قەرزنى ئادا قىلغاندا قەرز بەرگۈچىگە ھەدىيە بېرىش ياكى مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ئەگەر مەن بىر كىشىدىن ئازراق قەرز ئالغان بولسام، قەرزنى قايتۇرۇشتىن بۇرۇن قەرز بەرگەن كىشى مەندىن ئۆزى ئۈچۈن بىر نەرسە سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ئۇ نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ كىشى ماڭا سېتىۋالغان نەرسىنىڭ پۇلىنى بېرىدىغان ۋاقىتتا، مەن ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ پۇلىنى بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ پۇلىنى مەن چۈشۈۋەتتىم دېسەم، گەرچە ئۇ كىشىدىن قەرز ئالغان مال ئۇ كىشى ماڭا بېرىدىغان مالدىن ئاز بولغان تەقدىردە توغرابولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.28-05-2023بىر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ ئۇ كىشىنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۈتۈش توغرىسىدا
تالاق قىلىنغان بىر ئايال پەقەت مەلۇم بىركىشى بىلەن توي قىلىشنى خالايدىكەن، ئۇ ئايالنىڭ ئارزۇسى ئاشۇ كىشى بىلەنلا توي قىلىش ئىكەن، يىللاردىن بىرى ئۇ كىشىنى ئىچىدىن ياخشى كۆرىدىكەن، ھەتتا ئۇ ئايال ئۆزىنىڭ ئۇكىشىگە مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ئوچۇق قېلىپ توي قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، لېكىن ئەر كىشى ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر قېيىنچىلىقى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئايالغا توي تەكلىپى قويۇشقا قادىر بولالماپتۇ، ئۇ ئىككىيلەننىڭ ھېچ بىرى ھېچ بىر ئىش توغرۇلۇق ۋەدە قىلىشماپتۇ، ئايال ئۇ كىشىنىڭ توي تەكلىپى قويۇشىنى كۈتۈشنى قارار قىلىپتۇ، بۇ توغرا بولامدۇ؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئايال ئەرگە سۆز قىلماپتۇ، ئايالغا بۇ ئىشتا گۇناھ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.27-05-2023خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى توغرىسىدا
بەزىلەر خۇپتەن نامىزىنى بامداتقا ئەزان ئېيتىلغانغا قەدەر ئوقۇسا بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر تەھەججۈت ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا خۇپتەننىڭ ۋاقتى ئاخىرلىشىدۇ دەيدۇ، يەنە بەزىلەر خۇپتەننىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىنى بېكىتىش ئۈچۈن خۇپتەنگە ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتتىن باشلاپ بامداتقا ئەزان ئېيتىلغان ۋاقىتقىچە بولغان ئارىلىقنى ھېسابلاپ ئىككىگە بولىمىز دەيدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى قانداق؟، بىلىشىمچە نامازنى ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈش ياخشى كۆرۈلمەيدۇ، بىز مۇشۇنىڭ ھۆكمىنى بىلىۋېلىشنى مەقسەت قىلىمىز.25-05-2023قەبرىستان ئەھلىگە قانداق سالام قىلىش توغرىسىدا
قەبرىستانلىققا كىرگەندە دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزى قايسى؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارغا دېيىلىدىغان ھۆرمەت سۆزىنىڭ پەرقى بارمۇ؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي ئاللاھنىڭ روسۇلى! دېسەك، قەبرىستانلىققا كىرگەندە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەي قەبرىستان ئەھلى! دېسەك توغرا بولامدۇ ياكى بۇ شېرىك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.24-05-2023قەسەم قىلىشقا يارىمايدىغان سۆزلەرنى ئېشلىتىپ قەسەم قىلغان بولسا قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
