ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
3,75712/09/2014

ئېھرامغا كىرگۈچىنىڭ ئادەتتىكى كىيىم-كېچەكنى سىلىۋىتىشىدىكى ھېكمەت نېمە؟

سۇئال: 109350

ھەج-ئۆمرە ئىبادەتلەردە ئېھرام كىيگۈچىنىڭ تىكىلگەن كىيىم كېچەكلەرنى كەيمەسلىكىدىكى ھېكمەت نېمە؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ رەببىگە ئىچكى-تاشقىتەرەپتىن مۇكەممەل باش ئەگكەنلىكىنىئىپادىلەش ئۈچۈن، ئېھرام كىيگەندەيىڭنىدە تىكىلگەن كىيىم-كېچەكلەرنى سىلىپتاشلايدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ رىدا ۋە ئىزار دىنئىبارەت ئىككى پارچە رەختنى كىيىم ئورنىدا قوللىنىشى(بىردانە ئاستى كىيىم ۋە بىر دانە ئۈستى كىيىم)ئۆزىنى ناھايىتى بەك تۆۋەنتۇتقانلىقىدىندۇر. سىز ھەج پائالىيىتى جەريانىدائەڭ ئېسىل كىيىم-كېچەكنى كىيەلەيدىغانباي كىشىلەرنى ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇشتا،ئەڭ كەمبەغەل كىشىلەرگە ئوخشاشھالەتتە كۆرىسىز.

بۇنىڭدىكىيەنە بىر ھېكمەت: مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكىبىرلىكنى نامايەندە قىلىش، ھەتتا ئۇلارنىڭكىيىملىرىمۇ بىر خىل بولىدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىر كەبىنى تاۋابقىلىدۇ، بىر ئورۇندا تۇرىدۇ، بىر ئورۇنداقونىدۇ، بىر ئورۇندا تاش ئاتىدۇ. (ھەج ئىبادىتىجەريانىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر بىرخىل ئۇسۇلدائىلىپ بېرىلىدۇ).

يەنەبىر ھېكمەت: شۇ ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭدۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقتىدا ئىھرامدىكىدەكھالەتتە كېتىدىغانلىقىنى ئەسلەيدۇ.چۈنكى ئىنسان دۇنيادىن ھەرگىزمۇ ئېسىلكىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن ھالەتتەئايرىلمايدۇ، بەلكى دۇنيادىن كېپەن كىيگەن ھالەتتەئايرىلىدۇ.

ئاللاھ تائالاھەممەيلەنگە ياردەم بەرگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android