0 / 0

ھىدايەتنى ياخشى كۆرسىمۇ لېكىن نەپسى ئۇنىڭغا غالىب كېلىدۇ

سوئال: 100950

نەپسىمنى ئىسلاھ قىلىدىغان توغرا يول ۋە ھىدايەتنى خالايمەن، لېكىن ئۇنى قولغا كەلتۈرەلمىدىم. نەپسىمنى توغرا يولغا يېتەكلەشكە ئۇرۇنسام، يامانلىققا بولغان قىزىقىشىم غالىپ كېلىدۇ، شەيتان گۇناھ-مەسىيەتنى ماڭا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

قېرىندىشىم!سىزنىڭ سۆزىڭىىزگە ئىشىنىمەن، سوئالىڭىزدىكىسۆزلىرىڭىزدىن قەلبىڭىزگە يوشۇرۇنغانتۇيغۇلىرىڭىزنى سېزىۋاتىمەن،سۆزىڭىزدە سەمىمىيەت، ئاللاھدىن قورقۇش،ياخشىلىققا بولغان سۆيگۈ ۋە رىغبەتلىنىشئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا قەلبىڭىزنىڭھاۋايى-ھەۋەسكە باغلىنىپ، شەيتاننىڭۋەسۋەسىلىرىدىن ئۆرتىنىۋاتقانلىقىنىمۇتۇيىۋاتىمەن. لېكىن مەن بۇ نەپسىدىنئەجەبلىنىۋاتىمەن، ئۆزۈمچە سۇئالقىلىمەن: سىز ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماستىنئۇشتۇمتۇت توغرا يولغا يۆتكىلىدىغان پۇرسەتنىكۇتىۋاتامسىز؟ياكى بۇيولدا كۆپ ئىزدىنىپ چارچاپ قالدىڭىزمۇ؟ ۋەياكىئىككىسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان يەنى سەل قاراش بىلەنھەقىقى پۇرسەتنىڭ ئارىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىنىكۇتىۋاتامسىز؟، ياكى پۇرسەت ئاخىرلىشىپئۆلۈمنىڭ كېلىشىنى كۈتەمسىز؟.

ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنرىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:سىلەرگە ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدىغانكەمبەغەللىك، مەغرۇرلاندۇرىدىغان بايلىق،بەدەننى بۇزىدىغان كېسەل، ئېگىز-پەسسۆزلەيدىغان دەرىجىدىكى قېرىلىق، تۇيۇقسىزكېلىدىغان ئۆلۈم، كۈتۈپتۇرۇلۇۋاتقان ئەڭ يامان دەججال، قىيىنۋە جاپالىق بولغان قىيامەت قاتارلىق يەتتە تۈرلۈكئىش كېلىشتىن بۇرۇن، سىلەر ياخشىئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار دېدى. [تىرمىزىيرىۋايىتى، بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى زەئىپھەدىس دەپ قارىدى].

قېرىندىشىم! سىزھەقىقەتنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشىڭىز،باشتىن-ئاخىر ئويلىنىشىڭىز كېرەك. نەپسىڭىزنىئۆزگەرتىش ۋە ھاياتىڭىزنى ئىسلاھ قىلىشپەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قولىڭىزدا، كەسكىنئىرادىڭىز ۋە چىن قەلبىڭىزدىن ئۇنىڭئۈچۈن ھەرىكەت قېلىشىڭىزغا باغلىق،نەپسىنى ئۆزگەرتىش مۇپتىنىڭ پەتىۋاسىياكى نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سىزگە يوللىغانئۇچۇر ياكى توغرا يولغا بولغان ئىككىلىنىش ئارىسىدىكى ئىرادەياكى ۋاقىتلىق پەيدا بولغان قىزغىنلىق بىلەن بولمايدۇ،چۈنكى بۇ ھالەتتە نەپسىنىڭ قىزغىنلىقى تىزدىنپەسلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ دەسلەپكىھالىتىگە قايتىدۇ.

سىز شۇنى ئېسىڭىزدە تۇتقانۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزنىڭ كۆرەشمەيدانىدىكى بىر ھاياتلىقتا ياكى يۆتكىلىشكە جەڭئېلان قېلىۋاتقان بىر مۇھىتتاياشاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلەيسىز. شۇنداقلائۇنىڭغا قارشى بارلىق تېرىشچانلىقىڭىز، پىكرىڭىزۋە ئىرادىڭىز بىلەن مۇمكىن بولغان بارلىقۋاسىتە-چارىلەرنى قوللىنىپ، بۇ يولدا غەلبەقېلىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم.

