ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

رامىزاندا چىشنى داۋالىتىش ياكى تازىلىتىش ئۈچۈن مەس قىلغۇچى ئۇكۇل ئۇدۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سۇئال: 106495

رامىزاندا روزىدار كىشىنىڭ چىشى ئاغرىپ، دوختۇرغا بېرىپ، چىشىنى داۋالاتسا ياكى تازىلاتسا ياكى تارتقۇزىۋەتسە، بۇ جەرياندا دوختۇر چىشقا مەس قىلغۇچى ئوكۇل ئۇرسا بۇنىڭ روزىغا تەسىرى بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

سوئالدا بايان قىلىنغان يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ روزىغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. بەلكى بۇنداق ئىشلار ئەپۇ قىلىنغۇچى، روزىغا تەسىرى بولمايدىغان ئىشلاردۇر. چىشى ئاغرىغان كىشى بۇ جەرياندا گىلىدىن دورا ياكى قان ۋەياكى سۇيۇقلۇق قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭدەك چىشنى مەس قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇلغان ئوكۇلنىڭمۇ روزىغا تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئوكۇل يىمەك-ئېچمەكنىڭ قاتارىدىن ئەمەس. يۇقىرىقىدەك ئەھۋالدا تۇتۇلغان روزا ساغلام روزىدۇر. [شەخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ “تۈرلۈك ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى” ناملىق ئەسىرى 15-توم 259-بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android