ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

بىر كىشى ئۆزىگە روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان بولۇپ، بۇ روزىنى رامىزان روزىسى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ تۇتسا توغرابولامدۇ؟

سۇئال: 104077

مەن ئۆزۈمگە بىر كۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان ئىدىم، بۇنى رامىزان روزىسى بىلەن بىرگە نىيەت قىلىپ تۇتسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش ۋە ياخشى ئىش قىلىش توغرىسىدا قىلغان نەزىر بولسا بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، خۇددى بىر كۈن ياكى بىر قانچە كۈن روزا تۇتىمەن دېگەنگە ئوخشاش. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش توغرىسىدا نەزىر قىلغان كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلسۇن. [بۇخارى رىۋايىتى6318-ھەدىس].

    ئەگەر نەزىر مۇئەييەن ۋاقىتتا ئادا قىلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ۋاپا قىلىش كېرەك بولىدۇ، خۇددى بىر كىشىگە ئوخشاش: مەن ئاينىڭ بېشىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن دەپ نەزىر قىلغان بولسا، قايسى ئايدا تۇتىدىغانلىقىنى بىكىتمەستىن مۇتلەق دېگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ رامىزان ئېيى، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت  ۋە تەشرىق كۈنلىرىدىن باشقا ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇ روزىنى تۇتۇشى دۇرۇس بولىدۇ.

    ئەمما رامىزان بولسا بۇ ئايدىكى پەرىز روزا تۇتىلىدىغان ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئايدا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ.

     روزا ھېيت، قۇربان ھېيت ۋە تەشرىق كۈنلىرىدە بولسا ھەرقانداق روزا تۇتۇش چەكلەنگەن، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان ھەدىستە: زىياد ئىبنى جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبنى ئۆمەر بىلەن بىرگە تۇرسام، بىر كىشى ئۈنىڭدىن: مەن ھايات ياشىغان مۇددەتتە ھەر سەيشەنبە، چارشەنبە روزا تۇتۇشنى ئۆزۈمگە نەزىر قىلغان ئىدىم، نەزىر قىلغان كۈنۈم قۇربان ھېيت كۈنىگە توغرا كېلىپ قالدى قانداق قىلىمەن؟ دەپ سورىغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر: ئاللاھ تائالا نەزىرگە ۋاپا قىلىشقا بۇيرىدى، بىز قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشتىن چەكلەندۇق دېدى، ئۇ كىشى قايتىدىن سورىغان ئىدى، ئىبنى ئۆمەر بۇ سۆزىنى قايتىدىن تەكرارلىدى، ئارتۇق سۆز قىلمىدى.

    ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ قارىشى روزا ھېيت، قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە نەپلە بولسۇن ياكى نەزىر بولسۇن روزا تۇتۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلدى.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سالىمدىن سالىم ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇلار مۇنداق دېگەن: تەشرىق كۈنلىرىدە قۇربانلىق ئۇلاغ تاپالمىغان كىشىدىن باشقىلارنىڭ روزا تۇتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان". [بۇخارى رىۋايىتى 1998-ھەدىس].

    ئۆلىمالار رامىزان روزىسىغا باشقا بىر روزىنى قېتىپ نىيەت قىلىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلمەجمۇئ"6-توم 315-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "ئىمام شاپىئى ۋە بۇ مەزھەپتىكى باشقا ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: رامىزان ئېيىدا پەقەت رامىزان روزىسىنىلا تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا روزىنى بىرگە نىيەت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر مۇقىم تۇرغۇچى ياكى سەپەر قىلغۇچى ياكى كېسەل كىشى رامزاندا كاپارەت روزىسى ياكى نەزىر روزىسى ياكى قازا روزا ياكى نەپلە روزا ياكى مۇتلەق روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ قىلغان نىيىتى توغرا بولمايدۇ ۋە تۇتقان روزىسىمۇ نىيەت قىلغان روزىدىنمۇ ۋە ياكى رامىزان روزىسىدىنمۇ توغرا بولمايدۇ".

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنىدا"مۇنداق دەيدۇ: سەپەر قىلغۇچىنىڭ رامزاندا نەزىر ۋە قازا روزىغا ئوخشاش باشقا روزىلارنى تۇتۇشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە روزا تۇتماسلىقنىڭ رۇخسەت قىلىنىشى سەپەر قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇ كىشىدىن سەپەر قىيىنچىلىقى يەڭگىللىتىلمىسە، ئۇ ۋاقىتتا ئەسلى بولغان رامىزان روزىسىنى تۇتۇش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشى رامزاندا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزىلارنى نىيەت قىلىدىكەن ئۇ كىشىنىڭ تۇتقان روزىسى رامىزان بولسۇن ياكى نەپلە روزا بولسۇن توغرا بولمايدۇ، بۇ مەزھەپتىكى ۋە باشقا كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر".

