0 / 0

مۇسىبەتنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟

سوئال: 112905

مۇسۇلمان بىرەر مۇسىبەتكە دۇچار بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىنىڭ جازاسى ياكى دەرىجىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشى ئۈچۈن بولغان سىناقمۇ، بۇنى قانداق بىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بالا-مۇسىبەت ۋە سىناقلارغا ئۇچرىغۇچى ئۈچۈن (ئاللاھ تائالانىڭ قازا ۋە قەدەردىكى ھېكمىتى تەرىپىدىن) بۇنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستە بىۋاستە ئىككى سەۋەبى بايان قىلىنغان:

بىرىنچى سەۋەپ: ئىنساندىن سادىر بولغان كۇپۇرلۇق ياكى چوڭ گۇناھلاردىن ئىبارەت ئاسىيلىقتىن بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى دۇنيادا تىزدىن جازالاش ۋە ئازابلاش يولى بىلەن تۈرلۈك بالا-مۇسىبەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَصَابَكَ مِنْ سَيِّئَةٍ فَمِنْ نَفْسِكَ تەرجىمىسى: «(ئى ئىنسان!) ساڭا يەتكەن ياخشىلىق (مەرھەمەت قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ساڭا يەتكەن يامانلىق (قىلمىشلىرىڭ تۈپەيلىدىن) ئۆزۈڭدىندۇر» [سۈرە نىسا 79-ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أَصَابَكُمْ مِنْ مُصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَنْ كَثِيرٍ تەرجىمىسى: «سىلەرگە (يەنى جېنىڭلار ياكى مېلىڭلارغا)ھەرقانداق بىر مۇسىبەت يەتسە، ئۇ سىلەرنىڭ قىلغان گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن كەلگەن بولىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن گۇناھىڭلارنى ئەپۇ قىلىدۇ(ئەپۇ قىلمايدىغان بولسا، بالا ۋە مۇسىبەتتىن ھېچ قۇتۇلماس ئىدىڭلار)» [سۈرە شۇرا 30-ئايەت].

“قۇرئان كەرىم تەپسىرى” 2-توم 363-بەت.

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا بىر بەندىگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ بەزى خاتالىقىنىڭ جازاسىنى دۇنيادا قىلىدۇ، بىر بەندىگە يامانلىقى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ جازاسىنى تولۇق بېرىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2396 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى”دا كەلتۈرگەن].

ئىككىنچى سەۋەپ: ئاللاھ تائالا سەۋېرچان مۆمىننىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ قازا-قەدىرىگە رازى بولىشى ۋە سەۋېر قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بالا-مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايدۇ، سەۋىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابى ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇتۇق قازانغۇچىلار قاتارىدىن يېزىلىدۇ، پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگە، سالىھ-ياخشى كىشىلەرگە بالا-مۇسىبەت كۆپ بولدى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىدىن تىز پۈكمىدى، ئاللاھ تائالا بۇنى ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنى ئىكرام قىلىش، جەننەتتە مەرتىۋېسىنى ئەڭ يۇقىرى قىلىش ئۈچۈن قىلدى. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئېرىشىدىغان مەرتىۋېسى بېكىتىۋېتىلگەن بولسا، بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەل-ئىبادەتلىرى بىلەن يىتەلمەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە، مالىدا ياكى ئەۋلادلىرىدا بىر سىناقلارنى قىلىدۇ، سەۋىر قىلسا شۇ ئارقىلىق يېتەلەيدۇ». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 3090-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 2599 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇكاپاتنىڭ ئەڭ كاتتىسى بالا-مۇسىبەتنىڭ كاتتىسىغا كۆرە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا بىر مىللەتنى ياخشى كۆرسە ئۇلارنى سىنايدۇ، كىمكى بۇ سىناققا رازى بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىدىن رازى بولىدۇ، كىمكى بۇ سىناقنى ئۆچ كۆرىدىكەن، ئاللاھ تائالامۇ ئۇ كىشىنى ئۆچ كۆرىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 2396-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ “سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى” 146 -ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە ئىككى سەۋەپ جۇغلاشقان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۆمىنگە تىكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېچىكرەك بىر نەرسىدىن مۇسىبەت يەتسە، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلىدۇ، خاتالىقىنى ئۆچۈرىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 5641 -ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2573 -ھەدىس].

ئاندىن بۇ ئىككى سەۋەپنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاقلىق ۋە بىر-بىرىگە كېرىشىپ كېتىش، بۇ ئىككى سەۋەپنىڭ ھەر بىرى ئايرىم كەلگەن شەكلىدىن كاتتا بولىدۇ: قارىمامسىز! ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى خاتالىقى سەۋەبىدىن مۇسىبەتكە مۇبتىلا قىلسا، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا سەۋىر قىلسا، شۈكۈر قىلسا ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، جەننەتتە دەرىجسىنى يۇقىرى قېلىدۇ، ئاللاھ ئۆزىدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ سەۋىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى تولۇقلاپ بېرىدۇ.

ئاللاھ تائالا بىر كىشىنى جەننەتتە بېكىتىلگەن يۇقىرى مەرتىۋېسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ۋە ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولۇش ئۈچۈن بالا-بۇسىبەتكە مۇبتىلا قىلسا، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن دۇنيادا بېرىلگەن نەخ جازا ھېساپلىنىدۇ، ئاخىرەتتە قايتىدىن جازالانمايدۇ، بۇنداق ئىشلار ئاتىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە يۇنۇس ئەلەيھىسسالام قاتارلىق بەزى پەيغەمبەر-ئەلچىلەرگىمۇ بولغان، ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننەتتىن چىقىرىۋېتىش ۋە يۈنۈس ئەلەيھىسسالامنى بېلىقنىڭ قارنىغا غەرق قىلىش بىلەن سىنىغاندا، ئۇ ئىككەيلەننىڭ بۇنىڭغا سەۋىر قىلىپ، ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مەرتىۋېسىنى يۇقىرى قىلدى، ئۇ ئىككەيلەندىن سادىر بولغان خاتالىققا كاپارەت بولدى.

دۇنيالىق جازا ئاخىرەتلىك جازادىن ئايرىلمايدۇ دېگەننىڭ دەلىلى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بۇ ئىككى سەۋەپ بىرگە زىكىر قىلىنغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان. ئۇ ھەدىسلەردىن: سەئىد ئىبنى ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئىنسانلاردىن قايسىسى ئەڭ قاتتىق مۇسىبەت بىلەن سېنىلىدۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «پەيغەمبەرلەر ئاندىن ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەر، ھەر كىشى ئۆزىنىڭ دىنى-ئېتىقادى بويىنچە سېنىلىدۇ، ئەگەر دىنى ئېتىقادى كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇ كىشىگە كېلىدىغان بالا-مۇسىبەتمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر دىنى-ئېتىقادىدا كۈچلۈك بولمايدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ دىنى-ئېتىقادى بويىنچە سىنىلىدۇ، ئىنسان دائىم بالا-مۇسىبەتكە گېرىپتار بولىدۇ ، ھەتتا ئاخىرىدا زېمىندا خاتالىقتىن خالى بولغان ھالەتتە يۇرىيدۇ.» [تىرمىزى رىۋايىتى 2398 -ھەدىس].

شۇنداق بولسىمۇ بەزى ۋاقىتتا مۇشۇ ئىككى سەۋەپنىڭ بىرى بالا-مۇسىبەتنىڭ بەزى شەكىللىرىدە روشەن بولىدۇ، بۇنى ئاشۇ مۇسىبەتكە ئالاقىدار بولغان ئىشلارنى سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق چۈشىنىش مۇمكىن بولىدۇ:

