ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

دوختۇرلار روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن، ئەمما بەش يىلدىن كېيىن كېسىلىدىن ساقايغان، قانداق قىلىشى كېرەك؟

سۇئال: 106496

   بىر كىشى پالەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، دوختۇرلار ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن كېيىن ئەبەدىي روزا تۇتماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان، لېكىن ئۇ كىشى باشقا رايونلاردىكى دوختۇرلارغا كۆرۈنۈپ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بەش يىلدىن كېيىن كېسىلىدىن شىپا تاپقان، بەش يىل رامىزان روزا تۇتماي ئۆتۈپ كەتكەن، ئاللاھ تائالا شىپالىق بەرگەندىن كېيىن تۇتالمىغان روزىسىنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى قىلمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   كېسەلنىڭ تۈرىنى بىلىدىغان ئىشەنچىلىك مۇسۇلمان دوختۇرلار تەۋسىيە قىلغان بولسا، ئۇلار كېسەلنىڭ شىپا تاپمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئۇ كىشىگە ئۆتكەن بەش يىللىق روزىنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، يېمەك بەرسە كۇپايە قىلىدۇ. يېڭىدىن كېلىدىغان رامىزاندا روزا تۇتسا بولىدۇ".

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھنىڭ تۈرلۈك ماقالىلار ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 15-توم 354-355-بەت.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android