ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ھىجاپنى تەرك قىلىش روزىنى بۇزامدۇ؟

سۇئال: 107624

    مەن ھىجاپلىق قىز ئەمەس، ھىجاپلانماسلىقىم رامزاندا تۇتقان روزامنى بىكار قىلىۋېتەمدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن،

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: مۇئمىنە ئاياللار ھىجاپلىنىشقا بۇيرۇلغاندۇر. بىز ئىلگىرى ھىجاپ توغرىسىدا نۇرغۇن جاۋاپلارنى بەردۇق. بۇ جاۋاپلار تۈرلۈك شەكىلدە كەلدى، بەزى جاۋاپلار ھىجاپنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بولغان، يەنى ئۇ ھىجاپنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ  ئىلگىرى 21536 -بۇ نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان، ئۇ جاۋاپلارنىڭ بەزىسىدە ھىجاپنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان دەلىللەر13998 11774 -نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان. ئۇ جاۋاپلارنىڭ بەزىسىدە، شەرئى ھىجاپنىڭ سۈپىتى 6991 – نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىنغان.

    ئۇنىڭدىن باشقا ھىجاپنىڭ مۇئمىنە ئايالنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيتىنى بىلدۈرىدىغان جاۋاپلار بار.

    ئىككىنچى: ئايال ھىجابىنى تەرك قىلغاندا ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز رەببىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ، لىكىن روزا تۇتقان بولسا روزىسى توغرا بولىدۇ، ھىجاپنى تەرك قىلىشتىن ئىبارەت ئاسىيلىق قىلمىشلىرى روزىنى بۇزىۋەتمەيدۇ، لىكىن روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ.

    سىزنى روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە شەرئى ھىجاپنى لازىم تۇتۇشقا چاقىرىمىز، ھەقىقەتەن روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەت پەقەتلا يېمەكئىچمەك ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن چەكلىنىشلا ئەمەس، بەلكى بارلىق چەكلەنگەن ئىشلاردىن يىراق بولۇشتۇر. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «روزا تۇتۇش دېگەن پەقەت يېمەكئىچمەكتىن چەكلىنىشلا ئەمەس بەلكى بىكار سۆز ۋە ناچار ئىشلاردىنمۇ قول ئۈزۈشتۇر.» [ھاكىم رىۋايىتى، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا5376  -كەلتۈرگەن].

    تۇتقان روزىڭىز سىزنى ئاللاھقا تائەتئىبادەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان، چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق قىلىدىغان بولسۇن، ئاللاھ تائالادىن سىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android