ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئېتىكاپ قىلغۇچى تىلىپۇن ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟

سۇئال: 106538

ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ جەريانىدا تىلىپۇن ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلسا توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

   بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    شۇنداق، ئېتىكاپ قىلغۇچى مۇسۇلمانلارنىڭ بەزى ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، مەسچىتتە تۇرۇپ سىرتقا چىقماي تىلىپۇن ئالاقىسى قىلسا توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى مەسچىتتىن چىقمىدى، تىلىپۇن مەسچىتنىڭ سىرتىدا بولۇپ قالسا مەسچىتتىن سىرىتقا چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇ كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىشقا تەيىنلەنگەن بولسا، ئېتىكاپ قىلمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئېتىكاپ قىلىشتىن مۇھىمدۇر، بۇنىڭ مەنپەئەتى باشقىلارغا يېتىدۇ، كۆپ كىشىلەرگە مەنپەئەتى يېتىدىغان ئىش، مەنپەئەتى مەلۇم كىشىلەرگە  چەكلىنىدىغان ئىشتىن ياخشىدۇر. لېكىن مەنپەئەتى ئىسلامنىڭ مۇھىم ئىشلىرىغا چەكلىنىدىغان بولۇپ قالسا بۇ ئايرىمدۇر.  [شەيخ مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ. "روزىنىڭ ھۆكۈملىرى ۋە ئېتىكاپقا ئالاقىدار پەتىۋالار"  35 بەت].

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android