ئەگەر بالا-مۇسىبەتكە مۇبتىلا بولغۇچى كاپىر بولسا: ئۇنىڭغا يەتكەن بالا-مۇسىبەت بىلەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى مۇمكىن ئەمەس، كاپىرنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدا ھېچ ئېتىبارى بولمايدۇ، لېكىن بۇ باشقىلار ئۈچۈن ئىبرەت ۋە ۋەز-نەسىھەت بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا قىلغان نەخ جازاسى ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭغا تەييارلانغان ئازاپنىڭ زىيادە بولىشى ئۈچۈن بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَفَمَنْ هُوَ قَائِمٌ عَلَى كُلِّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَجَعَلُوا لِلَّهِ شُرَكَاءَ قُلْ سَمُّوهُمْ أَمْ تُنَبِّئُونَهُ بِمَا لا يَعْلَمُ فِي الأرْضِ أَمْ بِظَاهِرٍ مِنَ الْقَوْلِ بَلْ زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا مَكْرُهُمْ وَصُدُّوا عَنِ السَّبِيلِ وَمَنْ يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِنْ هَادٍ  لَهُمْ عَذَابٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَلَعَذَابُ الآخِرَةِ أَشَقُّ وَمَا لَهُمْ مِنَ اللَّهِ مِنْ وَاقٍ تەرجىمىسى: «ھەر بىر كىشىنىڭ قىلغان ئەمەلىنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى ئاللاھ (بۇتلارغا ئوخشامدۇ؟) ئۇلار بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ئۇلارغا: «بۇتلارنىڭ ناملىرىنى ئاتاپ بېقىڭلار، يەر يۈزىدە ئاللاھ بىلمەيدىغان نەرسىلەر باردەك، سىلەر ئۇلارنى ئاللاھقا ئېيتىپ بېرەلەمسىلەر؟ ياكى قۇرۇق گۇمان بىلەن (ئۇلارنى ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەۋاتامسىلەر؟)» دېگىن. بەلكى كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ كۇفرى چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار توغرا يولدىن مەنئى قىلىندى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمگە ھېچقانداق ھىدايەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇلار بۇ دۇنيادا ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىق بولىدۇ. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىغۇچى بولمايدۇ». [سۈرە رەئەد 33-34-ئايەتلەر].

ئەگەر بالا-مۇسىبەتكە مۇبتىلا بولغۇچى گۇناھ-مەسىيەتنى ياكى پىسقى-پۇجۇرنى ئاشكارا قىلغۇچى مۇسۇلمان  بولسا: ئۇنىڭ قارىشىدا ئۆزىگە يەتكەن مۇشۇ بالا-مۇسىبەتنىڭ جازا-ئازاپ ئىكەنلىكى كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى خاتالىقنىڭ كاپارەت بولىشى مەرتىۋىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىن ئىلگىرى بولىدۇ، گۇناھكار كىشى دەرىجىنىڭ يۇقىرى بولىشىدىنمۇ بەكرەك خاتالىقىنىڭ كاپارەت بولىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

بۇنىڭ قارشىسىدا، ئەگەر بالا-مۇسىبەتكە مۇبتىلا بولغۇچى تەقۋادار، ئىتائەتمەن، ئىبادەتكوي مۇسۇلمان بولسا، ئۆزىنىڭ بىلەن رەببىنىڭ ئارىسىدا پەقەت ھەقىقى بەندىچىلىك بولسا، ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر، ھەمدە، تەسبىھ ۋە ئۇنىڭغا قايتىش بىلەن مەشغۇل بولسا، ئۆزىگە يەتكەن مۇشۇ بالا-مۇسىبەتنىڭ ئۇنىڭغا قىلىنغان ئىكرام ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن ئىكەنلىكى كۈچلۈك بولىدۇ.

ئابىد بەندىلەر بولسا ئاللاھنىڭ زېمىندىكى گۇۋاھچىلىرىدۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندە، ئۆزلىرىگە يەتكەن بالا-مۇسىبەتنىڭ ئەگەر بۇنىڭغا سەۋىر قىلسا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن بېرىلگەن بىشارەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئەگەر بالا-مۇسىبەتكە مۇبتىلا بولغۇچى ئۆزىگە يەتكەن مۇسىبەتنى ئۆچ كۆرۈپ، داد-پەريات كۆتۈرسە، بۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان ئىكرام ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن بولغان بىشارەت دەپ چۈشەنمىسە، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بۇ كىشىنىڭ سەبىرسىزلىكى ۋە نارازىلىقىنى بىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىگە يەتكەن مۇسىبەتلەرنىڭ جازا-ئازاپ بولىشى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بەزى سالىھ كىشىلەر مۇنداق دېگەن: “ئىنسانغا يەتكەن بالا-مۇسىبەتنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەت ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى: بۇنداق ھالەتتە سەۋىرسىز بولۇش، داد-پەريات قىلىش ۋە باشقىلارغا شىكايەت قىلىش قاتارلىقلاردۇر.

بۇنىڭ گۇناھقا كاپارەت، خاتالىقنى ئۆچۈرۈش ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتى بولسا: مۇسىبەت يەتكەندە چىرايلىقچە سەۋىر قىلىش، داد-پەريات قىلماسلىق، تائەت-ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىشتا ھورۇنلۇق قىلىپ، سۇسلاشماسلىق قاتارلىقلاردۇر.

