ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
219331/01/2001

قىماردىن تەۋبە قىلىش توغرىسىدا

سۇئال: 10510

مەن قىمارنى كۆپ ئوينىغان ئىدىم، بۇنىڭدىن قانداق تەۋبە قىلىمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن

    سىز تىزدىن قىمارنى، بىرگە قىمار ئوينايدىغان ھەمراھلىرىنى، قىمار ئوينايدىغان ئورۇنلارنى ۋە قىمار ئوينايدىغان نەرسىلەرنى تاشلاپ، ئىلگىركى قىلمىشىڭىزغا پۇشايمان قىلىپ، ئىككىنچى قىمار ئوينىماسلىق ئىرادىسىگە كېلىپ، مەلۇم مىقداردا پۇلنى سەدىقە قىلىۋېتىڭ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر كىشى قەسەم قىلىپ، قەسىمىدە: لات ۋە ئۇززا بىلەن قەسەم دېگەن بولسا، دەرھال: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد بەرھەق يوق دېسۇن، ھەمراھى: بىرى كەل! قىمار ئوينايلى دېگەن بولسا، ئۇ كىشى مەلۇم بىر نەرسە سەدىقە قىلىۋەتسۇن.

   ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇش بولسا، مۇشۇ گۇناھىغا ئالاقىدار سۆزدىن بولغان خاتالىقى ئۈچۈن كاپارەت بولىدۇ. ئىمام خەتتاپ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭ مەنىسى: قىمار ئويناشقا بۇيرىغان پۇلنىڭ مىقدارىدا بىر نەرسە سەدىقە قىلىۋەتسۇن دېمەكتۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"تەتقىقاتچى ئۆلىمالارنىڭ قارىشى بىلەن ھەدىسنىڭ كۆرۈنۈشىدىن توغرا بولغىنى، سەدىقە قىلىش مەلۇم مىقداردىكى پۇلغا خاس بولمايدۇ، بەلكى سەدىقە دېگەن ئىسىمگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەرسە سەدىقە قىلسا توغرا بولىدۇ، بۇ قارارنى ھەدىستىكى بىر نەرسە سەدىقە قىلىۋەتسۇن دېگەن سۆز كۈچلاندۇرىدۇ.

مەنبە

پىقھى توپلاملىرى 39-توم 407-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android