0 / 0

مىيقاتتىن ئۆتۈپ كېتىپ ئېھرامغا كىرگەن كىشى توغرىسىدا

سوئال: 113877

مەن بۇ يىل ئايالىم بىلەن ھەجگە بارغان ئىدىم، بىز ئەبۇ زەبىدىن جىددىگە قاراپ ئۇچقان، ئايروپىلان باشقۇرغۇچى مۇسۇلمان ئەمەسكەن، ئۇ بىزگە 45 مىنۇتتىن كىيىن ئېھرام كىيىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئورۇننىڭ ئۇدۇلىغا يىتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما بۇ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەنلىك توغرىسىدا خەۋەر قىلمىدى. بىز ئايروپىلاندىكى كىشىلەرنىڭ تەلبىيە ئېيتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئېھرامغا كىردۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزگە قان (جازا) كېلەمدۇ كەلمەمدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقاخاستۇر.پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرىبولسۇن.

سىلەر مىيقاتتىنئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئېھرامغا كىرگەن بولساڭلار،سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر قوي ۋەئايالىڭىز ئۈچۈن بىر قوي ئۆلتۈرۈپ،مەككىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىپبېرىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ.

“پىقھى ئېنسىكلوپېدىيىسى” 22-توم 140-بەتتەمۇنداق بايان قىلىنغان: بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنىمىيقاتتىن) ئېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن كىشىمۇمكىن بولسا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قايتىپئېھرام كىيىپ كەلسە ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككەكەلگەن قارىشى بويىچە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكىئۇ كىشى ئىېھرام كىيىشكە بۇيرۇلغان جايدىنئېھرام كىيىپ كەلدى. ئەمما مالىكىي ۋەھەنبەلى مەزھەب ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىدا،بەلگىلەنگەن ئورۇندىن (يەنى مىيقاتتىن) ئېھرامسىزئۆتۈپ كەتكەن كىشى بەلگىلەنگەنئورۇنغا قايتىپ بېرىپ ئېھرام كىيىپ كەلسۇن ياكىئۆز ئورنىدىن ئېھرام كىيسۇن ئۇ كىشىگە ئوخشاشلا قان(جازا)ۋاجىپ بولىدۇ.

شەيخ ئىبنى بازرەھىمەھۇللاھدىن: ھەج-ئۆمرە قىلىشئۈچۈن مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپكەتكەن كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپسورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: “ھەج-ئۆمرىنىمەقسەت قىلىپ كەلگەن كىشىنىڭ مىيقاتتىنئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشى توغرا بولمايدۇ،ئەگەر مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپكەتكەن بولسا، ئارقىسىغا يېنىپ بېرىپ مىيقاتتىنئېھرام كىيىپ كېلىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمايئۆتۈپ كەتكەن ئورۇندىن ياكى مەككىگەيېقىن جايدىن ئېھرام كىيسە، كۆپچىلىكئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ئۇ كىشىگە قان قىلىش (جازاسى)كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى بەلگىلەنگەنئورۇندىن ئېھرام كىيىشتىن ئىبارەت بولغان ۋاجىپ ئىشنىتەرك قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ كىشىمەككىدە بىر قويئۆلتۈرۈپ شۇ يەردىكىكەمبەغەللەرگە تارقىتىپ بېرىدۇ،” دېگەن.[“شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار توپلىمى” 17 -توم9-بەت].

بىر كىشى شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: مەنئۆمرە قىلىش مەقسىتىدە رىيادتىن ئايروپىلان بىلەنجىددىغا كەلدىم، يولدا ئايروپىلان باشقۇرغۇچى يەنە25 مىنۇتتىن كىيىن مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىغاكېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، مەن دىققەت قىلماستىن ئولتۇرۇپتىمەن،ئايروپىلان مىيقاتنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈپ بەشمىنۇتتىن كىيىن ئېھرام كىيدىم، شۇنداق قىلىپ ئۆمرەپائالىيىتىنى ئادا قىلدىم، بۇ توغىرمۇ؟ دەپ سورىغاندا،شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “بۇمەسىلىگە بېرىلىدىغان ھۆكۈم ئۆلىمالار بايانقىلغاندەك، مىيقاتتىن ئۆتۈپ بولۇپ ئېھرامكىيگەنلىك ئۈچۈن بۇ كىشى بىر قويئۆلتۈرۈپ مەككىدىكىكەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپبېرىدۇ، ئەگەر قوي سىتىۋالغىدەك ئىقتىسادىبولمىسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقابۇيرۇمايدۇ، لېكىن مېنىڭ قېرىنداشلارغاقىلىدىغان نەسىھىتىم: ئايروپىلان باشقۇرغۇچى 25 مىنۇتياكى 20 مىنۇتتىن كىيىن مىيقاتنىڭ باراۋىرىگە يىتىپكېلىمىز دەپ ئېلان قىلىدىكەن شۇ ۋاقىتتائېھرام كىيىش كېرەك، چۈنكى بەزى كىشىلەرئېلان قىلغاندا ئۇخلاپ ھېچ نەرسىنى تۇيمايدۇ،جىددە ئايدۇرۇمغا ئاز قالغاندا مىيقاتتىن ئۆتۈپكەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، سىز مىيقاتقا كېلىشتىنبىر سائەت ياكى ئىككى سائەت ياكىبەش-ئون مىنۇت بۇرۇن ئېھرام كىيسىڭىزھېچ گەپ يوق، دىققەت قىلىش زۆرۈر بولغان ئىش،مىيقاتتىن ئېھرامسىز ئۆتۈپ كېتىشتىنئىبارەتتۇر. بەش مىنۇت ۋاقىتتا ئايروپىلاننۇرغۇن مۇساپىنى بېسىپ بولىدۇ، سۇئال سورىغانقېرىندىشىمىزغا دەيمەنكى، سىز مەككىگە بېرىپمىيقاتتىن ئىېھرامسىز ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىركىشى ئۈچۈن بىردىن قوي ئۆلتۈرۈپ مەككىدىكىكەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپبىرىڭ، لېكىن بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلىڭلار.ئايروپىلان باشقۇرغۇچى مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن مىيقاتنىڭباراۋىرىگە كېلىمىز دەپ ئېلان قىلغاندا،ئېھرام كىيىۋالساڭلار ياخشى، بۇنىڭ ھېچزىيىنى يوق.”

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android