مۇزارىبەت سودىسىدا ئېلىنغان پايدا پۇل چىقارغۇچى تەرەپ بىلەن كۈچ چىقارغان تەرەپ كېلىشىپ ئۆز-ئارا ئىتتىپاققا كەلگەن نىسبىتى بويۇنچە تەقسىم قىلىنىدۇ، مېنىڭ سوئالىم: ئىككى تەرەپ ئىتتىپاققا كەلگەن كېلىشىمدىن سىرت مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم مائاش بېكىتىپ بېرىشى شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.
مۇزارىبە قىلغان پۇلدىن ئايلىق ئىش ھەققى ئالسا توغرا بولامدۇ؟ بۇ توغرىدا بەزى شەرتلەرنى قىلىشقان بولسىچۇ؟
سوئال: 122622
ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.
بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.
مۇزارىبەت كېلىشىمدە، -بۇ پىقھى كىتابلىرىدا: قەرز بېرىش دېيىلىدۇ-مال ئىگىسى بىلەن مېلى ۋە خىزمەتچى بىلەن خىزمىتى ئارىسىدا شېرىكچىلىك كېلىشىمى بولىدۇ، مۇزارىبەت كېلىشىمىنىڭ توغرا بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن: ” مال ئىگىسىنىڭ ئاساسلىق سەرمايىسىگە كاپالەتلىك قىلىنمايدۇ، مال ئىگىسىگە تۇراقلىق مۇقىم ھەقمۇ بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭغا دەسلەپتە ئىتتىپاقلاشقان نىسبەت بويۇنچە پايدا ئارىپ بېرىلىدۇ، شۇنىڭدەك خىزمەتچىمۇ دەسلەپتە ئىتتىپاق كەلگەن نىسبەت بويۇنچە قىلغان خىزمىتىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار: خىزمەتچىنىڭمۇ دەسلەپتە ئىتتىپاققا كەلگەن پايدا نىسبىتىدىن سىرت قىلغان خىزمىتىنىڭ بەدىلىگە مۇقىم-تۇراقلىق ھەق ئېلىشىنى توغرا ئەمەس دەپ قارىدى، چۈنكى تىجارەتتە ئېلىنغان پايدا پەقەت خىزمەتچى ھەر ئايدا ئالغان مۇقىم ھەق بولۇپ، مال ئىگىسىگە بىر نەرسە قالماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر ئۇ كىشى مېلى بىلەن شېرىك بولغان بولسا، ئۆزىمۇ ھەم بىر كىشىلىك خىزمەت قىلغان بولسا قىلغان خىزمىتىنىڭ ھەققىنى ئالسا دۇرۇس بولىدۇ، ھەتتا شېرىك بولمىغان كىشىمۇ قىلغان خىزمىتىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ، بۇ مەسىلىدە ئالىملارنىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز.
مانا بۇ مۇزارىبەتنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگەن بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. سوئالدا بايان قىلىنغان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ ھەر ئايدا مۇقىم مائاش ئېلىشى بۇ ئەقدە-كېلىشىمنى بۇزىدۇ. بۇ توغرىدا:
ئا-شەيخ سەيىد سابىق رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇزارىبە كېلىشىمدە تۆۋەندىكى شەرتلەر شەرت قىلىنىدۇ:
1-سەرمايە نەخ بولۇش، ئەگەر نەخ پۇل بولماستىن ئالتۇن-كۈمۈش ياكى زىبۇ-زىننەت ۋە تىجارەت ماللىرى بولۇپ قالسا توغرا بولمايدۇ.
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بىز بىلىدىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى، مۇزارىبەتتە باشقىلاردىن ئالىدىغان قەرزنى سەرمايە قىلسا توغرا بولمايدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن”.
2-سەرمايىنىڭ مىقدارى مەلۇم بولىشى كېرەك، چۈنكى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ئۈلۈشىدىغان پايدا بىلەن سەرمايىنىڭ ئارىسى ئېنىق بولىشى لازىم.
3-مۇزارىبەت قىلغۇچى بىلەن خىزمەت قىلغۇچى ئامىلنىڭ ئۈلۈشىدىغان پايدىسى يىرىمدىن بولامدۇ ياكى ئۈچتىن بىرمۇ ياكى تۆتتىن بىرمۇ بۇنىڭ نىسبىتى ئېنىق بولىشى كېرەك، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «خەيبەر ئەھلىنى چىققان مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى بېرىش كېلىشىمىگە ئاساسەن خىزمەتكە سالغان».
ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “بىز بىلىدىغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى، ئەگەر مەبلەغ سالغۇچى ياكى خىزمەت قىلغۇچى ياكى ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى ئۈچۈن مەلۇم نىسبەتتە ھەق بېكىتىۋالغان بولسا بۇنىڭ بىلەن مۇزارىبەت كېلىشىمى بىكار بولۇپ كېتىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلگەن”.
بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى: ئەگەر ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۈچۈن مالدىن مەلۇم مىقدارنى شەرت قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئەگەر پايدا مۇشۇ مىقداردا چىققان بولسا ئۇنى شەرت قىلغان كىشى ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپكە بىر نەرسە قالمايدۇ، بۇ ئىككى كېلىشىم قىلغۇچىنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەنپەئەتلىنىشنى مەقسەت قىلغان مۇزارىبەت كېلىشىمىنىڭ مەقسىتىگە زىت كېلىدۇ.
