ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

كىرست بەلگىلىرىنىڭ چەكلەنگەن شەكىللىرى

سۇئال: 121170

مەن كىرست بەلگىلىرى توغرىسىدا سوئال سورىماقچى، ئۇنىڭ شەكىللىرى قانداق بولىدۇ؟ قوشۇش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرىمۇ كىرىست بەلگىسى ھېسابلىنامدۇ؟ بۇ ئىش ماڭا ۋە مەندىن باشقا بەزى قېرىنداشلىرىمغا قېيىن بولدى، بۇنىڭغا يېتەرلىك جاۋاپ تاپالمىدۇق؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كرىست ياساش، ئۇنى سېتىش، كىيىم-كېچەك ۋە تاملارغا نەقىش قىلىپ ئويۇش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئۈچۈن قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن بولۇپ، ئۇنى ئۆزى قىلىش ياكى قىلغۇچىلارغا ياردەم بېرىش توغرا بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالادىن قورقۇپ، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز دىنلىرىدا ئىلاھىي سىمۋۇل قىلغان بەلگىلىرىدىن ساقلىنىش كېرەك.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىرىست بەلگىلىرىنى ھەقلىك ياكى ھەقسىز ياساپ بېرىشگە، ئۇنىڭ تىجارىتىنى قىلىش توغرا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك بۇت ياساش ۋە ئۇنى سېتىشمۇ توغرا بولمايدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: ئاللاھ تائالاھاراق سېتىشنىن، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى سېتىشتىن، چوشقا ۋە بۇتلارنى سېتىشتىن چەكلىگەن، دېگەن". ["پەتىۋالار توپلىمى" 22- توم 141-بەت، "پىقھى توپلاملىرى"12 -توم 84-88-بەتكە قارالسۇن].

ئىككىنچى: كىرىستنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى بولىدۇ، زامان-ماكاننىڭ ۋە خرىستىئانلار جامائەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇنىڭ شەكىللىرىمۇ ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنى بىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇلىنىشنى زىيارەت قىلىڭ: http://en.wikipedia.org/wiki/Cross

كىرىست بەلگىلىرىدىن مۇشۇ تۈر ۋە شەكىللەرنى سىزىش ۋە ئېسىش توغرىسىدا بىزگە ئاشكارا بولغان ھۆكۈملەر تۆۋەندىكىچە:

1 -بىر نەرسە سىزىلىش ياكى ياسىلىشتا كىرىست دەپ سىزىلغان ياكى ياسالغان بولسا، مۇسۇلماننىڭ ئۇنى كۆتۈرۈشى، كىيىشى، سېتىۋېلىشى، سېتىشىۋە سېزىشى ياكى ياسىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى كىرىستنى سېزىش ۋە كىيىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىكى سەۋەپ بولسا، خىرىستىئانلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن، ئۇلارنىڭ باتىل دىنى شۇئارلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن يىراق بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ سەۋەپ خرىستىئانلار بىلىدىغان كىرىست بەلگىلىرىنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى مەزكۇر بەلگىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلار مەقسەت قىلغان نەرسىنى ئىپادىلەش ۋە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندۇر.

2-ئەمما مەلۇم نەرسىلەرنى كەشتىلەش ياكى ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان بەزى ئادەتتىكى شەكىللەرنى ياساش جەريانىدا ئۇنىڭدىكى بەزى شەكىللەر كىرىست بەلگىسىگە ئوخشاپ قالغان بولسا، بۇنىڭغا قارايمىز:

ئا-ئۇ نەرسىگە تۇنجى قېتىم قارىغان كىشىئۇنى ھازىرقى دەۋرىدە كۆپلىگەن چېركاۋلاردا ۋە كۆپچىلىك خرىستىئانلارنىڭ قارىشىدا كىرىست دەپ قارالغان نەرسىنىڭ رەسىمى بولسا، ئۇ ئىككى تۈز سىزىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى تۈز يەنە بىرسى توغرا شەكىلدە قويۇلغان توغرا شەكىلدە قويۇلغىنى تۈز شەكىلدە قويۇلغىنى بىلەن كېسىشكەن، تۈز شەكىلدىكىنىڭ ئۈستى تەرىپى قىسقا، تۆۋەن تەرىپى ئۇزۇن بولسا بۇ ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى خرىستىئانلار پەيدا قىلغان كىرىست بەلگىسىنىڭ مەشھۇر شەكلى بولۇپ، بۇ ئۇلار ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئادەمنى ئاسىدىغان ياغاچنىڭ شەكلىدىن ئېلىنغان، ئۇ شەكىلگە تۈنجى نەزەر سالغۇچىغا كىرىست بەلگىسى تۇيغۇسىنى بەرسە، ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر شەكىلنى بۇزۇپ، يوق قىلىۋېتىشى ياكى ئۇنى ئۆزگەرتىپ كىرىست شەكلىدىن چېقىرۋىتىش زۆرۈر بولىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مەىسلىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بايان قىلىنغان ھەدىستە: ئائىلىدە كىرىست بەلگىسىگە ئوخشايدىغان نەرسە بولسا ئۇنى بۇزۇۋېتەتتى، دېيىلگەن.

ب-ئەمما كىرىست بەلگىسىنىڭ شەكلى ئىكەنلىكى ئوچۇق نامايەن بولمىسا، ئۇ پەقەت مەقسەت قىلماستىن كەشتىدىن پەيدا بولغان ياكى ئىنجىنىرنىڭ قۇرۇلۇش لاھىيىلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈزەل، كىسىشمىلەر بولسا، ياكى مەلۇم ماتېماتىكا بەلگىلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھېساب ئىلمىدىكى قوشۇش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرىگە ئوخشاش بولسا بۇنداق ھالەتتە ئۇنى بۇزۇۋېتىش ۋە يوق قېلىۋېتىش كېرەك بولمايدۇ، ئىللەت-سەۋەپ يوق بولغاندىن كېيىن ئۇنى ياساش ۋە ئۇ ئۆز ئېچىگە ئالغان نەرسىلەرنى سېتىش دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭدىكى ئىللەت-سەۋەپ بولسا كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ بەلگىلىرىنى ئۇلۇغلاش بولۇپ، بۇ ھالەتتە كىرىست بەلگىسى بەك ئىنچىكە بولغانلىقتىنئۇنى مۇلاھىزە قىلىپ، ئىپادىلىمىسە بىلگىلى بولمايدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

بىرىنچى: مەزكۇر نەرسىنىڭ ماھىيەتتە كىرىست ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى بەزى كىشىلەر كرىستكە ئوخشايدىغان بەزى نەرسىلەرنى كىرىست دەپ قارىسىمۇ ئۇ ئەسلىدە كىرىست بەلگىسى ئەمەس.

ئىككىنچى: ئۇ نەرسىنىڭ كىيىمدىكى نەقىش بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەسلى قويۇلۇشىدا كىرىست ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك،چۈنكى خرىستىئانلار كىرىستنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇڭا ئۇلار كىرىستنى كىيىمگە نەقىش قىلمايدۇ بەلكى ئۇنى ئېھتىرام قىلىدىغان ئورۇندا قويىدۇ.

بۇ ئىككى ئىشنى بىلىش مۇھىمدۇر، بىز ئۇ نەرسىنىڭ كىرىست ئىكەنلىكىنى ئەمەلىلەشتۈرسەك، ئۇنى بۇزۇۋېتىش زۆرۈر بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا سۈننەت بويىچە كىرىست بەلگىسى شەكلى نەقىشلەنگەن كىيىملەرنى سېتىۋالماسلىقىمىز كېرەك، شۇنداق قىلغان ۋاقتىمىزدا بۇ تۈردىكى نەرسىلەرنى ساتىدىغان تىجارەتچىلەر بۇنىڭدىن پايدا ئالالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسىلەرنى ساتمايدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالتە بۇرجەكلىك يۇلتۇز بەلگىسى يەھۇدىيلارنىڭ دىنى شۇئارى دىيىلىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمىمۇ كىرىستنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ، گەرچە بۇ بەلگىنى يەھۇدىيلار ئىبادەت يولىغا ئاساسەن قوللانمىسىمۇ ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ خاس بەلگىسى.

بىز كىرىست بەلگىسى توغرۇلۇق مۇسۇلمان بولغان خرىستىئانلاردىن سورىساق ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: ھەقىقى كىرىست دېگەن بىزگە تونۇشلۇق بولغان ئىككى تۈز سىزىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تۈز يەنە بىرى توغرا شەكىلدە بولىدۇ، تۈز سىزىقنىڭ ئاستى تەرىپى ئۈستى تەرىپىدىن ئۇزۇن بولىدۇ.