مەن قىزىمغا دېدىم: ئاللاھ بىلەن قەسەم! سەن يېقىندا تاياق يەيسەن دېدىم، بۇنىڭ مەنىسى: مەن سېنى يەڭگىل ئۇرىمەن دېگەن بولدى، ئېرىم ماڭا: " ئۇنى يەڭگىل ئۇرغىن" دېدى. مەن يولدۇشۇمغا: بۇ مېنىڭ قەسىمىم، ئۇنىڭدىن سەن كاپارەت بەرمەيسەن، مەن قىزىمغا: سەن يېقىندا تاياق يەيسەن دېدىم، يەنى مەن سېنى يەڭگىل ئۇرىمەن دېدىم، يولدىشىم ماڭا: سۆزنىڭ توغرا بولىشى ئۈچۈن سەن قىزىڭغا: يېقىندا تاياق يەيسەن دېدىڭ، يېقىندا سېنى ئۇرىمەن دېمىدىڭ دېدى، مەن يولدۇشۇمغا: بۇ بىزنىڭ ئادەتتە ئىشلىتىدىغان سۆزىمىز دېدىم، يولدىشىم بۇ سۆزدىن ئۆرپ-مەجاز مەنىسىنى مەقسەت قىلماي ۋاپا قىلىش ۋاجىپ بولىدىغان ھەقىقى مەنىسىنى مەقسەت قىپتۇ، مەن مۇشۇنداق ئۆرپىدە ئىشلىتىلىدىغان مەجاز سۆز بىلەن قەسەم قىلسام، بىزنىڭ ئادىتىمىزدە مەقسەت ئېنىق بولغان يەنە بىر مەنانىمۇ بىلدۈرىدىغان سۆز بىلەن قەسەم قىلسام، يولدىشىم دېگەندەك، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.22-05-2023ئېھراملىق كىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن زاكا ئىشتىنى كېيىۋېلىشىنىڭ ھۆكمى
ئېھراملىق كىشىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن زاكا ئىشتىنى كىيىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق بولسا ياكى كېچىك بالا بولسا بۇنى كىيسە، بۇ ئېھرامدا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.21-05-2023بىر كىشىدىن مال قەرز ئېلىپ، شۇ مالنى يەنە بىر يۇرتقا ئەۋەتمەكچى بولۇپ مال قەرز ئالغان كىشىگە ھەق بېرىپ بۇنىڭغا ۋەكىل قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
مەن بىر كىشىدىن مىڭ دوللار(1000) قەرز ئالدىم، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇ پۇلنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش ئۈچۈن( قەرز ئالغاننىڭ بەدىلىگە ئەمەس) ئەۋەتكەننىڭ ھەققىنى بېرىش بەدىلىگە قەرز ئالغان كىشىنى ۋەكىل قىلدىم، ئالغان قەرزنى تولۇق بىر ئايدىن كېيىن ئادا قىلىمەن، مېنىڭ بىر كىشىدىن قەرز ئېلىپ قەرزنى ئادا قىلماستىن يەنە شۇ كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ھەق بېرىش بەدىلىگە مالنى يەنە بىر يۇرتقا ئەۋەتىشىم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.20-05-2023ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالنىڭ كېسەل بولۇپ قالغان ئانىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چىقىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.19-05-2023ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ شەكلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ھالال بولمىغان يېمەكلىكلىرىنى يېسە توغرا بولامدۇ؟
مەن يوشۇرۇن مۇسۇلمان بولغان، ئانام تاماق پىشۇرۇش ئۈچۈن قازانغا ھالال بولمىغان گۆش سالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك كۆكتاتلارنى سالدى، يىمەكنى تەييار قىلدى، مەن ھالال بولمىغان گۆشنى يېيىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەرگە: مەن گۆشنى ياقتۇرمايمەن دەپ تۇرىمەن، لېكىن ئائىلە پىشۇرۇلغان بۇ يىمەكنى يېسە بولىدىغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى گۆش قازاننىڭ ئاستىدا، كۆكتاتلار ئۈستىدە، ئۇلار گۆشنىڭ ھەممىنى يېدى، تەبىئىي ھالال بولمىغان گۆش قازاندىكى كۆكتاتلار بىلەن ئارىلاشتى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان بولغىنىم ۋە بىلگەنلىرىمگە كۆرە، ئۇ كۆكتاتلارنى يېيىش توغرا بولمايدۇ، ھازىر ئانام مەندىن بىر قانچە قېتىم نېمە ئۈچۈن يېمەيسىز؟ دەپ سورىدى. ئاشكارا بولۇپ قىلىشىمدىن ئەنسىرىدىم، ئانام كۆپ شەكلىنىدۇ ۋە بىر نەرسىلەرنى بەك تىز مۇلاھىزە قىلىدۇ، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا مۇمكىن قەدەر بۇنىڭدىن يىراقلىشاتتىم، بەزى ۋاقىتتا ئۇلارنى شەكلەندۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن ئەتكەن يېمەكتىن ئازراق يەيمەن، ئاندىن تەۋبە قىلىپ، ئىستىغپار ئېيتىمەن، ھازىر يېمەسلىككە چىڭ تۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتىمەن، مەن ئەنسىرگەندەك ئانام شەك قىلىشقا باشلىدى، مەن مۇشۇ ھالەتتە ياكى باشقا ھالەتلەردە ئانامنىڭ شەكلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھالال بولمىغان گۆشلەر بىرگە قورۇلغان كۆكتاتلارنى يېسەم توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.18-05-2023مېيىتكە يىغلاشنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ۋە ۋارقىراپ يىغلاشنىڭ چەكلەنگەنلىكى توغرىسىدا
مەيىتكە يىغلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بەزى ئاياللار ياقىلىرىنى يىرتىپ، يۈزىگە كاچاتلاپ، ۋارقىراپ يىغلىسا قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.17-05-2023سۈنئى تىرناق بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە بۇنىڭ بىلەن ناماز ئادا قىلىش توغرىسىدا
جىسىمدىكى كالتۇسىيۇم ماددىسىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن يېڭىدىن تىرناق چىقمىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن تىرناقنىڭ ئورنىغا دائىم قولدا تۇرىدىغان سۈنئى تىرناق قويۇش بىلەن تاھارەت ئىلىپ، ناماز ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.16-05-2023ۋاپات بولغان كىشىنى دەپنە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىستىغپارنىڭ لەپزى قانداق بولىدۇ؟
ۋاپات بولغان كىشى دەپنە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ئىستىغپار ۋە دۇئانىڭ لەپزى قانداق بولىدۇ؟ . بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.15-05-2023ئىددەتتىكى ئايال تام خوشنا قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە مېھمان كۈتۈش ئۈچۈن چىقسا توغرا بولامدۇ؟
ئېرىم ۋاپات بولدى، مەن پەتىۋا بەرگۈچىلەرنىڭ قارىشى بويۇنچە ئۆز ئۆيۈمدە ئىددەت تۇتىۋاتىمەن، ئانام زىيارەت قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن قىينىلىۋاتىدۇ، قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۆيى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىدا، مېنىڭ ئۆيۈم بىلەن قېرىندىشىمنىڭ ئۆيى تام خوشنا، مەن ئاپامنى راھەتسىز قىلماسلىق ئۈچۈن مېھمانلىرىمنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن قېرىندىشىمنىڭ ئۆيىگە مېھمانلارنى كۈتىۋالغاندىن كېيىن ئۆيۈمگە قايتسام بولامدۇ؟، ئۆيىمىزنىڭ ئارىسىدا بىرلا تام بار، ھىجابسىزمۇ كېرىپ چىققىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلسام توغرا بولامدۇ؟.14-05-2023دەرس جەريانىدا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىنى بىر ئاي جازانە بانكىسىدا پىراكتىكا قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىق توغرىسىدا
مەن تىجارەت ۋە ئىقتىساد باشقۇرۇش پاكۇلتېتى ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ بىزنى بىر ئاي شىركەت ياكى بانكا ئورۇنلىرىدا مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى، مەن دائىم ئىسلام بانكىسىدا پراكتىكا قىلىشنى ئويلايتتىم، لېكىن بىزنىڭ يۇرتتا ئىسلام بانكىسى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەردىن تىجارەت كەسپىنى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق جازانە بانكىلىرىدا پراكتىكا قىلىشنىڭ ھۆكمىنى سورىماقچى؟ ئەگەر پراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇكاپات چىقىپ قالسا، ئۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.13-05-2023ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەزاغا نىسبەتەن نېمە قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ؟
