۇ ياكى تاڭ يورىغاندىن كېيىنمۇ بۇنى بىلمەيمەن، ئەتتىگەندە كىلىدىغان نەرسىنىڭ توختىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدىم، ئاندىن يەنە ساقلاپ باقتىم بىر نەرسە كەلمىدى، پىشىنغا ئەزان ئوقۇلغاندىن كىيىن يۇيۇندۇم، مەن پىشىن نامىزىنىلا ئوقۇشۇم كېرەكمۇ ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭمۇ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟رامزاندىن كىيىن مۇشۇ كۈندىكى روزىنىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.روزىدار ھالىتىدە نىپاسنىڭ قىنى كەلسە قانداق قىلىدۇ؟
ئايال نىپاستىن بىر ھەپتىدە پاكلىنىپ، رامىزان ئېيىدا بىر قانچە كۈن مۇسۇلمانلار بىلەن بىرگە روزا تۇتقان بولسا، ئاندىن يەنە قان كەلگەن بولسا، بۇ ھالەتتە روزىسىنى بۇزامدۇ؟، ئىلگىرى روزا تۇتقان كۈنلىرىنىڭ ۋە روزىنى بۇزغان كۈنىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەيزدىن پاك بولغاندىن كىيىن سېرىقلىق كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا
بىر ئايالدىن دەسلەپتە تۆت كۈن ھەيز كېلىدۇ، ئاندىن بەشىنچى كۈنىدە ھەيز ئۈزۈلىدۇ، ئالتىنچى كۈنى ئازراق كېلىدۇ، يەتتە، سەككىز ۋە توققۇزىنچى كۈنلىرى پەقەت چۈش ۋاقتىدىلا ھەيزنىڭ قېنىغا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، ئون بىرىنچى كۈنى سېرىق بىر نەرسىلەر كېلىدۇ، بىلىشىمچە ئۇ ئايال ئاق-سۈزۈك بىر نەرسىنى كۆرمەيدۇ ياكى قويغان پاختىنى ئاق ھالەتتە كۆرمىسە، ئۇنداق ئەھۋالدا ئون بىرىنچى كۈنى تۇتقان روزىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى ئېشىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا
رامىزان ئىچىدە ئايالىم ئايلىق ئادىتى يەنى ھەيز كۆرۈپ قالغاندا تۇغۇت چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا باردى. شۇنىڭ بىلەن ئايلىق ئادەت كۈنى ئېشىپ كېتىپ، ئون بىر كۈن روزا تۇتالمىدى. بۇنىڭدىن تۆت كۈن ئىچىدە كەلگىنى ھەيز ئەمەس بەلكى ئۆزلىكىدىن سىزىپ چىققان قان ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى، بۇ كۈنلەرنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ تۆت كۈن ئۈچۈن كاپارەت كېلەمدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.پاكلىق كۈنلىرىدە قان تامچىسىنى كۆرسە روزا تۇتامدۇ؟
ھاجەت ئادا قىلغىلى ھاجەتخانىغا كىرگەندە قان تامچىسىنى كۆردۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەيز كۆرۈپ قالغان ئوخشايمەن دەيدىغان شەك پەيدا بولدى، مەن نامازنى ئوقۇپ، روزا تۇتىۋىرىمەنمۇ ياكى قانداق قىلىمەن؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ھەيز كېلىپ بىر كۈندىن كېيىن دۇغ بىر نەرسىلەرنىڭ كەلگەنلىكى توغرىسىدا
تۇنجى كۈنى ئادەت كەلدى، كېيىن توختاپ قالدى، ئاندىن جىگەررەڭ ئاجراتمىلار چۈشتى، يەنى مېنىڭ ئادىتىم تۆت كۈن بولاتتى، ئۇنىڭدىن بىر كۈنى كېيىن ھېچ نەرسە كەلمىدى، مەن يۇيۇنۇپ، تەراۋىھ نامىزى ئوقۇدۇم، قۇرئان تىلاۋەت قىلدىم، روزا تۇتتۇم، ئاندىن كېيىن كېچىدە يەنە ئادەت كىلىپ قالدى، مەن بۇ كۈننىڭ قازاسىنى قىلىمەنمۇ؟ تىلاۋەت قىلغان قۇئان ئايەتلىرىنىمۇ قايتىدىن تىلاۋەت قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئادەت كۆرۈپ قالغان ئايال بامدات ۋاقتىدىن بۇرۇن پاكىزە بولسا، ئۇ ئايالغا شام بىلەن خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقى توغرىسىدا
ھەيزدىن پاك بولۇپ كېچىدە يۇيۇنغاندا قانداق ناماز ئوقۇيمەن؟، يالغۇز خۇپتەن نامىزىنى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شام بىلەن خۇپتەننى ئادا قىلىمەنمۇ ياكى شۇ كۈنلۈك نامازنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىمەنمۇ؟، بىلىشىمچە، قاننىڭ تولۇق توختىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ۋە تولۇق ئاقلىقنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر كۈن ئارىلىق بېرىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.ئۆمرە پائالىيتىنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ئادەت كۆرۈپ قالغانلىق توغرىسىدا
