0 / 0

ئىسلامى مۇنبەرلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەۋزەلمۇ ياكى پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى قىلىشمۇ؟

سۇئال: 101732

ىز بىر گۇرۇپ قىز-خانىملار، ساغلام ئېقىمدىكى ئىسلامى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيمىز، شۇنداقلا بۇ سەۋەبلىك مۇنبەردە نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىمىز، بىزنىڭ مۇنبەرلەردە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمىز دىنى دەۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئان ئوقۇش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىشمۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقاخاستۇر.

ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرىش ياخشىئەمەللەر قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھقا يىقىنلىشىشتىكىئەڭ مەنپەئەتلىك يولدۇر.مەنپەئەتى ئۆزىدىن باشقىلار دائىرىسىگە ھالقىغانئىبادەتتۇر. شۇنداقلا بارلىقپەيغەمبەرلەر ۋە ئاللاھنىڭئەلچىلىرىنىڭ تۇتقان يولىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئېيتقىنكى، بۇمېنىڭ يولۇمدۇر، كىشىلەرنى ئاللاھ قادەۋەت قىلىمەن، مەن ۋە ماڭائەگەشكەنلەر روشەن دەلىلگە ئاساسلىنىمىز.ئاللاھ پاكدۇر، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن.[سۈرە يۇسۇپ 108-ئايەت].

يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھقا(يەنى ئاللاھنىڭ تەۋھىدىگە ۋەتائىتىگە) دەۋەت قىلغان، ياخشىئەمەللەرنى قىلغان ۋە “مەنھەقىقەتەن مۇسۇلمانلاردىنمەن”دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟.[سۈرە پۇسسىلەت 33-ئايەت].

ئاللاھنىڭ دېگىنىگەدەۋەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۇستىگەئىلىش توغرىسىدا كىتاب ۋە سۈننەتتەنۇرغۇنلىغان ئايەت ھەدىسىلەر كەلگەنبولۇپ، پەيغەمبىرىمىز بۇ ھەقتە مۇنداقدەيدۇ: كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسا ئۇئادەمگە شۇ ھىدايەتكە ئەگەشكەنئادەملەرنىڭ ئەجرىدىن ھېچنەرسەكېمەيتىلمەستىن ئەگەشكۈچىلەرنىڭئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ. [مۇسلىمرىۋايىتى 2674- ھەدىس].

ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىيەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلار ھەتتاكىئۇۋىسىدىكى چۈمۈلە ۋەدېڭىزدىكى كىتمۇ كىشىلەرگە ياخشىلىقنىئۈگەتكەنلەرگە سالام يوللايدۇ [تىرمىزىرىۋايىتى 2685-ھەدىس].

دىنى تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشنىڭۋاستىلىرى ھەر تۈرلۈك بولۇپ، ھازىرقى زاماندامەسچىتلەردە ۋەز-نەسىھەتۋە تەبلىغ قىلىش، دەرسخانىلاردا لېكسىيەسۆزلەش، ئېنتىر تورى، مۇنبەر ۋەسۆھبەتخانىلار ئارقىلىق ئىسلامى دەۋەتنىيەتكۈزۈش، ئاللاھقا دەۋەت قىلىشنىڭيوللىرىدۇر.

جۈملىدىن ئىسلامى مۇنبەرلەرنىتەسىس قىلىش ۋە شەخسلەر بىلەن پىكىرئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ياخشىلىققا يېتەكلەش قاتارلىقئىشلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىنئىبارەت ھەقىقەتكە چاقىرىشتا قوللىنىدىغانۋاستىدۇر. بەلكى ئىسلامى مۇنبەرلەرجەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئاقارتىش خىزمىتىدەبەلگىلىك رول ئوينايدۇ. بۇ خىزمەت بىلەنشۇغۇللانغۇچىلارغا ئاللاھتىن بۈيۈك ئەجىرئۈمىد قىلىنىدۇ.

ئەمما ئىسلامىمۇنبەرلەردە خىزمەت قىلىۋاتقانقېرىنداشلار، مۇنبەرنىڭ خىزمەتتەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىمەن دەپ،ئەھمىيەت بېرىشى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراقبولغان، ئائىلە ۋە پەرزەنتمەسئۇلىيىتى، شەرئى بىلىملەرنىئۈگۈنۈش، ناماز ۋە زىكىرلار، قۇرئانكەرىم ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىنغاپىل بولماسلىقى لازىم. بەزى كىشىلەر مۇنبەردىكى خىزمىتىبىلەن بولۇپ كېتىپ، مۇھىم ئىشلارنى تاشلاپ قويىدۇ.مۇنبەر خىزمىتى بىلەن ئائىلە مەسئۇلىيىتىۋە تائەت-ئىبادەتلەرنىبىرلەشتۇرۇپ، ھەممىسىگە نورمالمۇئامىلە قىلىش ھەممىدىن ياخشىدۇر. يەنىنېمىنىڭ مۇھىم ۋە نېمىنىڭئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىش ئىنتايىنزۆرۈردۇر.

سەھەر ۋاقتىدىكى ئەڭئەۋزەل ئىش: ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇش،زىكىر-تەسبىھ ئېيتىش ۋە ئىستىغپار بىلەنمەشغۇل بولۇش.

تەلىم-تەربىيە جەريانىدىكىئەڭ ئەۋزەل ۋاقىت: تەلىم ئىلىشجەريانىدا ئۈگۈنىشگە يۈزلىنىش ۋەئۇنىڭ بىلەن بەنت بولۇش.

ۋاقىتلارنىڭ ئەڭئەۋزىلى: ئارافات كۈنىدىكى ۋاقىتتۇر.

كۈنلەرنىڭ ئەڭئەۋزىلى: زۇلھەججە ئېيىنىڭ ئونىنچىكۈنىدۇر.

رامىزان ئېيىدىكى ئەڭئەۋزەل ۋاقىتلار رامىزاننىڭ ئاخىرىدىكى ئونكۈندۇر. بۇ ۋاقىتلاردا ئېتىكاپتائولتۇرۇپ، كىشىلەرگە ئارىلاشماي زىكىر-تەسبىھ ئېيتىشۋە قۇرئان ئوقۇش ھەتتا ئىلىم تەلەپقىلىش قاتارلىقلار پەزىلەتلىك ئەمەللەردىنھېسابلىنىدۇ.

سۆزىمىزنى خۇلاسىلىساق:مۇنبەرلەردە دەۋەت ئېلىپبېرىش بولسا، ئىسلامغا دەۋەت قىلىشنىڭ بىرتۈرىدۇر ۋە ئۇنى تاشلىماستىن ئەھمىيەتبېرىش لازىم. لېكىن مۇسۇلمان ۋاقتىنىتەرتىپلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، دىنى تەشۋىقاتقاۋاقىت، ناماز ئادا قىلىشقا ۋاقىت، تىجارەت ۋەكەسىپكە ۋاقىت، قۇرئان ئوقۇشقا ۋاقىت،ئائىلە ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىقئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆز يولىدا ۋاقىت ئاجرىتىشنەتىجىسىدە، ھەر ئىشنىڭ ھەققىنى ۋاقتىداۋە جايىدا ئادا قىلغان بولىمىز.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android