ئەزان تىڭشاش ۋاجىپ دېيىلسە، ناماز شامغا ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا ئىپتار قىلسا قانداق بولىدۇ؟ ئىپتار قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئەپۇ قىلىنامدۇ؟، شۇنىڭدەك سوھۇر ۋاقتىدا بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندا بىر نەرسە يېسە قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
ئەزەنگە ئەگىشىش ئەۋزەلمۇ ياكى ئىپتارغا ئالدىراشمۇ؟
سوئال: 101582
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.
ئەزانئوقۇلغاندا مۇئەززىنگە ئەگىشىپ جاۋاپبېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قارىشىئوخشاشمايدۇ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا بولغان قارىشىدائەزەنگە ئەگىشىش ۋاجىپ بولماستىن بەلكىمۇستەھەپتۇر، بۇ مالىكىي، شاپىئىي ۋەھەنبەلى مەزھىبىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.
ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ “ئەلمەجمۇئ” ناملىقئەسەرنىڭ 3-تومى 127-بىتىدە مۇنداقدەيدۇ: “بىزنىڭ مەزھىبىمىزدەئەزەنگە ئەگىشىش ۋاجىپ ئەمەسبەلكى سۈننەتتۇر، كۆپچىلىك ئالىملارمۇشۇنداق قارايدۇ. ئىمام تاھاۋىي بۇنىڭ ئەكسىچەبەزى سەلەپ ئالىملىرىنىڭ ۋاجىپ دېگەنقارىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ”. تۈگىدى.
“ئەلمۇغنى” ناملىقئەسەرنىڭ 1-تومى 256-بىتىدە ئىمامئەھمەتنىڭ: “ئەگەرمۇئەززىننىڭ دېگەن سۆزىنى دېمىسەھىچ گەپ بولمايدۇ” دېگەنلىكى بايان قىلىنغان.بۇنىڭ دەلىلىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مالىك ئىبنىھۇۋەيرىس ۋە ئۇنىڭ بىلەنبىرگە كەلگەنلەرگە: «نامازۋاقتى بولغاندا سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەزانئوقۇسۇن، ياشقا چوڭراق بولغان بىرىڭلار ئىمامبولسۇن» دېگەن سۆزىدۇر. [بۇخارىرىۋايىتى].
يۇقىرىقى ھەدىسمۇئەزەنگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپئەمەسلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغاسۆزلىگەن ئورۇن تەلىم بېرىش ئورنى بولغاچقا،ئۇلارغا ئېھتىياجلىق بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بايانقىلىپ بېرىش كېرەك بولىدۇ. ئۇلار ئۆزقەۋمىنىڭ ئەلچىلىرى بولۇپ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدايىگىرمە كۈنچە تۇرۇپ ئۆزقەۋمىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭئەزەنگە ئەگىشىش توغرىسىدا دېگەنسۆزىنى بىلمەيتتى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغائەزەنگە ئەگىشىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشبەرمىگەنلىكى، ئەزەنگە ئەگىشىشنىڭۋاجىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇقاراشلار توغرىغا ئەڭ يېقىنراقى ۋەكۈچلۈكرەكىدۇر. [شەرھى مۇمتىئ 2-توم75-بەت].
ئىمام مالىك “مۇئەتتا”ناملىق ئەسىرىنىڭ 1-تومى 103-بىتىدە ئىبنى شىھاب بايان قىلغان،سۇئلەبە ئىبنى ئەبى مالىكئەلقۇرەزىيدىن نەقىل قىلىنغان ئەسەردەئۇ كىشى خەۋەر بېرىپ مۇنداقدەيدۇ: “ساھابىلار ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭدەۋرىدە جۈمە نامىزىغا كېلەتتى،ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇخۇتبە سۆزلەش ئۈچۈنمۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغاندا، مۇئەززىنئەزان ئوقۇيتتى، سۇئلەبە مۇنداقدەيدۇ: ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا بىزسۆزلىشىپ ئولتۇراتتۇق، ئەزان ئوقۇلۇپبولغاندا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇئورنىدىن تۇرۇپ بىزنى تىنچلاندۇرۇپ خۇتبەسۆزلەيتتى، ئۇ ۋاقىتتا ھېچ كىشى سۆزقىلمايتتى”.
