0 / 0

ھالاللاش نىكاھى ھارام ۋە باتىل

سوئال: 109245

دوستۇم ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغانتى، مەن ئۇ ئايالنى نىكاھىمغا ئىلىپ، ئاندىن بىرىنچى ئېرى بىلەن يارىشىۋېلىشى ئۈچۈن قويۇپ بەرسەم بولامدۇ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

ئەر ئايالىنى ئۈچ تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ياتلىق بولۇپ ئايرىلمىغىچە بۇ ئايال بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەر ئايالىنى (ئۈچ قېتىم) تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايال باشقا بىرىگە ياتلىق بولمىغىچە بىرىنچى ئېرىگە ھالال بولمايدۇ بەقەرە سۈرىسى 230- ئايەت.
بۇنداق نىكاھتا نىكاھنىڭ توغرا، دۇرۇس بولىشى شەرت. ئەمما ئايالنى ئېرىگە تەھلىل قىلىدىغان ۋاقىتلىق نىكاھ ھارامدۇر. بۇنداق نىكاھتا ئايال ئىككىنچى ئېرىدىن ئايرىلىپ بىرىنچى ئېرىگە نىكاھلانماقچى ياكى ئەرمۇ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تالىقىنى بېرىشكە ماقۇل بولۇپ نىكاھىغا ئالغان بولسىمۇ نىكاھ چۈشمەيدۇ. چۈنكى نىيەت تەھلىل قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق نىكاھ باتىلتۇر. ئەلمۇغنى 10-توم 49-55 بەتلەرگە قاراڭ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن ھەدىسلىرى تەھلىل نىكاھىنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق سۆزلىگەن. ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان 2076- بىر ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھلىل قىلغۇچى ۋە تەھلىل قىلدۇرغۇچىغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇندېگەن. ئەلبانىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. تەھلىل قىلغۇچى ئۇ ئايالنى تەھلىل نىيىتى بىلەن نىكاھىغا ئالغان ئادەم، تەھلىل قىلدۇرغۇچى دېگەن ئايالنىڭ بىرىنچى ئېرىدۇ. بۇ ئىككىسىگە لەنەت قىلىنغان.
ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرگە ئارىيەت ئېلىنغان بىر تىكىدىن خەۋەر بېرەيمۇ؟ ئۇ بولسا، تەھلىل قىلدۇرغۇچىدۇر. تەھلىل قىلدۇرغۇچىغا ۋە تەھلىل قىلغۇچىغا ئاللاھ تائالا لەنەت قىلغان ئەلبانى سەھىھ دېگەن.
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب مۇنبەردە تۇرۇپ، ماڭا تەھلىل قىلغۇچى ۋە تەھلىل قىلدۇرغۇچى كەلسە ئىدى، مەن ئۇلارنى رەجم قىلىشقا بۇيرۇيمەندېگەن.
تەھلىل قىلىپ بىرىنچى ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلغان بولسۇن ياكى شەرت قىلماستىن كۆڭلىدە نىيەت قىلغان بولسۇن ھەر ئىككى ھالەتتە ھارامدۇر.
ھاكىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە بىر ئادەم ئۆمەرگە: ”بىر ئايالنى ئېرىگە تەھلىل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن نىكاھىمغا ئالدىم. لېكىن بۇنى ئېرى بىلمەيدۇ“دېگەندە، ئۆمەر ياق. بولمايدۇ. نىكاھ دېگەن كۆڭۈل خالاپ قىلىدىغان نەرسە ياقتۇرساڭ تۇرمۇشىڭنى داۋاملاشتۇر، بولمىسا ئايرىلغىن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا بىز مۇنداق قىلىقنى قانخورلۇق دەيتتۇق. ئۇلار بۇ خىل نىكاھ بىلەن يىگىرمە يىل بىرگە بولسىمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ“ دېگەن.
ئىمام ئەھمەد بىر ئادەمنىڭ بىر ئايالنى بىرىنچى ئېرىگە تەھلىل قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ئايالغىمۇ بىلدۈرمەستىن ئالغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، ئۇ تەھلىل قىلغۇچىدۇر. بۇنىڭ بىلەن تەھلىلنى نىيەت قىلغانلا بولسا لەنەتكەردى بولىدۇ دېگەن.
شۇڭا سىزنىڭ ئۇ ئايالنى تەھلىل نىيىتى بىلەن ئېلىشىڭىز ھالال ئەمەس. بۇ چوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. نىكاھ باغلانمايدۇ، بەلكى زىنا قىلغانلىق بولىدۇ.
ئىسلام سوئال – جاۋاب

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android