0 / 0

توي قىلماقچى بولغان قىز-يېگىتلەردە بولۇشقا تېگىشلىك دۇنيالىق سۈپەتلەر توغرىسىدا

سوال: 125907

يىگىتلەردىن بىرى ماڭا توي تەكلىپى قويغىلى كەلگەندە، بۇ ھەدىسنى زىكىر قىلدى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى تۆت تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن نىكاھ قېلىنىدۇ: دىنى، مېلى، جامالى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشى (نەسەبى) قاتارلىقلار، ئەگەر سىز دىندار قىز بىلەن توي قىلسىڭىز ئۇتۇق قازىنىسىز». مېنىڭ سۇئالىم: ئايال كىشىدە يۇقىرىقى سۈپەتلەر بولغانلىقىدىن خالىغان بىر يىگىت بىلەن توي قىلسا توغرا بولامدۇ؟، ئەگەر توغرا بولسا، نېمە ئۈچۈن بۇنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ھەدىستە سۆزلىمىدى؟، بۇ خىتاپ ئاياللارغا ئەمەس پەقەت ئەرلەرگە خاس بولغانمۇ؟، ئايالنىڭ توي قىلىش ئىختىيارلىقىغا ئالاقىدار ئىش توغرىسىدا، بىر ھەدىسنى ئوقۇدۇم، ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان بىرسىگە ئەلچى بولۇپ كەلسە، ئۇنىڭغا قىزىڭلارنى تويلاپ قويۇڭلار، ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، زېمىندا چوڭ پىتنە-پاسات يۈز بېرىدۇ». نېمە ئۈچۈن بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر ئۈچۈن پەقەت دىندىن ئىبارەت بىرلا سۈپەتنى سۆزلىدى؟، ئايال ھەققىدە سۆزلىگەن تۆت تۈرلۈك سۈپەتلەردىن سۆزلىمىدى؟ بىرىنچى ھەدىسنى توي قىلماقچى بولغان بارلىق قىز-يىگىتلەرگە ئەمەلىيلەشتۈرسە بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خاسلىق ئەر ئۈچۈن قىلىندى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

متن پاسخ

ستایش خدا و صلوات و سلام بر رسول خدا و خاندانش.

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەككى: ئىسلام شەرىئىتى دىندار سالىھە ئايال بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى، شۇنىڭدەك ئەرنىڭمۇ دىندار، سالىھ بولىشىنى تەكىتلىدى، دىن بولسا بىرىنچى ئاساسى مەقسەتتۇر، ئۇنىڭدىن باشقا گۈزەللىك، مال، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە ئائىلە كېلىپ چېقىشى قاتارلىق سۈپەتلەر بولسا دىنغا ئەگىشىدۇ، بۇنداق سۈپەتلەر سۆكەلمەيدۇ ۋە ئاساسى مەقسەتمۇ بولمايدۇ، لېكىن ئۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش بولىدۇ، ئەگەر مەزكۇر سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى بولسا ناھايتى مۇكەممەل ياخشى بولىدۇ، ئەگەر تىپىلمىسا، دىن بارلىق ياخشىلىقنىڭ ئۆلچىمىدۇر.

ئايالدا بولغان مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ بەزىسىنى مەدھىيلەپ كەلگەن ھەدىسلەر بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى خىل ئاياللار ياخشى؟ دېيىلگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «قارىسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرىسا ئىتائەت قىلىدىغان، مېلىدا ۋە ئۆزىدە ئېرى ياقتۇرمايدىغان ۋە ئېرىگە قارشىلىق بولىدىغان ئىش قىلىمغان ئايال» دېگەن. [ئەھمەد مۇسنەد 2-توم 251-بەتتە كەلتۈرگەن. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ" سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 1838-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