بۇجەرياندا كۆڭلىڭىزدە داۋالغۇپتۇرغان نۇرغۇن سوئاللارغا دۇچ كېلىشىڭىزمۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىش،ماتېرىيال كۆرۈش ئارقىلىق روھى دۇنيايىڭىزنى كونترولقىلىۋالغان سىرلارنى يېشەلەيسىز، بۇ ئارقىلىقيامانلىق، بوشاڭلىق ۋە نەتىجەقازىنالماسلىقنىڭ كىشەنلىرى پاچاقلىنىش بىلەن بىرۋاقىتتاسىزدىكى ئۇتۇقلۇق، ياخشىلىق ۋە ئېھسانتۇيغۇلىرى جانلىنىدۇ.

خۇلاسە: بۇ ئىشئاللاھمۇيەسسەر قىلغانكىشى ئۈچۈن بەك ئاساندۇر، بەلكى بۇنى بىرسۆز بىلەن ئىپادىلىگەندە ئۇ: كۈچ-قۇۋۋەتتىنئىبارەت. يەنى كەسكىن ئىرادىلىك بولۇش، نەپسىنىبېسىش ۋە كونترول قېلىش، قەتئى ئىرادەبىلەن يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىشلارغا قارشىتۇرۇشتىن ئىبارەت.

قېرىندىشىم!سىزگە كەسكىنلىك بىلەن شۇنىتەكىتلەيمەنكى، سىز مۇشۇ مەنا بويىچەپىكىر قىلغان ۋاقتىڭىزدا (يەنى كەسكىن ئىرادەبىلەن)، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەممە ياخشىلىقنىڭئاچقۇچىغا ئىگە بولغان بولىسىز.

ۋەز-نەسىھەتمۇمۇشۇ چۈشەنچىنى قارشى تەرەپنىڭقەلبىدە يېڭىدىن قوزغاشنى، قەلبىڭىزبىلەن ھىدايەتنىڭ ئارىسىدا توسانجا بولىۋالغان ئاجىزلىقكىشەنلىرىدىن قەلبىڭىزنى خالاس قىلىشنى مەقسەتقىلىدۇ. بۇ يەردە سىز نەپسىڭىزگە خىتابقىلىدىغان بەزى سۆزلەرنى يوللايمەن، بەلكىمبۇ سۆزلەرنى ئۆز نەپسىڭىزگە خىتاپقىلىش ئارقىلىق قەلبىڭىزدە ھىدايەت ۋەمۇستەھكەملىك روھىنى قوزغىيالىشىڭىز مۇمكىن: ئىجان! سەن دوزاخ-جەننەتنى بىلمەمسەن، يېقىندائىككىسىنىڭ بىرىگە بارىسەن؟، سەن ئويۇن-تاماشابىلەن مەشغۇل بولۇپ، نېمىگەبۇنچە خۇرسەن بولۇپ كەتتىڭ؟،مۇمكىن بۈگۈن-ئەتە ئىككىسىنىڭ بىرىگەتاشلىنىسەن، سەن ئۆلۈمنى يىراق سانايسەن،لېكىن ساڭا ئاللاھ تائالا بۇنى يېقىنداكۆرسىتىدۇ.

