ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

سىڭلىسى تېلېفوندا يات كىشى بىلەن سۆزلەشسە، ئاتا-ئانىسى بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمىسە، ئاكىسى قانداق قىلىشى كېرەك؟.

سۇئال: 111665

بىر كىشى قىز ھەمشىرىسىنىڭ تېلېفوندا يات ئەركەك بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن، سىڭلىسىغا نەسىھەت قىلسا، ئۇ ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدۇ. بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا دىسە، ئۇلارمۇ قىزىغا بۇ ھەقتە نەسىھەت قىلمايدۇ. قىزنىڭ ئاكىسى دەييۈزلۈكنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈنلۈكى بەك يامان بولسا، ئۇ بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا قانداق قىلىشى كېرەك؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. بىرىنچى:كۈنلەش بولسا ئاللاھ تائالا ئىنسان تەبىئىتىدە بار قىلغانخۇسۇسىيەت بولۇپ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىززىتى ياكىئىگىدارچىلىق دائىرىسىدىكى ئىشلار ئۆزى خالىمىغان ھالدا باشقىلارتەرىپىدىن ئىشتىراك ئېتىلگەندە، ياكى مۆمىنئاللاھنىڭ پرىنسىپلىرىنىڭ ئاياغ-ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقىنىكۆرگەن ۋاقىتتا ئاشكارا بولىدىغانخۇسۇسىيەتتۇر.

ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىداكۈنلەش ئىشلىرىنى شەرىئەت قانۇنلۇق يولغاقويغان، ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: ئەر كىشى ئۆزىنىڭئايالىنى ياكى باشقا مەھرەم بولىدىغان ئايال تۇغقانلىرىنى ياتكىشىلەردىن كۈنلىشىدۇر. ئەگەركۈنلىمىسە بۇ ئىش ئەيىب ھېسابلىنىدۇ.بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دېگەن: سىلەرسەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭكۈنلەمچىلىكىدىن ھەيران قىلىۋاتامسىلەر، مەنسەئەدتىن بەكرەك كۈنلەمچى، ئاللاھ تائالامەندىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچىدۇر.يەنەبىر رىۋايەتتە: ھەقىقەتەنسەئەد بەك كۈنلەمچى، مەنئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچى، ئاللاھتائالا مەندىنمۇ بەكرەك كۈنلەمچىدۇر.[تەبەرانىرىۋايىتى].

كۈنلەمچىلىك ئۆزنەسەبىنى ساقلاش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان بولۇپ،ئەگەر ئىنسانلار بۇ ئىشتا سەل قاراپ، كەڭقورساقلىق قىلىدىغان بولسا كىشىلەرنىڭ نەسەبى ئارىلىشىپكېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈنلەمچىلىكھەر بىر مىللەتنىڭ ئەرلىرىدە، ئىپپىتىنى ساقلاششۇ مىللەتنىڭ ئاياللىرىدا قىلىندى. شەرىئەتپرىنسىپىدا ئۆزىنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى (يەنىقىز-ئاياللىرىنى) مۇداپىئە قىلىش يولىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىشەھىد ھېسابلىنىدۇ. سەھىھ ھەدىستەمۇنداق بايان قىلىنغان: ئۆزئائىلە-تاۋاباتلىرىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈنھاياتىدىن ئايرىلغان كىشى شەھىد ھېسابلىنىدۇ.[بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].

ئۆزىنىڭئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، قىز ھەمشىرىلىرىنى ياتئەركەكلەردىن كۈنلىمىگەن كىشى دەيۈزدەپ ئاتىلىدۇ. دەيۈزلۈك ھەممەتەرەپتىن سۆكۈلىدىغان رەزىل بىرتەبىئەت بولۇپ، بۇنداق تەبىئەتتىكىكىشىلەرنىڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدانۇرغۇن دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن.كۆپچىلىك ئىسلام ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا دەيۈزلۈكچوڭ گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ھەدىس شەرىپتەمۇنداق بايان قىلىنغان: ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە:ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان، ئەر كىشىنىڭ شەكلىگەكىرىۋالغان ئايال(گەپ-سۆزدە ياكىكىيىم-كىچەكتە)، دەيۈز ئەردىن ئىبارەتئۈچ تۈرلۈك كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.[نەسائى رىۋايىتى 2561-ھەدىس. بۇ ھەدىسنىشەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ نەسائىنىڭ”سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” داكەلتۈرگەن. “پىقھىئېنسكلۇپىدىيەسى” ناملىق ئەسەر 31-توم321-323-بەتلەردىن قىسقارتىپ ئىلىندى].

ئىمام ئىبنى قەييىمرەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:”دىننىڭ ئەسلى كۈنلەشتۇر. كۈنلۈكىيوق كىشىنىڭ دىنى بولمايدۇ. كۈنلەمچىلىك قەلبنىقوغدايدۇ ، قەلب ئۇ كىشىنىڭ باشقا ئەزالىرىنىقوغدايدۇ. يامان ئىش-ھەرىكەت ۋە ناچار قىلمىشلاردىنمۇداپىئە قىلىدۇ. كۈندەشلىكى بولمىغانكىشىنىڭ قەلبى ئۆلىدۇ، ئاندىن باشقائەزالىرىمۇ ئۆلىدۇ، ئۇ كىشىنىڭ يامانئىش-ھەرىكەت ۋە ناچار قىلىقلارغا تاقابىلتۇرغۇدەك ھالى قالمايدۇ. ئىنسان قەلبىدىكىكۈندەشلىك بولسا، كېسەلگە قارشى تۇرىدىغانۋە كېسەللىكتىن ساقلايدىغان ئېمونتكۈچىگە ئوخشايدۇ. ئىنسان بەدىنىدە بۇكۈچ يوقالسا، ئۇنىڭ ئورنىنى مىكروب قاپلايدۇ،شۇنداقلا بەدەننى مىكروبتىن مۇداپىئە قىلىدىغانقارشىلىق كۈچ بولمايدۇ-دە، نەتىجىدە ھالاك بولىدۇ.”[ئەلجاۋاپ ئەلكافىي 45-بەت].

بىز قەلبى ساغلام ۋەكۈندەشلىك ئۇچقۇنلىرى لاۋۇلداپ يېنىپتۇرىۋاتقان ھالەتتە سوئال سورىغۇچىقېرىندىشىمىز بىلەن بىرسەپتە تۇرىمىزۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئائىلىنىڭئىززەت ئابرۇيى بولغان قىز قېرىندىشىنى ھىمايە قىلىش يولىدامۇستەھكەم تۇرۇشىنى تەۋسىيەقىلىمىز.

ئىككىنچى: قىز ھەمشىرىسى بىلەنبولغان قىيىنچىلىقنى ئۇتۇقلۇق ھەل قىلىشئۈچۈن ئالدى بىلەن: قىز ھەمشىرىسىنىڭ ئۆزئائىلىسىدە تۇرۇپ يات بىر ئەر بىلەنسۆزلىشىشكە جۈرئەت قىلىشى ۋەمۇشۇنداق توغرا بولمىغان ئەخلاققا تۈرتكە بولغانسەۋەبنى بىلىش كېرەك. بىزنىڭقارىشىمىزچە ئۇ خاتالىقنىڭ سادىر بولىشىنىڭمەلۇم سەۋەبلىرى بار:

ئا-ئەتراپلىق كۆڭۈلبۆلۈنمەسلىك: ئۇ قىزچاق ئانىسىنىڭ ياكىدادىسىنىڭ ياكى ھەر ئىككەيلەننىڭكۆڭۈل بۇلىشىدىن مەھرۇم بولغان بولىشىمۇمكىن. ئاندىن ئاشۇ ئالدامچى بۆرە قىزچاقنىئازدۇرۇپ يالغاندىن ئائىلىدە مەھرۇم بولغانمېھرىبانلىقنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ بېرىدىغانلىقىنىھېس قىلدۇرغان.

ب-ئىمانىنىڭ ئاجىزلىقى:ئەگەر ئۇ قىزچاق ئاللاھ تائالانى گۈزەلئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن تولۇق تونىغان بولسا،گۇناھ-مەسىيەتكە بېرىلىدىغان جازانى بىلگەنبولسا، ئەلۋەتتە خاتالىقتىن قول ئۈزەتتى ياكىئۇ دەسلەپتە خاتالىق سادىر قىلىدىغان پەيتتە،خاتالىق بىلەن قىزچاقنىڭ ئارىسىدا توسانجى بولاتتى.

ج-بىكارچىلىق: كۆپچىلىك قىزلاركېچە-كۈندۈزدە بىكار بولسىلائىشقى-مۇھەببەت توغرىسىدىكى رومانلارنى ئوقۇيدۇ.تۈرلۈك تىلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى، ئۇچۇرۋاستىلىرى ياكى تېلېفوندا سۆزلىشىش ئارقىلىق ۋاقىتنىئۆتكۈزىدۇ. ئەگەر ئۇلار شۇۋاقىتلارنى دۇنيا-ئاخىرەتتەمەنپەئەتلىك بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلغان بولسا ئىدى،كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋاقتىنىڭيېتىشمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولاتتى.

د-چەكلەنگەن-ھارامنەرسىلەرگە قاراش: بۇ ئىنسان نەپسىدەشەھۋەتنى قوزغايدۇ، سۈرەتتىكى مودا ياكىئارتىسلارنى تەقلىد قىلىش ۋە ئۇلارغائەگىشىشكە، ساختا ئىشقى-مۇھەببەتسەۋداسى بىلەن نەزەرىيىدەئۆگەنگەن ياكى مېدىيە ۋاستىلىرى ئارقىلىقكۆرگەن ۋە ئوقۇغان ئىشلارنى تەجرىبەقىلىشقا چاقىرىدۇ.

