ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

پەقەت جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇيدىغان كىشى كاپىر ھېسابلانمامدۇ؟

سۇئال: 109220

جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇغان كىشى كاپىر بولمايدۇ دېگەن سۆز توغرىمۇ؟، مەن ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھنىڭ بىر پەتىۋاسىنى ئوقۇسام، شەيخ پەتىۋادا: “پەقەت جۈمە نامىزىنىلا ئوقۇغان كىشى كاپىر بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى نامازنى تولۇق تەرك قىلمىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نامازنى تەرك قىلغان دەپ ئېنىقسىز لەپزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئېنىق لەپزى بىلەن بايان قىلغان. ئىبنى ئۇسەيمىين ۋە ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھدىن بۇ توغرىدا پەتىۋالار بايان قىلىنغانمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋەساھابى كىراملارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭكاپىر بولىدىغانلىقى، قانچىلىك نامازنى تەرك قىلسا كاپىرھېسابلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قارىشى ئوخشاشئەمەس، كۆپچىلىك ئالىملار بىر ۋاقىت ياكى ئىككىۋاقىت نامازنى تەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دەپقارايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار نامازنى مۇتلەقتەرك قىلسا كاپىر بولىدۇ دەپ قارايدۇ.

بىرىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭدەلىلى: ئىسھاق ئىبنى راھۇۋەيرەھىمەھۇللاھنىڭ ساھابىلار ۋە تابىئىنلاردىنبايان قىلغان ئەسىرى.

ئىمام مۇھەممەد ئبنىنەسىر ئەلمىرۋەزىي رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: “مەن ئىسھاق ئىبنىراھۇۋەي رەھىمەھۇللاھنىڭ مۇنداقدېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بولغان توغرا قاراشتا نامازنى تەركقىلغۇچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭدەكپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭدەۋرىدىن باشلاپ مۇشۇ كۈنگىچە بولغانئارىلىقتىكى ئالىملارنىڭ قارىشىدىمۇ، قەستەن نامازنىتەرك قىلىپ سەۋەپسىز نامازنىڭ ۋاقتىنىئۆتكۈزىۋەتكۈچى كاپىر ھېسابلىنىدۇ،ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋىتىش دېگەنلىك: پىشىننىنامىزىنى كۈن ئولتۇرىدىغان ۋاقىتقا كىچىكتۈرۈش، شامنامىزىنى بامدات ۋاقتىغا كىچىكتۈرۈش دېمەكتۇر.

نامازنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتىپەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۈپەتلەپبەرگەن بويىچە بىكىتىلدى.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەرەپاتتا،مۇزدەلىپىدە ۋە سەپەردە ئىككىنامازنى بىرگە ئوقۇپ كۆرسەتتى، بىرىنچى نامازنىڭئاخىرىقى ۋاقتىنى ئىككىنچى نامازنىڭ ئەۋۋەلقىۋاقتى قىلدى، ئىككىنچى نامازنىڭ ئەۋۋەلقىۋاقتىنى بىرىنچى نامازنىڭ ئاخىرقى ۋاقتى قىلىپ بېكىتتى.شۇنداقلا سەۋەپ تىپىلغان ۋاقىتتا ئۇ ئىككىنامازنىڭ ۋاقتى بىر ۋاقىت بولدى. شۇنىڭدەكھەيزدار ئايال كۈن ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەيزدىنپاكلانغان بولسا پىشىن بىلەن ئەسىرنى قىتىپ ئوقۇيدۇ،كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى پاكلانغان بولساشام بىلەن خۇپتەننى قىتىپ ئوقۇيدۇ. [“نامازنىڭھۆرمىتىنى ئۇلۇغلاش” ناملىق ئەسەر 2-توم929-بەت].

مۇھەممەد ئىبنىنەسىر رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەھمەدنىڭمۇنۇ سۆزىنى نەقل قىلىدۇ: “مۇسۇلمانقەستەن نامازنى تەرك قىلغاندىن باشقا گۇناھ بىلەنكاپىر ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر بىر نامازنى يەنەبىر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىسا ئۇ كىشىئۈچ قېتىم تەۋبە قىلدۇرىلىدۇ”.يەنە ئىبنى مۇبارەكنىڭ مۇنۇسۆزىنى نەقل قىلىدۇ: “سەۋەپسىز نامازنىقەستەن تەرك قىلىپ بىر نامازنى يەنە بىرنامازنىڭ ۋاقتى كىرگۈچە ئوقۇمىغان كىشى كاپىرھېسابلىنىدۇ”. [“نامازنىڭ ھۆرمىتىنىئۇلۇغلاش” ناملىق ئەسەر 2-توم 929-بەت].

