ھەيزدار ئايالنىڭ قاچان روزا تۇتۇشى توغرىسىدا
سۇئال: 10052
ئايلىق ئادىتىم يەتتە كۈن بىلەن سەككىز كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، بەزى ئايلاردا يەتتىنچى كۈنىدە ھەيزنىڭ ئالامىتىنى ۋە پاكىزلىقىڭ ئالامىتىىمۇ كۆرمەيمەن، بۇنداق ھالەتتە ناماز، روزا ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
سىز ئاياللار ئارىسىدا تونۇشلۇق بولغان پاكلىقنىڭ ئالامىتى بولغان سۈزۈك ھالەتنى كۆرمىگىچە ناماز، روزا ۋە جىنسى مۇناسىۋەت ئىشلىرىغا ئالدىراپ كەتمەڭ، چۈنكى ھەيزنىڭ قېنىنىڭ توختىغانلىقى پاك بولغانلىقنى بىلدۈرمەيدۇ، پاكىز بولغانلىق دېگەن پاكلىقنىڭ ئالامىتىنى كۆرۈش ۋە ئىددەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بىلەن بىلىنىدۇ.
مەنبە:
شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالىرىدىن.