ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان ئاتا-ئانىغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك

سۇئال: 119545

دوستۇمنىڭ دادىسى ئاستا خاراكتېرلىك نېرۋا كېسىلى بولۇپ، ئائىلىدە داۋالاش ئۈچۈن دوختۇرخانىدىن ياندۇرۇپ ئەكەلگەن، بەزى ۋاقىتتا ھاجەتخانىغا يالاڭ ئاياغ كىرىپ، ئۆيگە نىجاسەت سۆرەپ چىقىدۇ، كۆپ دورا ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن ھەرىكىتى ئىنتايىن بەك ئاستا، بەزى ۋاقىتتا نەۋىرلىرىنىڭ ئوينىغان، ۋارقىراشقان ياكى ئالدىدا ئەركىلەپ مىڭىۋاتقانلىرىنى مېنى دورىدى، زاڭلىق قىلدى دەپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئۇلارنى قورقۇتۇپ قوغلايدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئائىلىدىكى ھاجەتخانىغا كىرمەي، سىرىتقا چىكىتىپ كوچىدا ھاجەت قىلىپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىشلار بار، بۇ كېسەلنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا 30يىلدىن ئاشتى، بىر قانچە قېتىم نېرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلدى، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك. بەزى ۋاقىتتا ئوغلى دادىسىغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ بولالماي، بەزى ئىشلاردىن تەزدۈرۈش ئۈچۈن ۋارقىرايدۇ، بەزى ۋاقىتتا نەۋرىلىرى بوۋىسىدىن قورقۇپ كەتكەندە، ئوغلى كونتۇرۇللىقىنى يوقىتىپ قويىدۇ، دادىسىنىڭ بەزى ئىشلىرى ئۈچۈن ئاچچىقلانمىسا، دادىسىنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. دىنى كىتابلاردىن بۇنداق ئاتا-ئانىلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدا مالۇماتلارنى تاپالمىدى، سىلەردىن سورايدىغىنىم، ئۇنىڭ ئوغلى مۇشۇنداق جىددىيلىك ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ياشايدۇ، ئەگەر قىلىۋاتقان تەسەررۇپاتلىرى شەرىئەتتە چەكلىنىدىغان ئىشلاردىن بولۇپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ. ئۇنىڭ باشقا ئاكا-ئىنىلىرى يوق ياكى ئارىغا چۈشۈپ دادىسىغا نەسىھەت قىلىدىغان، ئوغۇلنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئانىسىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە توغرا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: دوستىڭىزنىڭدادىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىغاندا، ئۇنىڭدىنشەرىئەت ھۆكۈملىرى يەنى تائەت-ئىبادەتنىڭۋاجىپلىقى زىممىسىدىن ساقىت بولغان كىشىلەر قاتارىدىندۇر. ئەممائىقتىسادى ھەق-ھوقۇق ساقىت بولمايدۇ. شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن: ئەقلىنىيوقاتقان، ھوشىدىن كەتكەن كىشىدىن شەرئى تەكلىپچۈشۈپ كېتەمدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخجاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: “ھەقىقەتەنئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا تائەت-ئىبادەتنى ئۇلار ئادا قىلىشقالايىق بولغاندا ئۇلارغا پەرز قىلدى، يەنىشەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بىلىدىغان ئەقىل بولغانداتەكلىپ بولىدۇ، ئەقىل بولمىسا شەرئى تەكلىپبولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساراڭ، بالاغەتكەيەتمىگەن كىچىك بالا ئەمەل-ئىبادەتكەتەكلىپ قىلىنمايدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭئۇلارغا قىلغان رەھمىتىدىندۇر. ساراڭلىقدەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەمما ئەقلى كەمتۈككىشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، شۇنىڭدەكبەك ياشىنىپ قالغانلىقتىن ئەقلىنى يوقىتىپ قويغان كىشىگىمۇناماز، روزا پەرز ئەمەس، چۈنكى ئۇ كىشىمۇ بىرنەرسىنى ئايرىيالمايدىغان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، ئۇ كىشىدىنتەكلىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، ئەمما ئەقلىنىيوقىتىپ قويسىمۇ ئىقتىسادى بولسا مالىيە جەھەتتىكىتەكلىپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ. [شەيخ ئىبنىئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى12/ 4 – ۋە 19 /40 سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى].

ئىككىنچى: ئەمما ئۇكىشىنىڭ قىلغان ئىشىغا كەلسەك، ئائىلىدىكىلەر ئۇكىشىنى باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدىغان، مال-مۈلكىنىبۇزۇپ-چاچىدىغان ئىشلاردىن چەكلىشى زۆرۈربولىدۇ. ئۇ كىشىنى باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ياكىئازار يەتكۈزۈشتىن چەكلەش ئۈچۈنئۈنۈملۈك بولغان چارىلەرنى تېپىش كېرەك. گەرچە بۇنىڭئۈچۈن ۋارقىراپ-جارقىراپ قىلسىمۇ بۇ ئاتا-ئانىنىقاقشاتقانلىق ھېسابلانمىغان تەقدىردىمۇدادىسىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولىشى لازىم. يەنەبىر تەرەپتىن ئۇ كىشىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىمۇئەقلىنى يوقاتقان كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئوغلىنىڭئۇنىڭغا ۋارقىرىشى ئۇنى باشقىلارغا ئازاريەتكۈزۈشتىن چەكلەشتە پايدىلىق بولىدۇ،ئاللاھ خالىسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەرمۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن باشقا يول تۇتۇش ياخشىبولىدۇ. ئەسلىدە دەسلەپتىلا دادىسىغا سىلىقمۇئامىلە قىلىپ ئادەتلەنگەن بولسا،ئەگەر سىلىق سۆز ئۈنۈمبەرمىگەندە ئۇنىڭغا زىيانيەتكۈزمەستىن قاتتىقلىق قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى.ئەگەر مۇمكىن بولسا مەخسۇس مۇشۇ كېسەللىكلەرنىداۋالايدىغان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپداۋالاتسا، ئۇ كىشىنىڭ ھالىدىن ئۆيدەخەۋەر ئالغاندىن ياخشى بولىدۇ، چۈنكىئۆيدە بولسا ئۆزىگە، ئوغلىغا،نەۋرىلىرىگە ۋە باشقىلارغا ئازاريەتكۈزۈپ قويىدۇ. ئوغلى ۋە ئائىلىدىكى باشقاتۇغقانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن شىپالىق تىلەپ ئاللاھتائالاغا كۆپ دۇئا قىلىشى، شەرئى يوللار بىلەنرۇقىيە ئوقۇتۇپ داۋالاشقا كۆڭۈلبۆلىشى مۇھىمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئاشۇ كىشىئۈچۈن قىلىنغان دۇئالارنىڭ ۋەرۇقىيەنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇكىشىنىڭ كېسىلىگە شىپالىق بىرىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.ئائىلىدە ئۇ كىشىنىڭ كىيىم-كېچەك، ئۆيبىساتلىرىنى پاسكىنا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرىسەڭلارئۇنىڭ ئىشلىرىنى كۈزۈتۈپتۇرۇڭلار، شۇنداق ئەھۋاليۈزبەرسە، نىجاسەت بولغان ئورۇننىئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن كېچىكتۈرمەستىنيۇيۇپ پاكىزلاڭلار، ئۇ كىشىگە مېھرىبانبولۇپ، ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار چۈنكى ئۇكىشى ئۆزىنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ،ئۇنىڭدىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن،ئاللاھ تائالادىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلىگە شىپالىقبېرىشىنى، ئوغلىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ياخشىلىق بەتلىرىگەيېزىشنى، شۇنداقلا ئائىلىدە ئۇ كىشىنىڭ خىزمىتىنىقىلغان ھەممە كىشىلەرگە كۆپئەجىر-ساۋاپ ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھتائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android