ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

سۈرەت بار كىيىملەردە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 10439

   سۈرەت بار كىيىملەردە ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىنساننىڭ ھايۋان ياكى ئىنساننىڭ سۈرىتى بار كىيىملەرنى كىيىشى توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئىنسان ياكى ھايۋاننىڭ سۈرىتى بولغان باش كېيىم ۋە باشنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان چەمبىرەك قاتارلىق نەرسىلەرنى كىيىشمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن پەرىشتىلەر سۈرەت بولغان ئۆيگە كىرمەيدۇ». شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ خاتىرە سۈرەت دەپ قانائەت قىلىپ ئۇنى ساقلىشى لايىق بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، ئۇنى يوق قىلىۋەتكىنى ياخشىدۇر، مەيلى ئۇ سۈرەتنى تامغا ئاسقان بولسۇن ياكى ئەلبۇم قاتارلىق نەرسىلەرگە سالغان بولسۇن ئۇنى يوق قىلىۋېتىشى كېرەك. چۈنكى سۈرەتنىڭ ئۆيدە قىلىپ قېلىشى ئائىلىسىدىكىلەرنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە ئىشارەت قىلغان رەھمەت پەرىشتىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد بىن سالىھ ئۇسەيمىن پەتىۋالىرىدىن: "دەۋەت ژۇرنىلى" 54-سان 1765-بەت.

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android