ئۆلۈمنىڭئەلچى ئەۋەتمەستىن، ۋەدەقىلماستىن تۇيۇقسىز كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟،ھەرقانداق جانغا تۇيۇقسىز ئۆلۈم كېلىشىمۇمكىن. تۇيۇقسىز ئۆلۈمكەلمىگەندە، كېسەل يېتىشى مۇمكىن،ئاندىن ئۇ كېسەللىك ئۆلۈمگە ئېلىپبارىدۇ، ئۆلۈم ساڭا ھەممە يېقىننەرسىدىن يېقىنراق تۇرسا نېمە ئۈچۈنئۆلۈمگە تەييارلىق قىلمايسەن؟، ئاللاھ تائالانىڭبۇ ئايىتىنى ئويلىنىپ باقتىڭمۇ؟:اقْتَرَبَ لِلنَّاسِ حِسَابُهُمْ وَهُمْ فِي غَفْلَةٍ مُّعْرِضُونَ، مَا يَأْتِيهِم مِّنذِكْرٍ مِّن رَّبِّهِم مُّحْدَثٍ إِلَّا اسْتَمَعُوهُ وَهُمْ يَلْعَبُونَ ، لَاهِيَةً قُلُوبُهُمْ تەرجىمىسى:كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىدىن)ھېساب ئېلىنىدىغان ۋاقىت (يەنى قىيامەت)توغرۇلۇق ئويلىنىشتىن) يۈزئۆرۈمەكتىدۇر. ئۇلارغاپەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (قۇرئاندا)يېڭى ۋەز ـ نەسىھەت نازىل بولسىلا،ئۇلار ئۇنىڭغا مەسخىرە قىلغان ھالدا قۇلاقسېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى (ئاللاھنىڭ كالامىدىن)غەپلەتتىدۇر. [سۈرە ئەنبىيا1-2-3-ئايەتلەر].

ئى جان! ئەگەر سەنبۇنى بىلسەڭ ۋە بۇنىڭغائىشەنسەڭ، نېمە ئۈچۈنئەمەل قىلمايسەن، ئۆلۈم سىنى كۈتۈپتۇرىدۇ؟. مۇمكىن بۈگۈن سېنىڭ ئاخىرقىكۈنىڭدۇر، نېمە ئۈچۈن ياخشىئەمەللەرنى قىلمايسەن؟، نەپسىڭنىڭخاھىشىغا خىلاپلىق قىلمايدىغان بىر كۈننى كۈتىۋاتامسەن؟،ئاللاھ تائالا بۇ كۈننىپەيدا قىلمىدى ۋە قىلمايدۇ. جەننەتئىنساننىڭ نەپسى ياقتۇرمايدىغان ئەمەللەربىلەنقورشالغان، بۇنى ئاداقىلىش ئاسان ئەمەس، (يەنى بەدەلتۆلەشنى تەقەززا قىلىدۇ) سەن ماڭائەتە-ئەتە دەپ ۋەدە قىلغىلىئۇزۇن ۋاقىت بولدى، بۇنداق ئەتىدىن نەچچىسىئۆتتى، سەن نېمە قىلدىڭ؟، بۈگۈنئەمەل قېلىشتىن ئاجىز كىلىدىكەنسەن،ئەتە ئەمەل قىلىشتىن بەكرەك ئاجىزكېلىسەن، چۈنكى شەھۋەت دېگەنئىنسان يۇلۇپ تاشلاشتىن ئاجىز كىلىدىغان شەمشاتدەرىخىگە ئوخشايدۇ، ئىنسان ئاجىزلىقتىن ئۇنىيۇلۇشنى كېچىكتۈرسە، خۇددى ياشلىقدەۋرىدە دەرەخنى يۇلۇشتىن ئاجىزكېلىپ كېيىنكى دەۋرىگە قالدۇرغاندەك،يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن دەرەخنىڭمۇستەھكەملىشى تېخىمۇكۈچىيىدۇ-دە، نەتىجىدە دەرەخنىيۇلغۇچى يەنىمۇ ئاجىزلىشىدۇ.

ئېسىتساڭا ئى نەپسىم! دۇنيا ھاياتىدىنمەغرۇرلىنىشىڭ توغرا ئەمەس، ئاللاھنىڭمېھرىبانلىقىدىن مەغرۇرلانما، ئۆزۈڭگەقارا، مۇھىم ئىشلىرىڭنى باشقىلارغا بۇيرۇما، ۋاقتىڭنىزايە قىلما، نەپەسلىرىڭ ساناقلىقتۇر، بىرنەپەس ئالساڭ، ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمىئاخىرلىشىدۇ. كېسەل بولۇشتىن بۇرۇنساقلىقىنى، ئىش-ھەرىكەتكە مەشغۇل بولۇشتىنبۇرۇن بوش ۋاقتىڭنى، كەمبەغەلبولۇپ قىلىشتىن بۇرۇن بايلىقىڭنى، ياشىنىپ قىلىشتىنبۇرۇن ياشلىقىڭنى، ئۆلۈم كېلىشتىنبۇرۇن ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلگىن. دۇنياداھايات ياشىغان ۋاقتىدا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىققىلغىن.

