ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

جىن چاپلاشقانلىق ياكى كۆز تەككەنلىك قانداق بىلىنىدۇ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا

سۇئال: 125543

    ئىنسان ئۆزىگە جىن چاپلاشقانلىقنى ياكى كۆز تەگكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەتسالاملىرى بولسۇن.

     شەرئى رۇقىيە ئوقۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ئىنسانغا جىن چاپلاشقانلىقى ياكى كۆز تەگكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان بىر قانچە ئىشلارنى بايان قىلىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى گۇمانى قاراش بولۇپ بەزى ھالەتتە بۇ ئىشلار پەرقلىق بولۇپ، بەزىدە ئېھتىماللىق يۇقىرى تۆۋەن بولىدۇ.

    ئەمما جىن چاپلاشقانلىقنىڭ ئالامىتى:

   1- قۇرئان تىلاۋېتى ۋە ئەزان ئاۋازىدىن يىراق بولۇش.

   2-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئېسىنى يوقۇتۇش، ھوشىدىن كېتىش، ئايلىنىپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ.

  3 بىئارام بولىدىغان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۈش.

  4 كىشىلەردىن ئايرىلىپ، يالغۇز تۇرۇش ۋە غەيرى ئىشلارنى قىلىش.

  5-ئۇ كىشىگە قۇرئان ئوقۇلسا ئۇنىڭغا ئېگىلىنىۋالغان شەيتان ئۇنىڭغا ماس كېلىدۇ.

    ئەمما كۆز تەككەنلىك توغرىسىدا شەيخ ئابدۇل ئەزىيز سەدھان مۇنداق دەيدۇ: "كۆز تەككەن كىشىنىڭ بەدىنىدە كېسەللىك بولمىسا بۇ كىشى ئاساسەن ئۆزىنىڭ مۇنۇ ھالىتىدە قالىدۇ: يۆتكىلىشچان باش ئاغرىقى، چىرايى ساغىرىپ قىلىش، كۆپ تەرلەش ۋە كىچىك تەرەت كۆپ بولۇش، ئېشتىھاسى تۇتۇلۇپ قىلىش، پۇت-قوللىرى جىمىرلايدىغان ياكى قېزىپ كېتىدىغان، بەدەن ئەتراپى سوۋۇپ كېتىدىغان، دېمى سىقىلىدىغان، ئىككى دولىسى ۋە دۈمبىسىنىڭ ئاستى ئاغرىيدىغان، ئېچى سىقىلىپ بەك بىئارام بولىدىغان، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان، تەبىئىتىگە ماس كەلمىگەن ھالەتتە بەك قورقۇپ كېتىش، كۆپ كېكىرىش، كۆپ ئەسنەش ۋە كۆپ ئاھ ئۇرۇش، باشقىلاردىن ئايرىلىپ يالغۇزلۇقنى ياقتۇرۇش، چۈشكۈنلۈك، ھورۇنلۇق، ئۇيقۇغا مايىل بولۇش، ئۆزى بىلىدىغان تەبىئىي سەۋەبسىز سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    بەزى ۋاقىتلاردا  كۆز تەككەنلىك ۋە كۆزى تەككەنلەرنىڭ ئازكۆپلۈكى بويىچە بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ياكى بەزىسى تېپىلىدۇ" .  ["شەرئى رۇقىيە"  10 بەت"].

بۇ ھەقتە مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 240 -نومۇرلۇق سوئال جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android