    يەنە" ئەلمۇغنى" 13-توم 645-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: "بىر كىشى مەن ئاللاھ ئۈچۈن بىر ئاي روزا تۇتىمەن دېگەن بولسا، رامىزان ئېيىدا رامىزان روزىسى بىلەن ئۆزىنىڭ نەزىر قىلغان روزىسىنى بىرگە نىيەت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇيمەن دەپ نەزىر قىلغان بولسا، بۇنى بامداتنىڭ پەرىزى بىلەن بىرگە قىلىپ ئوقۇسا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بامدات نامىزى ۋە نەزىر قىلغان نامىزىنىڭ ھېچ بىرىگە كۇپايە قىلمايدۇ".

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزىگە روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان كىشى روزا تۇتۇشنى بىرەر ئىشقا شەرت قىلغان بولسا، شەرت قىلغان ئىش بولىدىكەن كېچىكتۈرمەستىن قىلغان نەزىرىسىگە ۋاپا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، بۇنىڭ مىسالى: بىر ئادەم: ئاللاھ مېنىڭ بۇ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن دەپ نەزىر قىلغان بولسا، شۇ كېسەللىكتىن شىپا تاپقاندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ كىچىكتۈرمەستىن دەرھال ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشى زۆرۈر بولىدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمِنْهُمْ مَنْ عَاهَدَ اللَّهَ لَئِنْ آتَانَا مِنْ فَضْلِهِ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ الصَّالِحِينَ * فَلَمَّا آتَاهُمْ مِنْ فَضْلِهِ بَخِلُوا بِهِ وَتَوَلَّوْا وَهُمْ مُعْرِضُونَ * فَأَعْقَبَهُمْ نِفَاقاً فِي قُلُوبِهِمْ إِلَى يَوْمِ يَلْقَوْنَهُ  تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر: ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا (يەنى رىزقىمىزنى كەڭ قىلسا) ئەلۋەتتە سەدىقە بېرەتتۇق، ئەلۋەتتە ياخشىلاردىن بولاتتۇق دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى). ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان (يەنى باي قىلغان) چاغدا، بېخىللىق قىلىشتى (يەنى ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈشتى).» [سۈرە تەۋبە 76-75-77-ئايەتلەر].

    ئەمما بىرەر شەرتكە ئالاقىدار قىلمىغان نەزىر بولسا، بىر كىشى ھېچ سەۋەپسىزلا ئۆزىنى روزا تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ: مەن ئاللاھ ئۈچۈن ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن دېگەن بولسا، بۇ كىشى ئۈچۈن روزا تۇتۇشقا ئالدىراش زۆرۈر بولىدۇ، بۇ روزا نەزىر روزىسىغا ئوخشاش جىددى ئەمەس، ئەگەر رامىزان ئېيى كېرگەندىمۇ ئۇ كىشى بۇ ئۈچ كۈنلۈك روزىسىنى تۇتمىغان بولسا، ئۇ كىشى رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى باشلايدۇ، رامىزان ئېيى تۈگىگەندىن كېيىن نەزىر قىلغان روزىسىنى تۇتىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى نەزىر قىلغان روزىسىنى رامزاندا تۇتقان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ رامىزان روزىسىمۇ ۋە نەزىر قىلغان روزىسىمۇ توغرا بولمايدۇ. بىر كىشى ئۆزىگە ئۈچ كۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلىپتۇ، بۇ روزىنى رامزاندا تۇتىپتۇ، بۇ قانداق بولىدۇ؟. ئۇ كىشىنىڭ رامزاندا تۇتىقان نەزىر روزىسى ئۇ كىشىنىڭ نەزىر روزىسى ۋە رامىزان روزىسىغىمۇ پايدىسى بولمايدۇ، نەزىر قىلغان روزىسىغا پايدىسىنىڭ بولماسلىقى: رامىزان روزىسىنىڭ ۋاقتى بەلگىلەنگەن بولۇپ رامىزان روزىسى بىلەن باشقا نەزىر روزىنى بىرگە تۇتۇش سىغمايدۇ، رامىزان روزىسىغا كۇپايە قىلمايدۇ دېگەنلىك، ئۇ كىشى روزىنى باشلىغاندا رامىزان روزىسىنى نىيەت قىلماستىن نەزىر روزىسىنى نىيەت قىلدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەقىقەتەن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. ["ئايلىق ئۈچرىشىش" 4-توم 52-بەت].

    سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: رامىزان ئېيىدا پەقەت رامىزان روزىسى تۇتۇشلا بېكىتىلگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايدا رامىزان روزىسىدىن باشقا روزا تۇتۇش توغرا بولمايدۇ، نەپلە ياكى نەزىر روزىمۇ توغرا بولمايدۇ، مۇقىم كىشىگىمۇ ياكى سەپەر ئۈستىدىكى ئادەمدىنمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك رامىزان روزىسى بىلەن باشقا روزىنى  يەنى پەرىز روزا بىلەن نەزىر روزىسىنى بىرگە نىيەت قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككىلىسى مەقسەت قىلىنىدىغان ئىبادەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىنى بىر نىيەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.

    شۇنىڭغا ئاساسەن: سىزنىڭ رامىزان روزىسى بىلەن نەزىر روزىسىنى بىرگە تۇتىشىڭىز توغرا بولمايدۇ.

توغرىنى ھەممىدىن ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android