يېڭى جاۋابلار
كېچىك بالىنىڭ جىنازا نامىزى توغرىسىدا
سەككىز ياشلىق بالا ۋاپات بولسا، يۇيۇپ كېپەنلىنىپ، نامىزى ئوقۇلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.21-09-2023ئىسپىرت تەركىبلىك سۇيۇقلۇق بىلەن ئېغىزىنى يۇيۇش توغرىسىدا
بەزى يېقىنلىرىم ماڭا: "لەستەرىنە"ناملىق ئېغىز يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرتلىق ماددىلار بار ئىكەن. ئەگەر ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئسپىرت ماددىلىرىنىڭ مىقدارى مەس قىلغۇچىلىك دەرىجىدە بولمىسا، بۇنىڭ ھاراملىقىنىڭ باشقا بىر سەۋەبى بارمۇ؟، ياكى ئۇنى ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.19-09-2023سەكرات گۇناھلارنى يەگىللىتەمدۇ؟
سەكراتنىڭ قېيىن بولىشى گۇناھلارنى يەگىللىتەمدۇ؟، شۇنىڭدەك كېسەللىكمۇ گۇناھنىڭ يەڭگىللىشىگە سەۋەپ بولامدۇ؟ ئاللاھ ياخشى مۇكاپات بەرسۇن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.17-09-2023سۈرەت بار كىيىملەردە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
سۈرەت بار كىيىملەردە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.15-09-2023ئاجرىشىش قەغىزىگە ئىمزا قىلىش تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟
مەھكىمىدىن ئەر كىشىگە ئاجرىشىش توغرىسىدىكى ئانكىت قەغىزى بېرىلگەن بولسا، ئۇنىڭدا: ئايالىمنى تالاق قىلدىم دەپ يېزىلغان بولسا، ئەر ئۇنىڭغا ئىمزا قىلغان بولسا، بۇ تالاق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.13-09-2023بىر قىزغا توي تەكلىپى قويغۇچى، قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يېشىنى دېمىسىمۇ بولامدۇ؟
مەن ئۆزۈمدىن خىلى بەك كېچىك بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مېنىڭ ھەقىقى يېشىمنى دېمەسلىككە كېلىشتۇق، مېنىڭ يېشىمدىن ئاز بولغاندا ئون ياشنى يوشىرىمىز، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرىمۇ ياكى يالغانچىلىق بولامدۇ؟ ئاللاھ سىلەرگە ۋە ئىلمىڭلارغا بەرىكەت بەرسۇن، قىسقا ۋاقىتتا جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن، چۈنكى بىز ھۆكۈمگە كۆرە مۇناسىپ بىر يول تۇتىلى دېگەن؟.11-09-2023دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ تەكشۈرتۈش ھەققىنى بەرمىگەن كىشى قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا
مەن داۋالاش ئامبۇلاتورىيىسىگە تەكشۈرتۈش ئۈچۈن باردىم، مېنىڭ خوشنام بۇ شىپاخانىدا خىزمەت قىلاتتى، بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققى ئىككى يۈز رىيال ئېدى، لېكىن خوشنام خوشنىدارچىلىقىمىز ئۈچۈن مەندىن تەكشۈرۈش ھەققىنى ئالدى، بۇ ئىش ئىككى قېتىم پۇلسىز ئېلىپ بېرىلدى، مەن تەكشۈرۈش ھەققىنى ئۆتەي دېسەممۇ ئۇنىمىدى، بۇنىڭدا ماڭا گۇناھ بولامدۇ؟، شىپاخانىدا دوختۇرنىڭ شۇنداق قىلىش ھەققى بارمۇ؟، بىلىشىمچە تەكشۈرۈش ئۈسكىنىسى شىپاخانىنىڭ، مەن دوختۇرنىڭ ئۆز يېقىنلىرى ۋە تۇغقانلىرىغا باھانى چۈشۈرۈپ بېرىش ھەققى بار دەپ قارىمايمەن، مەن بۇ ئىشتىن بەك ھەيران قالدىم، مەن ئىككى قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىنى بېرىشىم كېرەكمۇ؟ ياكى بەرمىسەممۇ توغرا بولامدۇ، بۇنىڭ گۇناھى دوختۇرغا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.09-09-2023بىر دۇكاندىن كېيىم سېتىۋېلىپ كېيىن بۇ دۇكاننىڭ ئوغۇرلانغان كىيىملەرنىمۇ ساتىدىغانلىقىنى بىلگەنلىك توغرىسىدا
مەن دوستۇم ئاچقان بىردۇكاندىن كىيىم سېتىۋالدىم، كېيىن بۇ دۇكاندا ئوغۇرلانغان كىيىملەرنىڭ سېتىلىدىغانلىقى ئاشكارا بولدى، ھازىردىن باشلاپ بۇ دۇكاندىن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنىڭ ماڭا ھالال بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم، لېكىن بۇنى بىلىشتىن ئىلگىرى سېتىۋالغان كىيىملەرنى قانداق قىلىمەن؟، ئۇنى كىيىم ھالال بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.07-09-2023يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
بەزى ئىشلار ئۈچۈن ئايالىم بىلەن سىرتقا چىققان ۋاقىتتا يول يۈرگەندە ئىككى قولۇمنى كەينىمگە تۇتۇپ يول يۈرسەم، ئايالىم: يول يۈرگەندە ئىككى قولىڭىزنى كەينىگە تۇتۇپ يۈرمەڭ، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ شەكىلدە يول يۈرۈشتىن چەكلىگەن دېدى، مەن بۇ توغرىدىكى ھەدىسنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، لېكىن مەن بۇنداق يۈرۈشتە بىرسىگە تەقلىد قىلىپ يۈرمەيمەن، ئەمما بۇنداق يۈرسەم بىر خىل ئاراملىق ھېس قىلىمەن، مېنىڭ سوئالىم: شەرىئەتتە يول ماڭغاندا ئىككى قولىنى كەينىگە تۇتۇپ مېڭىشنىڭ ھۆكمى نېمە، ئوڭ قول سول قولنى تۇتىدۇ، بېلىگە قويىدۇ؟، بۇ ئىش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بارمۇ؟، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات ئاتا قىلسۇن.05-09-2023ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن"ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە" دېيەلەمدۇ؟
ۋاپات بولغان كىشى ئۈچۈن "ھەقىقەتەن بۇ كىشى ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئاستىدا" دېيىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.03-09-2023