ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
1173009/10/2001

قەرزدارنىڭ قەرزنى ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشىنىڭ ھۆكمى.

سۇئال: 11771

يولدىشىم تىجارەتتە چوڭ زىيان تارتىپ بانكىغا ۋە تۇغقانلارغا قەرزدار بولۇپ قالدى، بۇنى ئادا قىلىشقا بىرقانچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بىزنىڭ مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ ھەج- ئۆمرە قىلىشىمىز توغرا بولامدۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ
پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.

ھەجنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ھەج قىلماقچى بولغان
كىشى ھەج قىلىشقا ئۆز مال- دۇنياسى بىلەن قۇدرىتى يېتىدىغان بولىشى كېرەك. (بۇ
يەردە مالىيە جەھەتتىكى ئەھۋالى كۆزدە تۇتىلىدۇ).

قەرزدار كىشىنى قەرز ئىگىلىرى قەرزنى ئادا
قىلىشتىن ئىلگىرى ھەج قىلىشتىن توسىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ھەجگە ئاتلىنىشى توغرا ئەمەس،
چۈنكى ئۇ كىشى ھەج قىلىشقا مالىيە جەھەتتىن قادىر بولالمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۇ
كىشىنىڭ ھەجگە بېرىشىنى توسماستىن ئەپۇ قىلغان بولسا ياكى قەرزنىڭ مۇددىتىنى
ئۇزارتىپ بەرگەن بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ھەج قىلىشى دۇرۇس بولىدۇ ۋە ھەج ئىبادىتىمۇ
توغرا بولىدۇ.

شۇنىڭدەك قەرزنى ئادا قىلىشنىڭ ۋاقتى
بېكىتىلمىگەن بولسا قاچان پۇل تاپسا قەرزنى شۇ ۋاقىتتا ئادا قىلىدىغان بولسا ئۇ
كىشىنىڭ ھەجگە ئالدىرىشى ياخشى، بەلكى ھەج مەۋسۇمى ئۇ كىشىنىڭ قەرزنى تولۇق ئادا
قىلىشىدا ياخشى ياردەمچى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى.

مەنبە

پەتىۋا كومتىتىنىڭ پەتىۋالار توپلىمى 11-توم 46-بەتكە، ئىسلام پەتىۋالىرى 2-توم 190- بەتكە قارالسۇن

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android