ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

قانداق قىلغاندا ئىشنى ئاخىرىغىچە ئىلىپ بارالايدۇ؟

سۇئال: 111750

مېنىڭ كەمچىلىكىم، مەن ھەرقانداق بىر ئىشنى باشلىسام، ئۇ ئىشنى باشلاي ياكى باشلاشنى مەقسەت قىلاي، ئۇ ئىش مېنىڭ ئىبادەت ئىشلىرىمغا ئالاقىدار بولسۇن ياكى دۇنيالىق ئىشلىرىمغا ئالاقىدار بولسۇن، مەن ئۇ ئىشنى تولۇق، مۇكەممەل ئادا قىلالمايمەن، ھەر ۋاقىت ئىش مۇكەممەل بولماستىنلا ئۇ ئىشنى ئۈزۈپ قويىمەن، تولۇق ئادا قىلالمايمەن؟، بۇ توغرىدا ماڭا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، سىلەرگە رەھمەت.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

سىز دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق كۆرسەتمە بېرىش ۋە توغرا يولغا يېتەكلەشتىكى قىيىنچىلىق ئەمەس بەلكى ئادەت يۆلۈنۈشىدىكى قىيىنچىلىق بولۇپ، بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئاغزاكى تەربىيە ۋە ۋەز-نەسىھەت قىلىش كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى ئەمەلىي تىرىشچانلىق بىلەن تۈزۈتۈش كېرەك.

سىزدىن دەسلەپتە تەلەپ قىلىنىدىغان ئىش: مۇشۇ كەمچىلىكتىن ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن مەزكۇر ئادەتلىرىڭىزنى قەتئىي ئۆزگەرتىشىڭىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ: "ئىشنى مۇكەممەل بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇش" دەسلەپكى تەجىربە ئۇتۇقلۇق بولغاندا، سىز بارلىق ئىشلىرىڭىزنى مۇكەممەل ئادا قىلىشقا ئاتلىنىشىڭىز مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئىككى تۈرلۈك ئىشنىڭ سىزگە ياردىمى بولىدۇ:

1-قىلىدىغان ئىشنى بىر-بىرىگە يېقىن قىسقا باسقۈچقا ئايرىش، بۇنىڭ ھەر باسقۈچتىكى ئىشنى جۇشقۇنلۇق بىلەن تولۇق ئادا قىلىشقا، ئىشنى ئاخىرىقى باسقۈچقا يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق قىلىشتا تۈرتكىسى بولىدۇ. ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان چوڭ ئىشلار ئىنسانغا ئېغىر كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلارنى تۈرگە ئايرىپ قىلغاندا، ئىشنى ھەر باسقۇچتا ئۇتۇقلۇق، تولۇق ئادا قىلىش مۇمكىن بولىدۇ.

2-تىز ئادا قىلىدىغان قىسقا ئىشلارنى تاللاش، ۋاقتىدا ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇ ئىشنى باشلاش كېرەك. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئەي ئىنسانلار! سىلەر تاقەت قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىڭلار. [بۇخارى رىۋايىتى 5861-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 782-ھەدىس]. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىشلارنىڭ ئاللاھ تائالاغا ياخشى كۆرۈلىدىغىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرىدىغىنىدۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 6464-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 783-ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ: "زىيان-زەخمەت يەتمەستىن داۋاملاشتۇرۇشقا قادىر بولالايدىغان ئىشلارنى قىلىڭلار" دېگەن بولىدۇ دەپ چۈشەنچە بەرگەن. بۇ ھەدىس ئىبادەتتە ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، چوڭقۇرلاپ كەتمەستىن نورمال يول تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. بۇ ھەدىس پەقەت نامازغا خاس بولماستىن بەلكى بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ". [ئىمام نەۋەۋىينىڭ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىسى" 6-توم 70-71-بەت].

سىزنى تەربىيىگە ئالاقىدار كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشقا، ئوقۇغان كىتابلارنىڭ مۇشۇ تېمىغا ئالاقىدار مەزمۇنلىرىدىن پايدىلىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ مەزمۇندا مۇھىم بولغان كىتابلار: دوكتۇر ناسىر ئۆمەرنىڭ «ئىرادىسىزلىك، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى ئىسلاھ قىلىش" ناملىق ئەسىرى، دوكتۇر مۇھەممەد مۇسا شەرىپنىڭ: "ئىشەنچنىڭ ئاجىزلىقى"ناملىق ئەسەرى قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android