ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
311602/10/2007

شەۋۋال ئېينىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى بىلەن بىرگە تۇتسا بولامدۇ؟

سۇئال: 106468

دۇشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىدە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن شەۋۋال ئېيىنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنىدە تۇتسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شۇنداق، بۇنىڭدا گۇناھ بولمايدۇ، سىز ئۈچۈن شەۋۋالنڭ ئالتە كۈن ۋە دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى بولىدۇ- ئىنشائاللاھ-.

    شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسى دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنىنىڭ روزىسى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلسە، ھەقىقەتەن ئۇ كىشىگە شەۋۋالنىڭ ئالتە كۈنلۈك روزىسىنى تۇتۇشنىڭ نىيىتى بىلەن دۈشەنبە ياكى پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتقاننىڭ ئەجىر-ساۋابى ھاسىل بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئەمەللەر نىيەتكە ئاساسەن بولىدۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن نىيەت قىلغان ئىشى بولىدۇ. [شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ "ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 154-بەت].

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android