ئىش ئەرگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەسلى سالىھ ۋە تەقۋادار كىشى بىلەن توي قىلىشتۇر. سالىھ، تەقۋادار كىشىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دىنىدىن ۋە ئەخلاقىدىن رازى بولىدىغان كىشى» دېگەن. ئەگەر بۇ يەنە مال ساھىبى ۋە كىلىشكەن بولسا، بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېمىتىدۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەر كىشىنىڭ مالنى زايە قىلىۋېتىشى، ئايالىغا خىراجەت قىلىپ بېرىشكە قۇدىرتىنىڭ بولماسلىقىنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشتىن يىراق بولۇشنىڭ سەۋەبى قىلغان. بۇ پاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغان. ئۇ ئايال مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىددىتىم توشقاندا بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا بايان قىلغاچ، ماڭا مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇپيان ۋە ئابا جەھم ئىككىسى توي تەكلىپى قويغانلىقىنى، قايسىسى بىلەن توي قىلىشىم كېرەكلىكىنى سۆزلىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئەبۇ جەھمىنىڭ دولىسىدىن ھاسىسى چۈشمەيدۇ، مۇئاۋىيە بولسا كەمبەغەل، مېلى يوق، ئۇسامە ئىبنى زەيد بىلەن توي قىلىڭ دېگەن». [مۇسلىم رىۋايىتى 1480-ھەدىس].

ئەللامە سەدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر دىن بىلەن باشقا سۈپەتلەرمۇ بولسا بۇ ياخشى، ئەگەر دىندىن باشقا سۈپەتلەر بولمىسا دىن دېگەن مەقسەت قىلىنغان سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر". "ئەبرارلارنىڭ دىل ھوزۇرى، ياخشىلارنىڭ كۆز قارچۇغى، خەۋەرلەرنىڭ جۇغلانمىسىنىڭ شەرھىسى" 120-بەت.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نەرسە ئېنىق بولغان بولسا، زىكىر قىلىنغان دەلىللەردىن جاۋاپنى بىلدۇق، شۇنىڭدەك، مال، يۈز-ئابرۇي ۋە گۈزەللىكنىڭ مۆمىن بولسۇن ياكى كاپىر بولسۇن بارلىق ئىنسانلارنىڭ قارىشىدا توي قىلىشتا ئىنتىلىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، بۇنىڭغا بولغان رىغبەت ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە سېڭىپ كەتكەن، كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان، ئىسلام شەرىتى بۇنىڭغا قارشى ئەمەس، ئۇنىڭدىن ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن كەلمىدى، چۈنكى ئىنساننىڭ تەبىئىتى بۇنىڭغا ئاگاھ بولىدۇ، دىققەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەتتا ئۇلار بۇنىڭدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇھىم سۈپەتلەرگە سەل قارايدۇ، ئىسلام شەرىئىتى ئىنسانلار غاپىل قالغان ياكى سەل قارىغان ئىشلارنى تەكىتلەش ئۈچۈن كەلدى، مۇشۇنداق بولماقلىق بىلەن بۇ، ئىسلام ئۆلچىمىدە سۈپەتلەردىن بولغان ئەڭ كاتتا مەقسەتتۇر. بۇ ھەم سالىھ، ئەخلاقلىق مۇسۇلمان بىلەن ئۇنىڭدىن باشقا ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ۋە ئالاھىدىلىكتۇر.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەشھۇر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى تۆت تۈرلۈك ئىش ئۈچۈن نىكاھلىنىدۇ: دىنى، مېلى، جامالى ۋە ئائىلە كېلىپ چىقىشى قاتارلىقلار، ئەگەر سىز دىندار قىز بىلەن توي قىلسىڭىز ئۇتۇق قازىنىسىز». [بۇخارى رىۋايىتى 5090-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1466ھەدىس].

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەدىسنىڭ مەنىسىدە توغرا بولغىنى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىدىن خەۋەر بەردى، ئۇلار بۇ تۆت تۈرلۈك سۈپەتنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قارىشىدا دىندار بولۇش ئاخىرقى ئورۇندا تۇرىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇنىڭغا بۇيرىمىدى بەلكى: دىندار بىلەن توي قىلىپ ئۇتۇق قازىنىڭ، بەخىت تىپىڭ دېدى". [مۇسلىمنىڭ شەرھىسى 10-توم 51-52-بەتلەر].

