ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

يولدىشىم تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

سۇئال: 119858

سوئال:
مەن توي قىلغان، ئىككى پەرزەنتىم بار، يولدىشىمنىڭ تەلىپى بويۇنچە ئېھتىيات قىلىپ ھامىلدار بولماسلىققا تىرىشقان بولساممۇ لېكىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بويۇمدا قالدى. تۆرەلمە ئۈچ ھەپتىلىك بولغاندا يولدىشىمغا ئېيتسام، ئۇ ئاچچىقلىنىپ تۆرەلمىنى دەرھال چۈشۈرىۋەتمىسەڭ سىنى تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى، سىلەرنىڭ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

جاۋاب:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىكى سوئاللاردا جاۋاپ بەرگىنىمىزدەك، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ
بىرلىككە كەلگەن كۆز قارىشى بىلەن جاۋاب بىرىمىز.
بەزى ئۆلىمالار تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ
دەپ قارايدۇ. بەزى ئۆلىمالار ھامىلە بولۇش سەۋەبلىك مەلۇم قىيىنچىلىققا دۈچ
كىلىدىغان بولسا جايىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى چوڭ ئۆلىمالار بۇ
مەسىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل كۆز قاراشتا:
بىرىنچى كۆز قاراش: قاتتىق قىيىنچىلىق ۋە شەرئى دەلىل بولمىغان ئەھۋالدا ھەر قانداق
ۋەزىيەت ئاستىدا تۆرەلمىنى چۈشۈرۈۋېتىش دۇرۇس ئەمەس.
ئىككىنچى كۆز قاراش: مەلۇم قىيىنچىلىق ۋە زۆرۈر بولغاندا تۆرەلمىنى قىرىق كۈنلۈك
بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋەتسە دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ھازىرقى پەرزەنتلىرىمىز
يېتەرلىك، ئىقتىسادى قىيىنچىلىققا ئۇچرايمىز، تەربىيەلەشكە راسخوت يېتىشمەيدۇ
دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن چۈشۈرۈۋېتىش جايىز ئەمەس.
يولدىشىڭىز چۈشۈرىۋەتمىسەڭ تالاق قىلىۋېتىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان بولسا تۆرەلمىنى
قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى چۈشۈرىۋەتسڭىز سىز ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ. شەيخ
مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان
دەلىللەردە تۆرەلمىنى چۈشۈرىۋىتىشنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرىنى تولۇق سۆزلىدۇق، لېكىن
چۈشۈرىۋەتمىسە بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا قىرىق كۈنلۈك بولۇشتىن ئىلگىرى بولسا
بولىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android