4-مۇزارىبە ئىشى مۇتلەق بولىشى كېرەك، مالنىڭ ساھىبى مېلىدا تىجارەت قىلىدىغان كىشىگە تىجارەتنى مەلۇم شەھەردە قىلىسىز ياكى مەلۇم تۈردىكى مال بىلەن قىلىسىز ياكى مۇنداق ۋاقىتتا قىلىسىز ۋە مۇنداق ۋاقىتتا قىلمايسىز، تىجارەت ئىشلىرىنى ۋە مۇئامىلىنى پەقەت مەلۇم كىشىلەر بىلەنلا قىلىسىز دېگەندەك شەرتلەرنى قويماسلىقى كېرەك، چۈنكى تىجارەت دائىرىسىنى مەلۇم شەرتلەر بىلەن چەكلەپ قويۇلغاندا، كۆپۇنچە ۋاقىتتا بۇ تىجارەتتە مەقسەت قىلىنغان پايدىغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مال ساھىبى شەرت قىلماسلىقى كېرەك، ئەگەر شەرت قىلسا مۇزارىبە كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ. بۇ ئىمام مالىك ۋە ئىمام شافىئى مەزھىپىدىكى قاراشلاردۇر. ئەمما ئىمام ئەبۇ ھەنىپە ۋە ئىمام ئەھمەدنىڭ قارىشىغا كۆرە: ئۇلار بۇ شەرتلەرنى شەرت قىلماي مۇنداق دېدى: مۇزارىبەت كېلىشىمى مۇتلەق دۇرۇس بولغاندەك، مەلۇم شەرتلەر بىلەنمۇ دۇرۇس بولىدۇ. مۇزارىبەت قىلىدىغان ۋاقىتنى بېكىتىشمۇ بۇ كېلىشىمنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، بۇ كېلىشىمنى قاچان قىلسا ياكى خالىغان ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالدۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭدەك مۇزارىبەت كېلىشىمىنىڭ پەقەت مۇسۇلمان بىلەن مۇسۇلماننىڭ ئارىسىدا بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، بەلكى مۇسۇلمان بىلەن غەيرى مۇسۇلماننىڭ ئارىسىدا بولسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ”. [“پىقھى سۈننە” 3 -توم 205-207 -بەتلەر].
ب-ھەنەفى مەزھىپىدىكى مەشھۇر ئالىم ئىمام كاسانى رەھىمەھۇللاھ مۇزارىبەت كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مۇزارىبەتنىڭ شەرتلىرىدىن: مال ساھىبىغا ۋە مۇزارىبەت ئىشىنى قىلغان كىشىنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن ئومۇمى پايدىدىن يېرىم ياكى ئۈچتىن بىر ياكى تۆتتىن بىر بېرىلىدۇ دەپ شەرت قىلىنغان بولسا دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما ئۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۈچۈن مەلۇم مىقدار ياكى سان بېكىتىلگەن بولسا، پايدىدىن يۈز دىرھەم ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ياكى كۆپرەك ئالىدۇ دېگەننى شەرت قىلغان بولسا، بۇنداق شەكىلدە شەرت قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئارىدىكى مۇزارىبەت كېلىشىمى بىكار بولىدۇ، چۈنكى مۇزارىبەت كېلىشىمى دېگەن پايدىدىكى شېرىكچىلىكنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەرت پايدىدىكى شېرىكچىلىكنى ئۈزۈۋېتىدۇ. پەرزەن: مۇزارىبەت تىجارىتىنى قىلغۇچى پەقەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان مىقدارنىلا پايدا ئالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا، بۇ شەرت قىلىنغان كىشىگە بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپكە بىر نەرسە قالمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقى شېرىكچىلىك ئەمەلىيلەشمەيدۇ، بۇ شەكىلدىكى ئىش مۇزارىبەت بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۈچۈن يېرىمى ياكى ئۈچتىن بىرى ۋە يۈز دىرھەم بېرىش ياكى يۈز دىرھەملا بېرىشنى شەرت قىلغان بولسا، بۇمۇ دۇرۇس بولمايدۇ. چۈنكى مۇزارىبەت كېلىشىمى دېگەن پايدىدىكى شېرىكچىلىكنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەرت پايدىدىكى شېرىكچىلىكنى بىكار قىلىدۇ. پەرزەن: مۇزارىبەت تىجارىتىنى قىلغۇچى پەقەت يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان مىقدارنىلا پايدا ئالغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا، بۇ شەرت قىلىنغان كىشىگە بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپكە بىر نەرسە قالمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھەقىقى شېرىكچىلىك ئەمەلىيلەشمەيدۇ، ئۇنداق بولغانىكەن بۇ شەكىلدىكى ئىش مۇزارىبەت بولمايدۇ. [ “بەدائى سەنائى” 6 -توم 85-86 -بەتلەر].
ج -شافىئى ئالىم شىرازى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىككەيلەندىن بىرى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا دىرھەمنى خاس قىلىپ ئاندىن قالغانلىرىنى ئۆز-ئارا تەقسىم قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بەزى ۋاقىتتا خاس قىلغان شۇ دىرھەم ھاسىل بولماسلىقى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەققى بىكار بولۇپ كېتىدۇ، بەزى ۋاقىتتا شۇ دىرھەمدىن باشقا نەرسە ھاسىل بولماسلىقى مۇمكىن شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەققى بىكار بولۇپ كېتىدۇ”. [ “ئەلمەجمۇ شەرھى مۇھەززەب” 14 -توم 366 -بەت].
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: مۇزارىبەت قىلىپ يەنە ئىش قىلغۇچى ئۈچۈن مۇقىم ئايلىق ئىش ھەققى بېكىتىش توغرا بولمايدۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن پەقەت مال ساھىبى بىلەن ئىتتىپاق كەلگەن مىقدار بېرىلىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.
مەنبە:
ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى