ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ئاللاھ تائالا گۈزەل ئىسىملىرىنى ئېسىدە تۇتۇش دېگەننىڭ مەنىسى توغرىسىدا

سۇئال: 121246

    ئاللاھ تائالا گۈزەل ئىسىملىرىنى ئېسىدە تۇتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ دېگەن سۆزدىن نېمىنى چۈشىنىمىز؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل مەدھىيلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالانىڭ توقسەن توققۇز ئىسمى بار، بۇ ئىسىملارنى ئېسىدە تۇتقان كىشى جەننەتكە كىرىدۇ» [بۇخارى رىۋايىتى 2736-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2677-ھەدىس].

    ھەدىستە بايان قىلىنغان ئېسىدە تۇتۇش دېگەن سۆز بىر قانچە مەنالارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:

  1-ئېسىدە تۇتۇش.  

   2- مەنىسىنى بىلىش.

   3-ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئەمەل قىلىش. ئاللاھ تائالانىڭ يالغۇز، يەككە-يىگانە ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھەممىگە رىزىق ئاتا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى ئاللاھنىڭ غەيرىدىن رىزىق تەلەپ قىلمايدۇ، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان زات ئىكەنلىكىنى بىلگەن كىشى مۇشۇ رەھىم-شەپقەتكە سەۋەپ بولىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدۇ.

   4-گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلەر بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ‎ وَلِلَّهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَى فَادْعُوهُ بِهَا  ‏تەرجىمىسى: «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار» [سۈرە ئەئراپ 180-ئايەت].

    يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ مەنىسى: ئەي رەھمان! ماڭا رەھىم-شەپىقەت قىلغىن، ئەي غەپۇر! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەي تەۋۋاب! مېنىڭ تەۋبەمنى قوبۇل قىلغىن دېگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.

     شەيخ مۇھەممەد سالىھ بىن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرىنى ئېسىدە تۇتۇش دېگەنلىك، ئۇ ئىسىملارنى ۋاراقچىلارغا يېزىپ تەكرار ئوقۇپ ياد قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنىسى: بىرىنچى: ئىسىملارنىڭ ئاتىلىشىغا دىققەت قىلىش. ئىككىنچى: مەنىلىرىنى چۈشىنىش. ئۈچىنچى: ئاتالغۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ئىبادەت قىلىش. بۇ ئىككى يول بىلەن بولىدۇ: بىرىنچى يول: ئۇ ئاتالغۇلار بىلەن ئاللاھقا دۇئا قىلىش. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىدۇر: «ئاللاھنى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار»، ئۇ ئىسىملارنى تەلەپ-مەقسەتكە يېتىشنىڭ ۋاستىسى قىلىسىز، ئاندىن تەلەپ-مەقسىدىڭىزگە مۇۋاپىق ئىسىمنى تاللايسىز، ئاللاھدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز: " ئەي غەپۇر! مېنى مەغپىرەت قىلغىن دەيسىز، ئەي ئازابى قاتتىق بولغان زات! مېنى مەغپىرەت قىلغىن دېسىڭىز تەلىپىڭىزگە مۇناسىپ بولمايدۇ، بەلكى بۇ مەسخىرە قىلغانغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن:" ئەي ئازابى قاتتىق بولغان زات! مېنى ئازابىڭدىن ساقلىغىن دېيىش مۇناسىپ بولىدۇ".

ئىككىنچى يول: دۇئا قىلغاندا قىلغان ئىبادەتلىرىڭىزدىن ئاللاھنىڭ مۇشۇ ئىسىم-سۈپەتلىرى تەقەززا قىلىدىغان ئىسىمنى تاللايسىز، ئاللاھ تائالادىن مېھرىبانلىق، رەھىم-شەپىقەت تەلەپ قىلماقچى بولسىڭىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى جەلىپ قىلىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشىڭىز كېرەك، مانا بۇ ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى ئېسىدە تۇتسا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر. ئىش يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بولىدىكەن، بۇ جەننەتكە كېرىشنىڭ نەتىجىسى بولۇشقا بەك لايىقتۇر. [ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋا ۋە رىسالىلەر مەجمۇئەسى 1-توم 74-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android