يېڭى ئاينى پەقەت كۆز بىلەنلا كۆرۈش كېرەكمۇ ياكى ھازىرقى زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر ۋە كۈزىتىش ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەتسىمۇ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاينى كۆرسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا
سوال: 106489
اللہ کی حمد، اور رسول اللہ اور ان کے پریوار پر سلام اور برکت ہو۔
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
شەرئى دەلىللەرگە كۆرە، كىشىلەرنى ئاي كۆرۈشتە زامانىۋى ئۈسكىنىلەرگە ئىلتىماس قىلماستىن كۆزى بىلەن كۆرۈش ئاساس قىلىنىدۇ، لېكىن ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن ئاينى كۆرگەن بولسا، ئۇ كىشى ئادالەتلىك مۇسۇلمان بولسا، زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر بىلەن ئاينى كۆرۈشتىن چەكلەيدىغان ھېچ بىر چەكلىمە يوق، بۇمۇ ھېساب بىلەن ئەمەس بەلكى كۆز بىلەن كۆرۈشتىن ئىبارەتتۇر".
["شەيخ ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 15 –توم 68 – 69 –بەت].
ماخذ:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى