ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئىنسانغا قايسى ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىغا نەپىقە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟

سۇئال: 10552

ئىنسانغا قايسى ۋاقىتتا ئاتائانىسىغا نەپىقە قىلىش كېرەك بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

   ئاتائاتا، بالاچاقىلىرىغا ئوخشاش يېقىنلىرىغا نەپىقە قىلىش قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىجما بىلەن بېكىتىلگەن ئەسلىدۇر.

    بۇنىڭ قۇرئادىن بولغان دەلىلى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:   وَعَلَى الْمَوْلُودِ لَهُ رِزْقُهُنَّ وَكِسْوَتُهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ تەرجىمىسى: «ئاتىلار ئانىلارنى قائىدە بويىچە يېمەك ـ ئىچمەك ۋە كىيىم ـ كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك». [سۈرە بەقەرە  233-ئايەت].

     ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَقَضَىٰ رَبُّكَ أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا إِيَّاهُ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا  تەرجىمىسى: « پەرۋەردىگارىڭ پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلدى». [سۈرە ئىسرا  23-ئايەت].

   ئاتائانا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۇلارغا نەپىقە قىلىشمۇ ياخشىلىقتۇر. ئىجما توغرىسىدا ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دەيدۇ: ئالىملار كەسىپ قىلالمايدىغان، كەمبەغەل ئاتائانىغا نەپىقە قىلىش پەرزەنتىنىڭ مېلىدا پەرىز بولىدۇ دېگەن قاراشقا ئىتتىپاق كەلگەن.

نەپىقەنىڭ ۋاجىپ بولىشى ئۈچۈن نەپىقە قىلغۇچى ئىقتىسادلىق بولىشى، نەپىقە قىلىنغۇچى كەمبەغەل بولىشى، نەپىقىگە ئېھتىياجلىق بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. بۇ ئومۇمى تەرەپتىن ئىتتىپاق كەلگەن ئىش".

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

پىقھى توپلاملىرى"39/22

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android