ن-يات جىنسلار بىلەن يالغۇزقىلىش: ئۇ جان ئالغۇچى كېسەللىككە ئوخشاشبولۇپ، قىزچاق يالغۇز يات جىنىس بىلەنئۈلپەتلەشكەندە ياكىسۆھبەتلەشكەندە شەيتاننىڭئۆزلىرىنى ئازدۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.

م-تېلېفۇن ۋەئۇچۇر ۋاستىلىرىنى توغرا قوللانماسلىق ھىلىقى يات ئەربىلەن تونۇشۇش، سۆزلۈشۈشتىكى بىۋاستەخاتالىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

بۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشئۈچۈن سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز يۇقىرىدا بايانقىلىنغان ياكى ئۇنىڭدىن باشقا سەۋەبلەرتوغرىسىدا ياخشى ئويلىنىپ، ئىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ناچارلىشىپكېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئائىلىدىكى توغرا پىكىر ئىگىلىرىبىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تۈپتىنيوق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئىلىپ بېرىش كېرەك.

ئۈچىنچى: سوئالسورىغۇچى قېرىندىشىم!، بىزنىڭ سىزگە قىلىدىغاننەسىھىتىمىز: سىز ھەمشىرىڭىزگەتۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگەئالغان مەزمۇندا ئاغزاكى ياكى يازما ئارقىلىق نەسىھەتقىلىڭ:

1-ئۇ قىزچاقچەكلەنگەن سۆھبەت ئارقىلىق ۋاقىتنىڭئۆتىشى بىلەن ھىلىقى ئالدامچى بۆرىنىڭنەزىرىدە ئېتىبارسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىدۇ.ئۇلار ئۇ قىزغا ئوخشىغان ئۆزىنى ئېتىبارسىزھالەتكە چۈشۈرگەن قىزلار بىلەن تويقىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ھالەتتىكىقىزلارنىڭ تويدىن كىيىن ئۆزلىرىگە خىيانەت قىلىشىدىنئەنسىرەيدۇ.

2- ئۇ قىز شۇ قېتىمقىچەكلەنگەن سۆھبەتتىن كېيىنئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى بۇلغىدى ۋەئائىلىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى چۈشەردى.

3-مەزكۇر سۆھبەتۋە ئارىلىشىش سەۋەبىدىن ئۇنىڭداياخشىلىق ۋە تائەت-ئىبادەتنى ياقتۇرماسلىق،خاتالىق، گۇناھ-مەسىيەتنى ياخشى كۆرۈش ئىستىكىزىيادە بولىدۇ.

تۆتىنچى:ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنىياقتۇرمايدىغان ۋە ئۇلاردىن ئايرىلىپ ياشاش توغرىسىداپىكىر قىلىدىغان بولىدۇ.

بىز مۇشۇنداقھالەتتە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان بەزى ئىشلار توغرىسىدانەسىھەت قىلىمىز:

1-ئۇ قىزچاققا دائىمنەسىھەت قىلىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭتوغرا يول تېپىشىدىن ئۈمىدسىزلەنمەسلىككېرەك.

2-ئاللاھتىن قورقۇدىغانتەقۋادار قىزلار بىلەن تونۇشتۇرۇپقويۇش كېرەك.

3-ئاتا-ئانىنى ئۇ قىزچاققانەسىھەت قىلىش، تەربىيە قىلىش ۋە قىزچاقنىتوغرا يولغا يېتەكلەشئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرۈش لازىم.

4-ئۇ بۇزۇق ئەربىلەن تېلېفۇندا بولسىمۇ سۆزلىشىپ،ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇنىڭغا تەھدىت قىلىشئارقىلىق قورقۇتۇپ قويۇش كېرەك.

5- مۇمكىن بولسا تىزراق ياتلىق قىلىۋېتىشنىڭچارىسىنى كۆرۈش كېرەك.

6-ئاللاھ تائالاغا ئۇ قىزچاقنى توغرايولغا ھىدايەت قىلىش ۋە پىتنىدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپكۆپ دۇئا قىلىش كېرەك.

بۇ بىزنىڭ قارىشىمىز، ئاللاھتائالا سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنى ئۆزى رازى بولىدىغانئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. ئۇ قىزچاقنىمۇئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان ئىشلارغاباشلىسۇن، ئۇنىڭ قەلبىنى ئىماننى ياخشى كۆرىدىغانقىلسۇن ۋە ئىمان نۇرى بىلەن زىننەتلىسۇن،كۇپرى، پىسق-پۇجۇر ۋە ئاسىيلىقنىياقتۇرمايدىغان توغرا يول تاپقۇچىلاردىن قىلسۇن.

ئاللاھ توغرا يولغامۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى:سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىنتەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android