ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ، ئۇني بەدىنىگە ياكى باشقا جايلىرىغا ئېسىۋېلىش توغرىسىدا

سۇئال: 11026

قۇرئان ئايەتلىرى ۋە زىكىرلەرنى ۋاراقلارغا يېزىپ، ئۇنى مەيدىسىگە ياكى باشقا جايلىرىغا ئېسىۋېلىش ياكى قاتلاپ چېشىنىڭ ئاستىغا قويىۋېلىش ياكى  شەرئى دۇئالاردىن تۇمار پۈتۈپ، ئۇنى تېرىگە ئوراپ كۆرپىنىڭ ئاستىدا ياكى باشقا ئورۇنلاردا قويۇپ قويسا توغرا بولامدۇ؟  قۇرئان، زىكىر ۋە دۇئالاردىن تۇمار پۈتۈپ ئېسىۋالسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ياكى شەرئى دۇئالار يېزىلغان ۋاراقلارنى بەدىنىگە ياكى باشقا ئورۇنلارغا ئېسىۋېلىش ياكى ئۇنى كۆرپىنىڭ ئاستى دېگەندەك ئورۇنلارغا قويۇش قەتئى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭ ھەممىسى شەرىئەتتە چەكلەنگەن تۇمار ئېسىشنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى تۇمار ئېسىۋالىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىشىنى پۈتتتۈرمەيدۇ.

    يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن: ئېىنىقسىز بولغان رۇقىيە ئوقۇش، تىلتۇمار ئېسىش ۋە سېھىر قېلىدىغان نەرسىلەرنى ئېسىش ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئاللاھ ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android