ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

سەللە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىدىنمۇ؟

سۇئال: 113894

سوئال:
سەللە كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ئادەتمۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

جاۋاب:
ھەدىسلەردە سابىت بولىشىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەللە كىيگەن. شۇنىڭدەك
ئىشتان، كۆڭلەك، ئۇزۇن كۆڭلەك ۋە باشقىلارنى كىيەتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز
قەۋمىنىڭ ئادىتىدە بولغان نەرسىلەر ئىدى. ئۆلىمالار سەللىنىڭ سۈننەت ياكى ئادەت
ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ قىلىشقان. لېكىن ئەڭ كۈچلۈك قاراش سەللە سۈننەت ئەمەس، بەلكى
ئادەتتۇر. ئەسلىدە ئىنسان ئۆز قەۋمى كىيگەن نەرسىنى كىيسە بولىدۇ. ئۇلاردىن ئايرىم
كىيىنىپ ئۆزىنى كۆرسىتىش توغرا ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۆھرەت كىيىمىدىن
توسقان. ئەگەر سەللىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىيگەنلىكى ئۈچۈن سۈننەت دېيىلسە،
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىشتان، كۆڭلەك، ئۇزۇن كۆڭلەك ) ئەرەبلەر ئۆز ۋاقتىدا
ئىككى پارچە لاتىنى كىيىم ئورنىدا قوللىناتتى( كىيگەن. بۇلارنى كىيىشمۇ سۈننەتمۇ؟
پەتىۋا ھەيئىتى بۇ توغرىدا سورالغان سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: بىرسى مۇنداق سورىغان،
ساقىلىمنى قويدۇمو قىسقا كىيىم كىيدىم ، بېشىمغا سەللە كىيدىم. لېكىن كۆپ كىشىلەر
بۇ ئىشىمنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئۇلار مېنىڭ بېشىمغا ياغلىق ۋە دۈگىلەك) ئەرەبلەرنىڭ
ياغلىقنىڭ ئۇستىگە قويۇۋالىدىغان نەرسە( تاقىمىغانلىقىم ئۈچۈن مېنى مەسخىرە قىلىدۇ.
سەللە كىيىش سۈننەتمۇ ياكى ئۇ ھازىرقى زامانغا يارىمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
كىيگەن سەللە قانداق ئىدى؟ رەڭگى ئاقمىدى ياكى قارىمىدى؟ ئۇنى كىيگىنىم ئۈچۈن
گۇناھكار بولامدىم؟
ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىلگەن: ئەمما سىزنىڭ ساقال قويغىنىڭىز ياخشى بۇنى ۋاجىپ
دەيمىز. سۈننەتكە ئەگەشكىنىڭىزمۇ ياخشى ئىش. ئەمما كىشىلەرنىڭ سىزنى مەسخىرە
قىلغىنى توغرا ئەمەس. سەللە كىيىش مۇباھ ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇ سۈننەت ئەمەس.
شەھىرىڭىزدىكى خەلق نېمىنى كىيسە سىزمۇ شۇنى كىيىڭ. بۇ پەتىۋانى بەرگەنلەر شەيخ
ئابدۇللا ئىبنى باز، ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ، ئابدۇللا غۇدەييان، سالىھ ئەلفەۋزان،
بەكرى ئەبۇ زەيد قاتارلىق ئۆلىمالاردۇر.
شەيخ ئۇسەيمىن سەللە سۈننەتمۇ دەپ سورالغاندا، ياق، ئۇ سۈننەت ئەمەس، بەلكى
ئادەتتۇر
دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك سەللە كىيىش سۈننەت ئەمەس، ئۇ ئادەتتۇر. ئۇنى
كىيىش كىيمەسلىك ھەركىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. لېكىن بىراۋ ئۆز شەھەر خەلقىنىڭ كىيىمىدىن
باشقىچە يوسۇندا كىيىنىپ ئۆزىنى باشقىچە كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسا بۇ جايىز ئەمەس. چۈنكى
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۆھرەت كىيىمىدىن توسقان.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android