ھەتتا بىز ئۇلاردىن كىرىست شەكىلدىكى كىرىست سائەت دەپ ئاتىلىدىغان سائەت توغرۇلۇق سورىساق، ئۇلار مۇنداق دەيدۇ: بۇ سائەتتىن كىرىست مەقسەت قىلىنمايدۇ، بۇ پەقەت سائەت شىركىتىنىڭ بەلگىسى، چۈنكى خرىستىئانلارنىڭ نەزىرىدىكى كىرىست بولسا، ئۇ ئۇزۇن بىر تۈز سىزىق ئاندىن يەنە بىر توغرا تۈز سېزىق بولۇپ، ئۇزۇن تۈز سىزىقنىڭ ئاستى تەرىپى ئۈستۈن تەرىپىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بو ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، دارغا ئېسىلىدىغان ئادەمنىڭ ئىككى قولىنى باغلاش ئۈچۈن تۈز تاختىنىڭ ئۈستىگە توغرا شەكىلدە تاختا مىخلىنىدۇ، ئىككى قولنى باغلاش ئۈچۈن قويۇلىدىغان ياغاچ ئوتتۇرىدا بولامدۇ؟، ياق، بەلكى ئۈستۈن تەرەپتە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن تارقالغان تۈرلۈك شەكىلدىكى كىرىست بەلگىلىرىدىن شەكلىنىمىز، ئۇلار بۇ كىرىست دېگەن (+) قوشۇش بەلگىسى كىرىستمۇ؟ ياق ئۇ كىرىست ئەمەس.

شۇنىڭغا ئوخشاش قۇدۇقتىن سۇ تارتىدىغان سوغا-چېلەكلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستۈن تەرىپىدە ئەرەقات دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى ياغاچ بار، بىرى توغرا شەكىلدە يەنە بىرى ئۇزۇن تۈز شەكىلدە بولۇپ بۇ نەرسىلەر كىرىست ئەمەس، ماھىيەتتە كىرىست بەلگىسى ياسىلىشىدا كىرىست دەپ ياسالغان نەرسىلەردىن ئىبارەتتۇر". ["ئوچۇق سۆھبەت" ناملىق پروگرامما 7-نۇمۇرلۇق 21-سوئال"].

ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بەزى نەرسىلەردە كىرىست بەلگىسى مەقسەت قىلىنمايدىغان، ئۇلۇغلانمايدىغان، دىنى شوئار ھېسابلانمايدىغان قوشۇش، كۆپەيتىش ئالامەتلىرى روشەن ئىپادىلەنگەن تەقدىردىمۇ ياكى قوشۇش بەلگىسى قويۇلغان ئىلىكتۇرۇنلۇق سائەتلەر بولسا بۇنىڭدا ھېچ گەپ يوق. بۇ نەرسىلەر كىرىست بەلگىسى ھېسابلانمايدۇ." ["ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالار توپلىمى" 18-توم 114-115-بەت، 74-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدىن ئېلىندى].

يەنە ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھدىن "ئوچۇق سۆھبەت" ناملىق پروگرامما 199-نۇمۇرلۇق 9-سوئالدا: شەھىرىمىزدە مەلۇم بىر قۇرۇلۇشنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئون قەۋەتتىن ئىبارەت بولغان بۇ بىنانىڭ ھەممە قەۋەتتىكى دەرىزىلەرنىڭ كىرىست بەلگىسى شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆردۈم، بۇ خۇددى غەرپ دۆلەتلىرىدىكى خرىستىئانلارنىڭ ئۆي شەكلىگە تامامەن ئوخشايدىكەن، بۇ قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "قېرىندىشىم! بۇ ئىشقا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن ئاشۇ قۇرۇلۇشنى كۆرۈپ كېلىش كېرەك، كىرىست بەلگىسى شەكلىدە كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى كىرىست بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا، ھېساب ئىلمىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى، دىھقانلارنىڭ ئېتىزلىقلىرىنى غەربچە ئۇسۇل بىلەن سۇغىرىشى قاتارلىق ئىشلارنى ھارام دەيمىزمۇ؟!، كىرىست دېگەن توغرا قويۇلغان ئىككى پارچە ياغاچ بولۇپ، بۇ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، كىرىستنىڭ مەلۇم شەكىللىرى ۋە ئۇنىڭ كىرىست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشىمىزدىن ئاۋۋال ئۇ قۇرۇلۇشنى تولۇق كۆرىشىمىز ۋە لاھىيەلەش ماھىيىتىنى بىلىشىمىز كېرەك بولىدۇ". 

ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android