ئىسىت ساڭا ئى نەپسىم!، سەندۇنيا بىلەن ئۈلپەتلىشىپ كەتتىڭ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىش ساڭا ئېغىر كېلىدۇ،ئۇنىڭغا بولغان دوستلىقىڭ كۈچلۈك، مېنىڭچەسەن ئاللاھنىڭ ساۋاپ-ئازابلىرىدىن غاپىل قالدىڭ،قىيامەتنىڭ ئەھۋالى ۋە ھەيۋىتىنىئۇنۇتتۇڭ، سەن بىلەن سەن ياخشىكۆرىدىغان نەرسىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋېتىدىغانئۆلۈمگە ئىشەنمىدىڭ، بىلگىنكى،دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ،ئۈلپەتلىشىپ ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدائۆلۈم بار. ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندا ئۇلار كۆپھەسىرەت چېكىدۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭدۇنيادىن ئاخىرەت ئۈچۈن زىيانلىق نەرسىنى ئىلىپماڭغانلىقىنى بىلمەيدۇ. سەن ئىلگىرىئۆتكەنلەرگە قاراپ باق!، ئۇلار زېمىندابىنالارنى قۇرۇپ، يۇقىرى مەرتىۋىدە ياشاپدۇنيادىن كەتتى، ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىسىقالمىدى، زېمىن ۋە ماللىرىنى ئۆزلىرىياقتۇرمايدىغان كىشىلەرگە قالدۇردى، ئۇلارمەنپەئەتلىنەلمەيدىغان ماللارنى توپلىدى،ۋاقىتلىق ھايات ئۈچۈن ئۆلمەيدىغاندەكئۆي-ئىمارەتلەرنى ياسىدى، تېگىگەيېتەلمەيدىغان ئارزۇلار بىلەن ياشىدى. دۇنيادابۇنىڭدىن چوڭ ھاماقەتلىك بولامدۇ!؟،يۆتكىلىشى ئېنىق بولغان دۇنياسىنىگۈللەندۈرۈپ، كېتىشى ئېنىق بولغان ئاخىرىتىنىۋەيران قىلدى.

ئى نەپسىم! سېنىڭساناقلىق كۈنلىرىڭ قالدى، ئەگەرئۆمرۈڭنىڭ قالغان قىسمىدىن پايدىلىنىشنى خالىساڭبۇ سېنىڭ ئىلكىڭدىدۇر. بۇنىڭدىننەچچە ھەسسە ئارتۇقىنى زايەقىلىۋەتتىڭ. قالغان ئۆمرۈڭدەزايە قىلىۋەتكەن ۋاقتقا قايغۇرۇپيىغلىساڭمۇ ئۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئەممائەسلى ئادىتىڭ بويىچە قالغانئۆمرۈڭنىمۇ زايەقىلىۋەتسەڭ قانداق بولىدۇ؟!.ئۆلۈمنىڭ ۋەدە قىلىنغانلىقىنى،قەبرىنىڭ ئۆيۈڭ بولىدىغانلىقىنى، تۇپراقبىساتىڭ، قۇرۇت-قوڭغۇزلار ھەمراھىڭ،ئۇنىڭدىن دەھشەتلىكراق بولغان قىيامەتنىڭئالدىڭدا ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟!.

ئاللاھ تائالاغا ئۇچرىشىدىغانكۈندىن ئاگاھ بولغىن، ئۇ كۈندە سەن دۇنيادىكىچوڭ-كېچىك، ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىڭدىنسۇئال قىلىنىسەن. سەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا قايسى شەكىلبىلەن تۇرىسەن، قانداق جاۋاپ بېرىسەن؟سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشكە تەييارلىق قىلغىن. جاۋاپقېيىن، قالغان قىسقىغىنە ھاياتىڭنى كېيىنكىئەبەدى ھايات ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەرقىلىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرغىن. يوقالغۇچى دۇنيادائاخىرەت ئۈچۈن، قايغۇ-ھەسرەتدىيارىدا مەڭگۈلۈكنېمەت ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەمەل قىلىشمۇمكىن بولمايدىغان كۈندىن بۇرۇن ئەمەلقېلىشقا ئاتلانغىن. دۇنيادىن مەجبۇرى چىقىرىلىشتىنبۇرۇن ئەركىن-ھۆر كىشىلەردەك ئىختىيارىچىققىن، دۇنيانىڭ گۈل-چېچەكلىرىگەخۇرسەن بولما، بەزى خۇرسەنلىك غاپىللىقتۇر،ئىنسان بۇنى ھېس قىلمايدۇ، غاپىللىقنى ھېس قىلمايئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!ئۇلار كۈلىدۇ، خۇرسەن بولىدۇ،ئويۇن-تاماشا، يەپ-ئېچىش بىلەن بولىدۇ.ھەقىقەتتە ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئۇلار دوزاخنىڭيىقىلغۇلىرى دەپ پۈتۈلۈپ كەتكەن.