ئىمام ئىبنى ھەزمىرەھىمەھۇللاھ مۇندق دەيدۇ: “بىزگەئۆمەر ئىبنى خەتتاب، مۇئاز ئىبنى جەبەل،ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ۋە باشقا ساھابىلاردىن (ئاللاھتائالا ئۇلاردىن رازى بولسۇن)، ئابدۇللاھ ئىبنىمۇبارەك، ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئىسھاق ئىبنىراھۇۋەي(ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىبولسۇن)، يەنە ساھابىلاردىن ئون يەتتە كىشىدىن(ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن)، بىرۋاقىت نامازنى قەستەن ئىسىدە تۇرۇپئوقۇماي ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەن كىشىكاپىر، مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ دەپ بايان قىلىنغان.ئىمام مالىكنىڭ ساھىبى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەلماجشۇن،ئابدۇل مەلىك ئىبنى ھەبىيب ئەل ئەندەلۇسىيۋە باشقا ئالىملارمۇ شۇنداق قاراشتا بولغان”. [“ئەلفەسلىفىل مىلەل ۋەلئەھۋائىۋەننىھەل” ناملىق ئەسەر 3-توم 128-بەت].

ئىبنى ھەزمىرەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن:”ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئابدۇراھمان ئىبنىئەۋپ، مۇئاز ئىبنى جەبەل ، ئەبۇھۈرەيرە ۋە باشقا ساھابىلاردىن (ئاللاھ تائالائۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) بىر ۋاقىتنامازنىڭ ۋاقتىنى قەستەن كىچىكتۈرۈپ،ۋاقتى ئۆتۈپ بولغىچىمۇ ئوقۇمىغان كىشى كاپىر،مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ دېگەن ئەسەربايان قىلىنغان. [“ئەلمۇھەللاھ”ناملىقئەسەر 2-توم 15-بەت].

سەئۇدى ئەرەبىستانئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋاكومېتىتىمۇ شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى بازرەھىمەھۇللاھنىڭ رىياسەتچىلىكىدەمۇشۇ قاراشنى كۈچلاندۇرغان. “دائىمى كومېتىتىپەتىۋاسى”(6/40-50).

ئەمما ئىككىنچى قاراش بولسا: نامازنىتولۇق تەرك قىلسا يەنى پەقەت ئوقۇمىسا كاپىربولىدۇ دېگەن قاراش بولۇپ، ئىسلام پېشىۋاسىئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھمۇ بۇقاراشنى تاللىغان. نامازنىڭ بەزىسىنى ئوقۇماي، ئىمام ياكىئۇنىڭ نائىبى ناماز ئوقۇشقا دەۋەت قىلسايەنىلا نامازنى ئوقۇمىغان كىشىمۇ كاپىر بولىدۇ دەپقارايدۇ. شۇنىڭدەك، نامازنى بەزى ۋاقىتتائوقۇپ يەنە بەزى ۋاقىتتا ئوقۇمايدىغان كىشىئۆز كۆڭلىدە نامازنى پۈتۈنئوقۇماسلىقنى مەقسەت قىلسا، بۇ ئادەم ئىچكىتەرەپتىن يەنە ئۆزى بىلەن ئاللاھ تائالائارىسىدىكى ئالاقىدە كاپىر ھېسابلىنىدۇ”. [“پەتىۋالارتوپلىمى”(22/49) (7/615)ۋە شەرھۇل ئۈمدە2-توم 94-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھمۇ مۇشۇ قاراشنىكۈچلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: “يۇقىرىقىدەلىللەردىن مەلۇم بولىشچە: نامازنى دائىمتەرك قىلغان كىشى كاپىربولىدۇ، يەنى كۆڭلىدە پەقەتناماز ئوقۇماسلىقنى مەقسەت قىلىپ، پىشىننىمۇ،ئەسىرنىمۇ، شامنىمۇ، خۇپتەننىمۇۋە بامداتنىمۇ ئوقۇمىغان بولسا ئۇ كىشى كاپىرھېسابلىنىدۇ، ئەمما بىر ۋاقىت ياكى ئىككى ۋاقىتناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ ئادەم كاپىرھېسابلانمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ئادەمنى نامازنىپۇتۇن تەرك قىلدى دىگىلى بولمايدۇ.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەدىستە: «مۇسۇلمان بىلەن مۇشرىكۋە كاپىرنىڭ ئارىسىدىكى پەرق، نامازنى تەرك قىلىش»دېدى. ھەدىستە نامازنى تەرك قىلىش ئىبارىسىئېنىقسىز لەپزى بىلەن ئەمەس بەلكى ئېنىقلەپزى بىلەن بايان قىلغان.” [شەرھۇلمۇمتىئ”2-توم 26-بەت].

پەقەت جۈمە نامىزىئوقۇيدىغان، باشقا نامازلارنى ئوقۇمايدىغان كىشىگەكەلسەك، شەيخنىڭ پەتىۋالىرىدا بۇنداقكىشىگە ھۆكۈم بېرىلگەنلىك توغرىسىداپەتىۋا بايان قىلىنمىغان، لېكىن بىز شەيختىنبىۋاستە سورىغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ: بۇنداق كىشى كاپىربولىدۇ دېگەن. چۈنكى بىر ھەپتىدەئوقۇيدىغان ئوتتۇز بەش ۋاقىت نامازدىن بىرنىلائوقۇش بەك ئاز ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق ئادەمنىناماز ئوقۇدى دېگىلى بولمايدۇ، بۇ كىشى نامازنىتەرك قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android