ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
81021/06/2007

چىشىنىڭ ئۈستىگە دائىم چىشىنى ئوراپ تۇرىدىغان ماددا قويۇش توغرىسىدا

سۇئال: 101417

   چىشىنىڭ ئۈستىگە سىرتقى تەرەپتىن چىشنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە چىرايلىق قىلىدىغان ماددىلارنى قويسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ چىشنىڭ ئۈستىگە دائىم قويۇپ قويىدىغان ماددا بولۇپ، بۇنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.  

    چىشنى مۇداپىئە قىلىش ۋە چىرايلىق قىلىش ياكى قۇرۇت يېگەن جايلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ماددىلارنى قويسا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ئەسلى دۇرۇس بولۇپ، بۇنى چەكلەيدىغان بىر ئامىل يوق، لېكىن ئىسراپ قىلماسلىق شەرتى بىلەن بولىدۇ، ئەگەر بۇنى قويدۇرۇش ئۈچۈن كۆپ ئىقتىساد كەتسە، بۇنى قويدۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق قىلدۇرماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ  تەرجىمىسى: «ئىسراپ قىلماڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.» [سۈرە ئەنئام 141 ئايەت.]

چىشنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان بۇ ماددىنىڭ تاھارەتكە تەسىرى بولمايدۇ، چۈنكى تاھارەتتە زۆرۈر بولغىنى ئېغىزىغا سۇ ئىلىش بولۇپ، ئۇ ئېغىزىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بولۇپ، مۇشۇ ماددىنى چىشىغا قويغاندىمۇ ئېغىزىنى ھەرىكەتلەندۈرگىلى بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android