ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
4,18112/12/2012

ئۆمرە ئىبادىتى بۇرۇن ئادا قىلىنامدۇ ياكى قەرزمۇ؟

سۇئال: 114534

مەن ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنساملا ئۆمرە-ھەج قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنسام، ئۆتەشكە تىگىشلىك قەرزىم بار تۇرۇقلۇق ئۆمرە قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆمرە قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

كىشىلەرنىڭھەق-ھوقۇقلىرىنى ئادا قىلىش، ھەج-ئۆمرە ئىبادىتىنىئادا قىلىشتىن ئۈستۈن قويۇلىدۇ.باشقىلاردىن قەرزئىلىپ، قەرز ئىگىلىرى قەرزنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىرمۇسۇلمان كىشىنىڭ، قەرزدارلىق ھالەتتەھەج-ئۆمرە قىلىشى توغرا بولمايدۇ. ئىسلام پرىنسىپىكىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلغانئاساستا، بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلارنى ئالدىنقى قاتاردا قويىدۇ،كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلىرىنىۋاقتىدا ئادا قىلىشى ئۇلار ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، دوستلۇقنىكۈچەيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىنبىر-بىرىنىڭ مال-مۈلكىگە يولسۇزلۇق ۋەھەققىگە تاجاۋۇز قىلماسلىق تەلەپقېلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىينرەھىمەھۇللاھدىن: مەن بىر قانچە كىشىگەقەرزدار، بۇ ھالەتتە ئەۋلادلىرىم بىلەنبىرلىكتە رامىزاننى مەككىگە بېرىپئۆتكۈزسەم بولامدۇ؟ بىز مەككىدە تۇرۇشجەريانىدا ئۆي ئىجارىسىنى ھەر بىرىمىز ئايرىمتۆلەيمىز،بۇ قانداقبولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ بۇ سوئالغا جاۋاببېرىپ مۇنداق دېگەن: مەن بىر قانچە سۇئالسوراپ باقاي: نەپلە سەدىقە قېلىش ياخشىمۇياكى بېكىتىلگەن زاكاتنى ئادا قىلىشمۇ؟، ئەلۋەتتە بېكىتىلگەن زاكاتنى ئادا قىلىشياخشى. نەپلە ئىبادەتنىئادا قىلىش ئارتۇقمۇ ياكى پەرز ئىبادەتنى ئاداقىلىشمۇ؟، ئەلۋەتتە پەرز ئىبادەتنىئادا قىلىش ياخشى.

ئەقلى قاراش بىلەنيەكۈنلىگەندىمۇ، ھەر قاچان پەرزئىبادەتلەرنى نەپلە ئىبادەتلەردىنبۇرۇن ئادا قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن قەرزى بولغان كىشىنىڭقەرزىنى ئادا قىلماستىن مەككىگە بېرىپ نەپلەئىبادەت بولغان ئۆمرە-ھەج پائالىيىتىنى ئادا قىلىشى توغرابولمايدۇ. چۈنكى قەرزنى ئادا قىلىش پەرزدۇر. نەپلە ئۆمرە قىلىش زۆرۈرئەمەس بەلكى قەرزدار بولۇپ قالغان كىشىدىنپەرز ھەجنى ئادا قىلىشمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ.

قېرىنداشلار! دىن دېگەنھېسسىيات-تۇيغۇ ئەمەس. ئاللاھ تائالابەندىلەرگە پەرز قىلغان ئىبادەت ھەجقىلىشتۇر. قەرزدار كىشىدىن ئۆمرە پائالىيەتنى قىلىشتەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۆمرەقىلماستىن دۇنيادىن كەتسە گۇناھكارھېسابلانمايدۇ.قەرزداركىشى ھەج قىلمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى بىر پەرزنى ئادا قىلمىدىدېمەيمىز، چۈنكى ئۇ كىشىنىڭ زىممىسىدە ئاداقىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر پەرز بار، ئۇ بولسىمۇقەرزدىن ئىبارەت. ئۇ كىشى قەرزىنى ئادا قىلىپبولمىغىچە ئۇ كىشىگە ھەج قېلىش پەرزبولمايدۇ. ھەجنىڭ پەرز بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىنبىرى ھەج قىلغۇچىنىڭ قەرزدار بولماسلىقىدۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈنئېيتىمىزكى، قېرىندىشىم! سىز رامىزاننى ئۆزيۇرتىڭىزدا ئۆتكۈزۈپ، پۇل-ماللىرىڭىزنىتوپلاپ قەرزىڭىزنى تىزدىن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭ. ئۆزىڭىزنىئارتۇقچە جاپاغا سالماڭ. ساراي بىنا قىلىپ شەھەر بۇزغانكىشىدەك بولۇپ قالماڭ.شۇنىڭ ئۈچۈنسىزنىڭ ئۆز شەھرىڭىزدە تۇرۇشىڭىززۆرۈردۇر.