بىر كىشى ھادىسىگە ئۇچراپ قولى ياكى پۇتى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزى ۋاپات بولمىغان بولسا ئۇنىڭدىن ئۈزۈلگەن ئەزانى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇنى يۇيۇپ، نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىش كېرەكمۇ، نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.12-05-2023رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلىپ تاڭ يورۇپ بولغاندىن كېيىن تۇرغان بولسا تۇتقان روزىسى توغرا بولامدۇ؟
رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتالماي بەك كېچىكىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاخشام روزا تۇتۇش نىيىتىگە كەلدىم، لېكىن كېچىدە تۇرۇپ سوھۇرلۇق يېسەم رامزاننىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەن دەپ نىيەت قىلدىم، ئۇخلاپ ئويغانسام بامدات ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ، سوھۇرلۇق يېمەپتىمەن، مېنىڭ روزا تۇتۇشۇم ۋاجىپ بولامدۇ؟ تۇتمىساممۇ توغرا بولامدۇ؟ روزا تۇتسام قازا روزام توغرا بولامدۇ؟ چۈنكى مەن نىيەتنى سۇھۇرلۇق يېيىشكە شەرت قىلغان ئىدىم؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.10-05-2023ئىنسانلار يەر تەۋرەش ھادىسىسىنى پەيدا قىلىشقا قادىر بولالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولامدۇ؟
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بولۇپمۇ تور سەھىپىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سوئاللاردىن: ھازىرقى تەرەققىياتتا ئىنسانلاردا توسۇنامى ۋە يەرتەۋرەش ھادىسىلىرىنى پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتى بار دېگەندەك سۆزلەر بار، تور بەتلەردىكى بۇنداق سۆزلەرگە ئېشىنىش ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.08-05-2023توڭلاتقۇدا توڭلاپ قالغان مېيىتنى شۇ پېتى يۇسا توغرا بولامدۇ؟
بىر كىشى دوختۇرخانىدا ۋاپات بولدى، دەپنە قىلىش ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ئۈچ كۈن توڭلاتقۇدا قويدى، توڭلاتقۇدىن چىقارغاندا مۇزلاپ قېتىپ كېتىپتۇ، يۇغۇچى ئۇنى شۇ ھالەتتە يۇماقچى بولدى، بۇنداق ھالەتتە مېيىتنى ئولتۇرغۇزۇپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ قورسىقىدىكى نەرسىلەرنى سىرتقا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ، قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلانى سورايمەن.07-05-2023سۈنئى كىرپىك يەملەش توغرىسىدا
ئەسلى كىرپىكنىڭ ئۈستىگە سۈنئى كىرپىك يەملىسە قانداق بولىدۇ؟، بۇنداق قىلىش كۆزنى چوڭ ۋە جەلىپ قىلارلىق قىلىدۇ. (بەزى ئاياللار ئەرلىرى ۋە مەھرەملىرىنىڭ ئالدىدا قىلىدۇ؟.) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.06-05-2023ئۆزىنىڭ قازا روزىسىنى تۇتماي تۇرۇپ، مېيىتنىڭ زىممىسىدىكى قازا روزىنى تۇتسا بولامدۇ؟
ئايالىم ھىجىرىيە بويىچە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ۋاپات بولدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن، ئۆتكەن رامىزاندا ئايالىم ئادەت سەۋەبىدىن يەتتە كۈن روزا تۇتالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشتىن ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتۇپ قويسام بولامدۇ؟ بىلىشىمچە مېنىڭمۇ تۇتالمىغان بىر ئايلىق قازا روزام بار ئىدى، ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ قازا روزامنى تۇتۇپ ئاندىن ئايالىمنىڭ قازا روزىسىنى تۇتىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.04-05-2023