مۇسىبەتنىڭ دەرىجىنى ئۈستۈن قىلىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى بولسا: مۇسىبەت يەتكەندە ئۇنىڭغا رازى بولۇش، كۆڭلى تېنچ بولۇش، دىلىدا مۇۋاپىق كېلىش، مۇسىبەت ئاخىرلاشقانغا قەدەر ساكىن بولۇش قاتارلىقلاردۇر.

يۇقىرىدىكى ئامىللار كەسكىن قاراش بولمىسىمۇ، ئىنسان ئۆزىگە ياكى باشقىلارغا بالا-مۇسىبەت يەتكەندە بۇنىڭ ئۈچۈن كەسكىن ھۆكۈم قىلماستىن بەلكى بۇنىڭدىكى ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بولغان بىر نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىپ باقسا بولىدۇ.

مۇشۇ تەپسىلى بايانلاردىن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مۇنداق دېيىشتىن ئىبارەتتۇر: ئىنسان ئۈچۈن ئويلىنىش تەلەپ قىلىنىدىغان ئەمەلى مەنپەئەت: ئىنسانغا ھەرقانداق بالا-مۇسىبەت يەتكەندە بۇنىڭغا سەۋېر قىلسا، ئاللاھدىن ۋاساپ ئۈمىت قىلسا، بۇ ئۇ كىشى ئۈچۈن ياخشىدۇر ۋە ئەجىر-ساۋاپ بولىدىغان ئىشتۇر، ئەگەر سەۋېر قىلماي، ئۆچ كۆرۈپ، داد-پەريات قىلىدىكەن بۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۈچۈن ياماندۇر ۋە قەبىھدۇر. ئىنسان نەپسىنى  بالا-مۇسىبەتكە بەرداشلىق بېرىشكە، ئاللاھنىڭ قازا-ۋە قەدەرىگە رازى بولۇشقا كۆندۈرسە، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يەتكەن بالا-مۇسىبەتنىڭ سەۋەبىنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن بۇنىڭ ھېچ زېيىنى يوق، بەلكى ئىنسانغا ئەڭ لايىق بولغىنى: دائىم ئۆزىدە كەمچىللىك ۋە خاتالىق بار، ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرىشى كېرەك بولىدۇ، چۈنكى بىزنىڭ ھەممىمىز خاتالىق سادىر قىلغۇچى، ھېچ قايسىمىز ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن يىراقلاپ كېتەلمەيمىز، ئوھۇد كۈنىدە بارلىق ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىغا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ تائالا تەرەپتىن مۇسىيبەت يەتكەن تۇرسا، شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ئۆزىگە يەتكەن ھەر بىر مۇسىبەتنى مېنىڭ مەرتىۋەمنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن بولغان دەپ ئويلىيالايدۇ. ئىبراھىم ئەدھەم رەھىمەھۇللاھ ئاسمان يۈزىنى قاپلىغان بوران-شامالنى كۆرسە: بۇ مېنىڭ گۇناھىم سەۋەبىدىن، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن چېقىپ كەتسەم سىلەرگە ھېچ نەرسە بولمايدۇ دەيتتى.

بىزنىڭ گۇناھ-مەسىيەتكە چۆمۈپ كەتكەنلىرىمىزنىڭ ئەھۋالى قانداق بولار؟!.

ئاندىن بۇنىڭ ھەممىسىدىن مۇھىم بولغىنى: بەندە دائىم، ھەر قانداق ھالەتتە ئۆز رەببىگە ياخشى قاراشتا بولىشى كېرەك. ئاللاھ تائالا گۈزەل قاراشقا، تەقۋادارلىق قىلىنىشقا ۋە مەغپىرەت قىلىشقا ھەممىدىن بەك لايىقتۇر.

ئاللاھ تائالادىن: بىزگە رەھمەت قىلىشنى، بىزنى مەغپىرەت قىلىشنى، بىزگە پايدىلىق بولغان ئىلىملەرنى تەلىم بېرىشنى، يەتكەن مۇسىبەتلىرىمىزگە ئەجىر-ساۋاپ بېرىشنى سورايمىز.

ئاللاھ تائالا ھەممە تېلەكلىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغۇچىدۇر.

بۇ ھەقتە 13205 – نومۇرلۇق سۇئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android