يەنە ئېيتىمىزكى،ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرە قىلىش ئۈچۈنسەپەر قىلىشى، ئۇ كىشى ئۈچۈن ھاسىل بولىدىغانئىقتىسادقا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن، ئۇ كىشىنىڭئۆمرە قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇكىشىنىڭ ئۆز يۇرتىدا تۇرۇشى ياكى سەپەرقىلىشىنىڭ قەرز ئىگىسىگە ھېچقانداق تەسىرىبولمايدۇ.

مەسىلەن: بىر كىشىئۇنىڭغا: سىزنىڭ ئون مىڭ كوي قەرزىڭىز بارئىكەن، نەپلە ئىبادەتنى ئادا قىلىشتىن بۇرۇنقەرزنى ئادا قىلىش مۇھىم، سىز ئائىلە-بالىلىرىڭىزبىلەن بىرلىكتە مەن بىلەن بىرگە بىرىڭ،بېرىش-كېلىش ئارىسىدىكى ھەممە خىراجەتنى مەنقىلاي دېسە، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىرگەئۆمرە قىلىش ئۈچۈن بېرىشىكېرەكمۇ؟ دېيىلسە، بىز ئېيتىمىزكى، بۇكىشى باشقىلارنىڭ خىراجىتى بىلەن بولسىمۇ ئۆمرەپائالىيىتىنى ئادا قىلىپ قايتىپ كەلگۈچە، ئۇنىڭئايلىق ئىش ھەققى ئەسلى بويىچە داۋاملىشامدۇ ياكىئازراق بولسىمۇ تۇتۇپ قىلىنامدۇ؟ بۇنىڭغاقارايمىز. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققى ئوخشاش داۋاملاشسابارسا بولىدۇ. ئەمما ئىش ھەققى سەپەر قىلغانلىقسەۋەبىدىن كېمىيىپ كەتسە ئۇكىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەنمۇ سەپەرقىلىشى توغرا بولمايدۇ.

بۇ مەسىلىدە قەرزمۇددەتسىز بولسۇن ياكى مۇددەتلىك بولسۇنئۇنىڭ ھېچ پەرقى يوق.ئەگەر قەرز مۇددەتلىك بولۇپ ۋاقتىكەلگەندە ئۆتەشكە كېپىللىك قىلالىسائۆمرە قىلىپ كەلسە بولىدۇ. مەسىلەن:ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ ئىككى ئايدىن كىيىنئۆتەيدىغان قەرزى بار ئىكەن، ئۇ كىشى ۋاقتىكەلگەندە ئۇ قەرزنى ئۆتەشكەقادىر بولالايدىكەن، ئۇنداقتا بۇ كىشىنىڭنەپلە ھەج ياكى ئۆمرە قىلىشى دۇرۇسبولىدۇ. ئۇ كىشىگە: سىزنىڭ ئۆزيۇرتىڭىزدا تۇرۇشىڭىز بىلەنسەپەر قىلىشىڭىزنىڭ قەرز ئىگىسىگە ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. سىز ئۆمرە قىلىپ كەلسىڭىزبولىدۇ، دەيمىز. (ئايلىق ئۇچرىشىش) رەقەم33، 4-نومۇرلۇق سۇئال.

بىزنىڭسۇئال سورىغۇچىغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: سىز بارلىق قەرزلىرىڭىزنى ئادا قىلىپبولغىچە كۈتۈپ تۇرۇڭ. سىز ئىش ھەققىمئاشسا ئۆمرە قىلىمەن دەپ ئۆزىڭىزگەنەزىر بېكىتكەن بولسىڭىز، بۇنى ئاداقىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ياخشى ئىشنى قىلىمەندەپ نەزىر قىلىش ئىبادەت بولۇپ، بۇنى ئادا قىلىشۋاجىپ بولىدۇ.

ئەمما سىز نەزىر قىلىشنىسۆزلىمەستىن پەقەت ئاللاھنىڭ نېمىتىگەشۈكۈر ئېيتىش ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنىمەقسەت قىلغان بولسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭئۆمرە پائالىيىتىنى ئادا قىلىشىڭىز مۇستەھەپيەنى ياخشى كۆرۈلىدۇ. چۈنكى ئۆمرەقىلىش مۇسۇلماننى ئۆز پەرۋەردىگارىغايېقىنلاشتۇرىدىغان كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرىھېسابلىنىدۇ.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android