شەيخ ئەلبانىرەھىمەھۇللاھ “تەمامۇل مىننە”ناملىق ئەسەرنىڭ 340-بىتىدە مۇنداقدەيدۇ: “يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇئەسەر ئەزەنگە ئەگىشىشنىڭ ۋاجىپئەمەسلىكىگە دەلىل بولىدۇ، بۇ ئىشنىڭئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭدەۋرىدە بولغانلىقى، ئەزانئوقۇلۇۋاتقان ۋاقىتتا سۆزلىشىشى ۋەئۇنىڭ بۇنىڭغا سۇكۇت قىلىشىئۇنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. مەنمۇكۆپىنچە بۇ ھەقتە سورالغان سوئاللارغامۇشۇ ئەسەرنى دەلىللەپ تۇرۇپجاۋاپ بېرىمەن”. تۈگىدى.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەلىللەرگە ئاساسەن، سىزنىڭ تائام يېيىشۋە ياكى باشقا ئىشلار سەۋەبىدىنئەزەنگە ئەگەشمىگەنلىكىڭىزگەھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەمما ئەزەنگەئەگەشمەسلىك بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدائېرىشىدىغان زور ئەجىر-ساۋاپنى كەتكۈزۈپ قويماسلىقكېرەك.
ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغانھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: ئەزان ئوقۇغۇچى:ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر،دېگەندە، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دىسە،ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھدېگەندە، ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھەئىللەللاھ دېسە، ئەشھەدۇئەننەمۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدېگەندە، ئەشھەدۇئەننەمۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدېسە، ھەييە ئەلەس سالاتدېگەندە، لا ھەۋلە ۋەلاقۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ دېسە،ھەييە ئەلەل پەلاھ دېگەندە، لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتەئىللا بىللاھ دېسە، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇئەكبەر، دېگەندە، ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، دىسە، لائىلاھە ئىللەللاھ دېگەندە، چىن قەلبىدىن لائىلاھە ئىللەللاھ دېسە جەننەتكەكىرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى 385-ھەدىس].
ئەزەنگە ئەگىشىشبىلەن ئىپتارنى تىز قىلىش ئارىسىدا ھېچقانداق زىتلىق يوق، روزاتۇتقۇچى كۈن ئولتۇرۇش بىلەن ئىپتارنى قىلىپ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا يەنەئەزەنگە ئەگىشىشكە قادىر بولالايدۇ. بۇئارقىلىق ئىككى پەزىلەتلىك ياخشى ئىشنىڭ ئارىسىنىبىرلەشتۈرىدۇ، يەنى ئىپتارغا ئالدىراش ۋەئەزەنگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت.
بۇرۇنمۇ ۋەھازىرمۇ كىشىلەر تائام يېگەچ سۆزلىشىپئولتۇرىدۇ، تائام يېيىش ئۇلارنى سۆزلەشتىنچەكلەپ قويمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى،ئىپتارغا ئالدىراش ھەر قانداق نەرسە بىلەن ھاسىلبولىدۇ، روزا تۇتقۇچى بىر تال خورما ياكى بىر يۇتۇمسۇ ئارقىلىق ئېغىزىنى ئىچىشى مۇمكىن. ئېغىز ئىچىشتىنتويغۇدەك بىر نەرسە يېسۇندېگەنلىك مەقسەت قىلىنمايدۇ.شۇنىڭدەك سوھۇرلۇق يەۋاتقانداۋە بامداتقا ئەزان ئوقۇلغاندىمۇ، قىينالماستىنئىككى ئىشنىڭ ئارىسىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىنمۇئەززىن ناماز ۋاقتى بولغانغا ئەزان ئوقۇغانبولسا، ئۇ ۋاقىتتا ئەزاننى ئاڭلاش بىلەنيېمەك-ئىچمەكتىن قول يىغىش زۆرۈر بولىدۇ.بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىشئۈچۈن 66202-نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.
ھەممىدىن توغرىنىئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى