ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىنىڭ يوقىلىشى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنى تۈزىتىشنىڭ يوللىرى

سۇئال: 119631

مەن ئىسلام قانۇن پاكۇلتىتىدا بىلىم تەھسىل قىلىمەن، لېكىن ئىنسانلار بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقىدا، ئۇلارنىڭ مۇئامىلە ئۇسلۇبىدىكى ياسالمىلىقلارنى كۆرۈپ ھاياتتىن بىزار بولدۇم، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى تاپالمىدىم، ھېچ بىر كىشىگە ئىشەنچ قىلالمايمەن، ئوچۇق ئېيتسام بۇ ھاياتلىقنى ياخشى كىشىلەردىن خالى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ سەۋەبلىك ياخشى- سالىھ ئەر تاللاش ئىشىدا زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىمەن ۋە بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەيۋاتىمەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىقگۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

بىرىنچى: كۆپچىلىك كىشىلەرباشقىلارغا ئىشەنچ قىلالماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىشتىن بىئارامبولماقتا، بۇنىڭدىكى ئاساسلىقسەۋەپئىجتىمائىيھاياتتا كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بىر شەخستىنيەنە بىر شەخسگە قارىتا ئوخشاش بولماسلىقىدۇر.يۇقىرىقى مەسىلىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللارتۆۋەندىكىچە: كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭياخشىلىققا يامانلىق قىلىشى، ئېھسان قىلغانلارغا ئەسكىلىك قىلىشى،بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى ياكىئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنناچارمۇئامىلىگە ئۇچرىشى قاتارلىقلار بولۇپ، مانا بۇۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا كەسكىنكۆرەش بارلىققا كېلىدۇ-دە، نەتىجىدەباشقىلارغا بولغان ئىشەنچ يوقىلىپ، ھەممە كىشىگەئىشەنمەسلىك، ئۆزىنىڭ دوست-بۇرادەرلىرىھەتتا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى قاتارلىقلارغىمۇئىشەنمەسلىككە ئىلىپ بارىدۇ.

ئىككىنچى:ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ھەرقانداقكېسەلنىڭ دورىسى بولىدۇ.سۇئال سورىغۇچى سىڭلىم! سىز شەرىئەت قانۇنپاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىكەنسىز، بۇ مەسىلىنى ھەلقىلىش سىز ئۈچۈن ئانچە قېيىن ئەمەس.شۇنداقلا بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تاقىتى يەتكۈچەقەدەر، نەپسىنىڭ بۇ خەتەرلىككېسەلدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىقكۆرسىتىمىز. چۈنكى كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىجتىمائىيمۇناسىۋەتنىڭنورمالبولۇشىئۈچۈن، ئىنسانباشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇربولىدۇ، گەرچە ئۇنىڭ يېقىنلىرى،ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى ۋەخۇلۇم-خوشنىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ يالغۇزياشاشقا قادىر بولالمايدۇ. قىيىنچىلىقلارغا ئۆز يولىدا ياخشىمۇئامىلە قىلمىغاندا،بۇسەۋەبلىك ئۇ كىشى دەرت-ئەلەم،قايغۇ ھەسرەتكە يۈزلىنىدۇ.

ئۈچىنجى:سۇئال سورىغۇچى سىڭلىم! بۇ بولسا سىز بىلەن بولغانقىسقىغىنە بىر چۈشەنچىدىن ئىبارەت بولۇپ،سىزنىڭ تۆۋەندىكى نەسىھەتلەرنىكۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭىزنى ئۈمىتقىلىمىز:

1- سىڭلىم! سىزنىڭبىزگە نەسىھەت تەلەپ قىلىپ ئۈچۈريوللىشىڭىز، ھەممە كىشىلەرگە قارىتا ئىشەنچىڭىزنىيوقاتمىغانلىقىڭىزغا دالالەت قىلىدۇ.ئۇنداق ئەمەس دېيىلگەندە، ئۆزىڭىزئىشەنچ قىلالمايدىغان كىشىلەردىن قانداقمۇ نەسىھەت تەلەپقىلىسىز؟. مانا بۇنىڭ ئۆزى بۇ مەسىلىدە سىزگەتوغرا يول كۆرسىتىش ۋە نەسىھەت قىلىشىمىزنىڭ يىپئۇچىدۇر.

2-شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى،سىزگە ئوخشاش باشقىلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلار يەنەبار، بەلكىم سىزمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ئىشەنچىسىز كىشىلەردىنبىر ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟، سىزمۇ باشقىلاردىن سىزگەبېرىلگەن ھەقسىز ھۆكۈمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭىزمۇمكىن، كىشىلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ يوقالغاندا،ئۇلار سىزنىڭ سۆزىڭىزنى قوبۇل قىلماسلىقى، سىزدىن ئۇلارغابولغان بىرەر ياخشىلىق بولمىغانلىقتىن سىزنى يامانلىقنى مەقسەت قىلغۇچىدەپ قارىشى مۇمكىن.

3- سىڭلىم! شۇنىبىلىشىڭىز كېرەككى، ئىنسانلار ئارىسىدا مۇسۇلمانلار،كاپىرلار، ئاسىيلار، ئىتائەتمەنلەر، ئەقىللىقلەر،ساراڭ-مەجنۇنلار، ياخشىلار ۋە رەزىللەربار. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى ۋەيامانلىققا باشلىغۇچىلار بار، ئومۇمى ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىمۇشۇنداق، بۇ ھەقتەھېچ كىشى مۇنازىرە قىلمايدۇ.

4- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامكىشىلەرنى بۇزۇلدى ۋە ھالاك بولاپ كەتتى دەپھۆكۈمنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرغان، زۇلۇميولىبىلەن قىلىنغان ھۆكۈم، ھۆكۈم قىلىنغۇچى كىشىلەردىنبەكراق ھۆكۈم قىلغۇچىغا قايتىدۇ. ئەمەلىيەتتەكىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ،ھۆكۈم قىلغۇچى مەزكۇر ھۆكۈمبىلەن ئۇلارنى ھالاك قىلغانغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ھەقتەئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنبايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇنداق دەيدۇ: كىمكىكىشىلەر ھالاك بولۇپ كەتتى دىسە، ئۇ كىشىلەرنىھالاك قىلىۋەتكەنگە ئوخشاش بولىدۇ.[مۇسلىم رىۋايىتى 2623- نومۇرلۇق ھەدىس].

باشقىلارغايامان گۇمان بىلەن قاراش قەلبنى، ئەقىلنى بۇزىدۇ. گۇمانكىشىنى تۈرلۈك ۋەھىمە-خىياللارغا چۆمدۈرىدۇ،تۇرمۇشىنى قېيىنلاشتۇرىدۇ، دائىم ئارامسىزلىق ۋەغەم-قايغۇ ئىچىدە ياشايدىغان ھالەتكە كېلىشىگەسەۋەب بولىدۇ.

5- يۇقىرىدىكى مۇھىمكۆرسەتمىلەرنى بايان قىلىشىمىز، كىشىلەردىن ئېھتىياتقىلىشنى چەكلىمەيدۇ. بىزنىڭ دېگىنىمىز سىزنى ھەممەكىشىگە ئىشىنىڭ دېگەنلىك ئەمەس، ئىنسان كىشىلەردىنئاشكارا بولغاننى بىلەلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكىنىبىلەلمەيدۇ.

6-مۇشۇنداق نەپسى تىيىلىش خەتىرى ئىچىدە ياشاۋاتقانكىشى ئۆز نەپسىنى ئەيىپ- نۇقساندىن خالى دەپ قارايدۇ.ئەتراپىدىكى ئىنسانلارنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىگەلايىق ئەمەس دەپ قارايدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسى: ئۇ كىشى باشقىلاردەك ئەمەس.مانا بۇ كۆزقاراش ئاخىرىدا ئۆز ساھىبىنى ھالاكەتكە ئىلىپبارىدىغان ئەجەبلىنىشكە گىرىپتار قىلىدۇ.(ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن). شۇنىڭئۈچۈن ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز شەيتاننىڭھىلى-مىكىرلىرىدىن ھەزەر قىلىڭ، ئۇ مۆمىنلەرنىئازدۇرۇشتىن چارچاپ قالمايدۇ ۋە ئۈمىتسىزلەنمەيدۇ،ھەتتا ئۇ كىشىنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋېتىدىغان،ياخشى ئەمەللەردىنئۈمىتسىزلىنىدىغانياكى ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئازدۇرۇش تورلىرىغاچۈشۈرۈش ئارقىلىق شېرىكنىڭ ۋەسۋەسىسىگەئىلىپ بارىدۇ.

7- سىڭلىم! سىزگە قىلىدىغان نەسىھىتىمىز: سىز كىشىلەرنىڭ سەلبىي تەرىپىنىلا كۆرۈشبىلەن كۇپايىلەنمەڭ، سىزنىڭ ئۆتكەنھاياتىڭىزدا ياخشى، سالىھ، ئېسىل كىشىلەردىن بىرەرسىنىڭبولماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ، كىشىلەر ھەققىدەقارار بېرىدىغان ۋاقتىدا شۇنىڭدەك ئېسىل كىشىلەرنىڭمۇبارلىقىنى ئېسىڭىزگە ئىلىش ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئالاقىدا ئادىللىقۋە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ قالالايسىز.سىز ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلمەيسىز، زېمىنداكۆپلىگەن تەقۋادار، پاك، دىيانەتلىك، ساپ نىيەتلىكسالىھ كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىڭىزدىنچىقارماڭ. سىز ئۆزىڭىزبىلىدىغان ئازغىنە كىشىلەرنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ،سىز بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ھەققىدەھۆكۈم قىلماڭ.

8- مۇسۇلمانكىشى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغاندا، ئۇلاردىن يامانلىق كۆرسە ئۇنىئەيىبلىشى ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەسرەتلىنىشىياخشىئەمەس. چۈنكىئۇنىڭ ياخشىلىقنى ھاياتىدا لازىم تۇتۇشىئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەتتۇر.ئۇ كىشىنىڭ دائىملىق شوئارىخۇددىئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلار ھەققىدە ئېيتقىنىدەك:إِنَّمَا نُطْعِمُكُمْ لِوَجْهِ اللَّـهِ لَا نُرِيدُ مِنكُمْ جَزَاءًوَلَا شُكُورًاتەرجىمىسى:سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقىئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە)ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپقىلمايمىز بولۇش كېرەك. [سۈرە ئىنسان 9-ئايەت].

9- سىز كىشىلەر بىلەنئارتۇقچە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىڭ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىبىلەنئۇلارنىڭ بىرەرسىدىنيامانلىق كۆرۈپ قالسىڭىز، ئۆز نەپسىڭىزگەمالامەت قىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن،ئۆزىڭىزگە دوست تاللاشتا ئىنچىكەۋە ئادىللىقنى ئۆلچەم قىلىشىڭىزكېرەك. بۇ بىزنىڭ سىزگەقىلىدىغان تەۋسىيە ۋە نەسىھىتىمىز. ئاللاھتائالادىن بۇ نەسىھەتلەرنى سىزگە مەنپەئەتلىكقىلىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

تۆتىنجى: ياخشى ئەر تاللاش مەسىلىسىگەكەلسەك، بىز بۇ مەسىلىنىتۆۋەندىكىنومۇرلۇقسوئاللاردا تەپسىلى بايان قىلىپ بەردۇق.(5202، 6942، 69964،8412،105728) بۇ سۇئاللاھنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.

ئاللاھتائالادىن سىزنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، رازى بولىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەققىلىشىنى، ئىشلىرىڭىزنى ئاسانلاشتۇرۇشىنى، توغرا يولغا ھىدايەتقىلىشىنى سوراش بىلەن بىرگە،سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زايا قىلمايدىغانياخشى ۋە تەقۋادار ئەرنى رىزىق قىلىپ بېرىشنى،سالىھ پەرزەنتلەرنى ئاتا قىلىشنى سورايمىز.

ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچىئاللاھدۇر.

تەرجىمەقىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

تەكشۇرۇپبېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android