ئىنەپسىم!، دۇنياغا ئىبرەت نەزىرى بىلەن باققىن،زورلانغاندەك ھەرىكەت قىلغىن، ئىختىيارلىق بىلەنرەت قىلغىن، دەسلەپكى تەلىپىڭ ئاخىرەتبولسۇن، قالغان ئۆمرىدە كۆپ نەرسەتەلەپ قىلىدىغان، بېرىلگەن نەرسىلەرگەتەشەككۈر ئېيتىشتىن ئاجىز كېلىدىغانكىشىلەردىن بولمىغىن.

بىلگىنكى! دىنغا بىر نەرسىنىتېگىشىش، ئىماننى ئالماشتۇرۇش يوق، ئىنساننىڭ ھاياتىئۆتەۋىرىدۇ ئەمماكېچە-كۈندۈز ئۆز ئوقىدائايلىنىۋېرىدۇ.

ئىنەپسىم!، بۇ ۋەز-نەسىھەتلەرنىئاڭلا، نەسىھەتكە قۇلاق سالغىن،ۋەز-نەسىھەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىدوزاخقا كېرىشكە رازى بولغان بولدى. سەن بۇنىڭغارازى بولمايسەن، بۇ نەسىھەتلەرنىمۇئېسىڭدە تۇتۇپ بولالمايسەن،قەلبىڭنىڭ قاتتىقلىقى سېنى نەسىھەتقوبۇل قىلىشتىن چەكلەپ قويسا، سەنكېچىلەردە قىيامدا تۇرۇش،تەھەججۇد ئوقۇش، نەپلە روزاتۇتۇش، ئاز گەپ قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقان،يىتىم-يېسىرلەرگە مېھرىبانلىق قىلىش، ئېھتىياجلىقكىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق قەلبىڭنىيۇمشاتقىن، شۇنداقلا مېھرىبان ئاللاھدىن ياردەمتىلە، ئاللاھ تائالاغا شىكايەت قىلغىن، ئۇنىڭدىنئۈزمەي ياردەم سورا، بەلكىم ئاللاھ سېنىڭئاجىزلىقىڭ ۋە بىچارەلىقىڭنىنەزەرگە ئىلىپ ياردەم بېرىشى مۇمكىن.

سېنىڭقىيىنچىلىقىڭ زور، مۇسىيبەتلىرىڭ كاتتا، ھەددىدىنئاشقىنىڭغا ئۇزۇن بولدى، چارە-تەدبىرلىرىڭيوق، ئىللەتلىرىڭ كۆپ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ياردەمسورايدىغان، تەلەپ قىلىدىغان ۋە قىلمىشلىرىڭدىنئۇنىڭ ياردىمىسىز قۇتۇلىدىغان، پاناھلىنىدىغانجايىڭ يوق، جاھىللىقىڭ ۋە گۇناھىڭنىڭئېغىرلىقىدىن زارلىنىپ ئاللاھ تائالا يالۋۇرغىن، ئاللاھئۆزىنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىپ،رەھىم-شەپقەت تەلەپ قىلىپ، پىغانلىق نالەقىلىپ، دەرتلىك زارلىنىپ يالۋۇرغان بەندىسىنىڭتەلىپىنى ئىجابەت قىلىدۇ، قىيىنچىلىقىنى ئاسان قىلىدۇ،گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ، رەھمەت-مەغپىرەت،پەزلى-ئېھسانىغا ئىلىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئەپۇقىلىدۇ. [ئىھيا ئۇلۇمىددىن 4-توم 416-422-بەتلەر].

ئاللاھھەممەيلەننى ۋەز-نەسىھەتتىنمەنپەئەتلىنىش، ياخشى كىشىلەرنىڭسۆزلىرىدىنپايدىلىنىش،سەمىمى كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوبۇلقىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android