مەن ئىككى كۈن بۇرۇن ئايالىم بىلەن ئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەككىگە بارغان ئىدىم، ئايروپىلاندا ئېھرامغا كىرىشنى نىيەت قىلدۇق، مەككىگە يىتىپ كەلگەندىن كېيىن يۈك-تاقىلارنى قويۇپ قويۇش ئۈچۈن ياتاققا باردۇق، مېھمانخانىغا كەلگەندىن كېيىن ئايالىم ئۆزىنىڭ ئادەت كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئۇنىڭغا پىديە كېلەمدۇ؟ قانچىلىك مىقداردا كېلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئاياللارنىڭ ئەھۋالى
خۇن كېسىلىگە گىرىپتار بولغان قىز-خانىملار ھەيز بىلەن خۇن كېسىلى بولغان مەزگىلنى قانداق ئايرىيدۇ ۋە نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىلگەن بولسا.ھەيزدىن پاك بولغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالماستىن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتقان ئايال توغرىسىدا
بىر كېچىسى سۇھۇر ۋاقتى بىلەن يۇيۇندۇم، چۈنكى مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم بۈگۈن ئاخىرلىشاتتى، سۇھۇرلۇق يېدىم، روزا تۇتتۇم، ناماز ئوقۇدۇم، بامدات ۋاقتىدىن باشلاپ شام نامىزىغا ئەزەن چىققان ۋاقىتقىچىلىك ھېچ نەرسە كەلمىدى، شام نامىزى ئوقۇشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىمدا ئايلىق ئادىتىمنىڭ تولۇق ئاخىرلاشقانلىقى ئوچۇق بولدى، مېنىڭ شۇ كۈنلۈك تۇتقان روزا ۋە ئوقۇغان نامىزىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.نىپاس ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ھامىلدارلىقتىن چەكلەش ئۈزۈكى سالدۇرغانلىق سەۋەبىدىن قان كەلگەنلىكى توغرىسىدا
مەن رامزاندىن ئون كۈن ئىلگىرى نىپاسنىڭ قىنى ئۈزۈلگەندىن كىيىن رامزاندىن ئىككى كۈن بۇرۇن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈزۈكى سالدۇرۇش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ يېنىغا باردىم، ئاندىن كىيىن قايتىدىن قان كېلىشكە باشلىدى ھەتتا بۈگۈنگىچىمۇ كېلىۋاتىدۇ، روزا تۇتۇپ، نامازنى ئوقۇۋىرىمەنمۇ؟ مەن شۇنداق قىلىۋاتاتتىم، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئايلىق ئادىتى تۇراقسىز بولۇپ قالسا، ناماز ۋە روزىنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
بىرقانچە يىللار ئىلگىرى مەن بالاغەتكە يېتىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن ئائىلىمىزدىكىلەر ھەجگە بېرىشنى قارار قىلدى، سەپەرگە چىقىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئايلىق ئادىتىم كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئانام مەندىن ھەيز توختىتىش دورىسى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى، مەن شۇنداق قىلدىم، شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئايلىق ئادىتىم تەرتىپسىز بولۇپ قالدى، ھەتتا بەزى ۋاقىتتا ئادەت كۆرمەي بىر قانچە ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ، بۇ يىل رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن 10 كۈن ياكى 11كۈن ئەتراپىدا ئادەت كۆردۈم، ئاندىن توققۇز كۈندىن كېيىن يۇيۇنۇپ پاك بولدۇم، يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن ئادەت كېلىپ قاپتۇ، چوڭ ئاپام ماڭا رامزاننىڭ ئاۋۋالقى كۈنىدە روزا تۇتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلدى، ئاينىڭ ئاۋۋىلىدە ئىككى كۈن روزا تۇتمىدىم، ئاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ ئۈچىنچى كۈنى ئادەت كېلىپ تۇرسىمۇ روزا تۇتتۇم، بۇنداق بولىشى مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قېلىن لاتا ياكى پاختا قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇپ، پاكىزلىققا رېئايە قىلىپ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغانلىق توغرىسىدىكى ھەدىسىنى ئوقۇغاندەك قىلغان، چۈنكى ئۇ ھەيزنىڭ قېنى بولمىغاندىن كېيىن ناماز ئوقۇپ، روزا تۇتسام توغرا بولىدۇ دەپ ئويلايمەن، مېنىڭ قانداق قىلىشىم توغرىسىدا ئوچۇق چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.