يېڭى جاۋابلار
ئاچچىقى كەلگەندە تالاق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا
بىر مۇسۇلىمە ئايالنىڭ ئېرى كۆپ ۋاقىتلاردا بەك ئاچچىقى كەلگەندە، ئايالىنى: سەن تالاق دەيدىكەن، ئۇ ئايالغا نىسبەتەن بۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى بار ئىكەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.30-01-2023گۆرۈگە قويۇلغان مالغا زاكات كېلەمدۇ؟
مەلۇم مىقداردا مال قەرز ئالدىم، ئالغان قەرزنىڭ ئورنىدا بەزى ئالتۇننى گۆرۈگە قويدۇم، گۆرۈگە قويغان ئالتۇننىڭ زاكىتىنى ئايرىشىم كېرەك بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.29-01-2023مۇئەييەن سان بىلەن كەلگەن زىكىرلەرنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئادا قىلماستىن ۋاقىتنىڭ ھەممىسىگە تەقسىم قىلىپ ئادا قىلسىمۇ توغرا بولامدۇ؟
كۈندىلىك زىكىرلەرنى ۋاقىت بويۇنچە بۆلۈپ ئوقۇساق، بولۇپمۇ، (لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير) دېگەن زىكىرنى بىر كۈندە بىر قانچىگە بۆلۈپ ئوقۇسا بولامدۇ؟، يەنى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان مۇنۇ ھەدىسىنى «لا ئىلاھە ئىللەللاھ ۋەھدەھۇ لا شەرىيكە لەھۇ. لەھۇل مۈلكۇ ۋەلەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير دېگەن كەلىمىنى بىر كۈندە يۈز قېتىم دېسە، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئون قۇل ئازاد قىلغاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ، ئۇ كىشىگە يۈز ياخشىلىق يېزىلىدۇ، يۈز خاتالىق ئۆچۈرۈلىدۇ، ئۇ كىشى شۇ كۈنى كەچ كىرگىچە شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلىقىدىن ساقلىنىدۇ، شۈ كۈنى ئۇ كىشىدىنمۇ بەكرەك ياخشى ئىش قىلغان كىشى بولمايدۇ، پەقەت ئۇ كىشىدىن كۆپ ئەمەل قىلغان كىشى كۆپرەك ئەجىرگە ئېرىشىدۇ» بىر كۈنگە بۆلۈپ بامداتتىن كېيىن 50(ئەللىك)، ئەسىردىن كېيىن 50(ئەللىك) ياكى ھەر پەرىز نامازدىن كېيىن 20(يىگىرمە) دىن ئوقۇسا بولامدۇ ياكى ئەجىر-ساۋاپقا ئېرىشىش ئۈچۈن بىراقلا يۈز ئوقۇش كېرەكمۇ؟، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى مۇشۇ زىكىرنى تولۇق ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر، چۈنكى كۆپ ۋاقىتلاردا يۈز قېتىم ئوقۇيمەن دەپ 30(ئوتتۇز) قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئاز-كۆپ ئوقۇپ بولغاندا مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، ئاللاھ پاكتۇر، ئىنسان كېيىن ئۇنى تولۇق يۈز قىلىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشى بۇنى داۋاملىق ئادا قىلىش ئۈچۈن سېستىملاشتۇرۇپ ھەر پەرىز نامازدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەردىن كېيىن 20(يىگىرمە)قېتىمدىن ئوقۇسا توغرا بولامدۇ؟، بۇنىڭدىكى مەقسەت، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق زىكىرنى تولۇق ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.28-01-2023ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار ئارىسىدىن رەجەپ ئېيىنى ئايرىم كەلتۈرۈشتىكى ھېكمەت نېمە؟
نېمە ئۈچۈن رەجەپ ئېيى باشقا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردىن ئايرىم كەلتۈرۈلدى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.26-01-2023رەجەپ ئېيى ئۇرۇق سىلىش ئىيى دېگەنلىك توغرىسىدا
سەلەپلەرنىڭ سۆزىدە: رەجەپ ئېيى ئۇرۇق سالىدىغان ياكى كۆچەت تىكىدىغان ئاي دەپ كەلگەن، مېنىڭ سوئالىم: مۇسۇلمان نېمە تېرىيدۇ؟.24-01-2023كۆز تېگىش، ھەسەتخورلۇق ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى پەرىق ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ھۆكمى، كۆزى يامان كىشى قەستەن كۆزى بىلەن بىرسىگە مۇسىبەت يەتكۈزگەن بولسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆلەم كىلەمدۇ؟
ئىسلامدا كۆز تېگىش ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ بۇ توغرا ئىشمۇ ياكى خاتا ئىشمۇ؟ ئۆزىنىڭ كۆزى يامانلىقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ياكى كۆزىنىڭ يامانلىقى بىلەن كىشىلەرگە تەھدىد قىلىدىغان كىشىنىڭ ئازابى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.22-01-2023تاھارەت ئالغاندا ئىككى قۇلاققا مەسىھ قىلىش پەرىزمۇ؟ دېگەنلىك توغرىسىدا
تاھارەت ئىلىپ، شاھادەت كەلىمىسىنى ئېيتىپ، نامازغا تەييار بولغاندا تۇيۇقسىز قۇلۇقۇمغا مەسىھ قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ تاھارەتنى باشقىدىن ئىلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئىككى قۇلۇقۇمغا مەسىھ قىلىۋەتسەم بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.21-01-2023جازانە بانكىلىرىدا پۇل ئامانەت قويۇش توغرىسىدا
مەن ئىقتىسادىمنى بەزى مۇئامىلاتلىرىم ئۈچۈن بانكىدا قويسام، ئۇلارنىڭ ئامانەت قويغان پۇلغا بەرگەن ئۆسۈملىرىنى ئالمىسام توغرا بولامدۇ؟، شۇنداقتىمۇ بۇ مالنىڭ جازانىدىن كەلگەن ئۆسۇمىنى بانكا ئىلىپ قالىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.20-01-2023ھارام ۋە مەكرۇھنى بىلىش توغرىسىدا
مەكروھ دېگەن لەپزىدىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟ ھارام بىلەن مەكرۇھنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.19-01-2023زەرداب نىجىسمۇ؟
زەردابنىڭ ھۆكمى نېمە؟، ئۇ تەككەن يەر نىجىس بولامدۇ؟. (ئاز ياكى كۆپ بولسۇن) بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.18-01-2023