يەنە مۇنداق دەيدۇ: "بۇنىڭ مەنىسى: ئىنسانلار ئادەتتە ئايالدىن مۇشۇ تۆت تۈرلۈك سۈپەتنى مەقسەت قىلىدۇ، سەن دىندار بىلەن توي قىلىپ ئۇتۇق قازىنىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەم-سۆھبەت بولۇشقا ھېرىس بولغىن". ["سالىھلار گۇلۇستانى" 454-بەت].

ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بۇ تۆت تۈرلۈك سۈپەت بولسا ئايال بىلەن توي قىلىشقا رىغبەتلىنىدىغان سۈپەتتۇر، ئەرمۇ ئايالدىن مۇشۇنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ ئاشۇ سۈپەتلەرنىڭ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بولۇپ بۇيرۇق ئەمەس. ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشىدىن: مۇشۇ سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جۇغلانغانلىقى ياكى بىرسىنىڭ بولغانلىقىنى مەقسەت قىلىپ توي قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن دىننى مەقسەت قىلىش ئەڭ مۇھىم ۋە بىرىنچى تاللاش بولىشى كېرەك". [" مۇختەسەر سەھىھ مۇسلىم " 4-توم 215-بەت].

شاپىئى مەزھەپ پەقىھلىرىدىن بىرى بولغان شەيخ سۇلايمان ئىبنى مەنسۇر ئۇجەيلى جەمىل مۇنداق دەيدۇ: "بەزىلەرنىڭ ئايالنىڭ گۈزەل بولىشىنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى. زەركىشى بۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئايالنىڭ گۈزەل بولىشىنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلىشى ھەيران قالارلىق ئىش، چۈنكى بۇ گۈزەل ئايال بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇش ئەمەس بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئادىتىنى بايان قىلىپ بېرىشتۇر، بۇ ئېنىق ئىتىرازدۇر. ھەدىستە: مېلى بار، گۈزەل ۋە ئابرۇيلۇق ئايال بىلەن توي قىلىشقا بۇيرۇق قىلىنمىغان". ["پۇتىھاتىل ۋەھھاب بىتەۋزىيھ شەرھى مىنھاجى تۇللاب ئەك مەرۇپ: بىھاشىيەتى جەمەل" 4-توم 118-بەت].

بەزى ئالىملار بۇ سۈپەتلەر شەرىئەتتە نىكاھ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن سۈپەتلەر، توي قىلىدىغان يىگىتنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزدا بۇنداق سۈپەتلەرنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇستەھەپ بولىدۇ، لېكىن دىننىڭ ئاساسى سۈپەت بولىشى شەرت قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۈپەتلەرنىڭ بولىشى دىنغا زىت بولمايدۇ، ئەگەر قارمۇ-قارشىلىق بولۇپ قالسا چوقۇم دىن ئاساس قىلىنىدۇ.

ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىستىن: ئېسىل نەسەپلىك يېگىتنىڭ ئېسىل نەسەپلىك قىش بىلەن توي قىلىشى مۇستەھەپ بولىدۇ، ئەگەر نەسىبى ئېسىل بولۇپ دىنى بولمىسا ياكى دىنى بولۇپ نەسىبى ئېسىل بولمىسا، بۇ ۋاقىتتا دىن مۇقەددەم قىلىنىدۇ، باشقا سۈپەتلەردىمۇ دىن ئاساس قىلىنىدۇ".

«ئايالنىڭ چىرايى ئۈچۈن» دېگەن سۆزگە كۆرە، چىرايلىق ئايال بىلەن توي قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكى بىلىنىدۇ، لېكىن چىرايلىق بولۇپ دىنى بولمىسا، چىرايلىق بولماي دىندار بولسا، شۇنداق دىندا باراۋەر بولسا چىرايلىقنى تاللاش ياخشىدۇر، گۈزەل چىرايغا ئېسىل سۈپەتلەر قېتىلىدۇ، مەھرىنىڭ يەڭگىل بولىشىمۇ بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

«دىندار بىلەن ئۇتۇق قازانغىن» دېگەن ۋە جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە: «دىندار بىلەن توي قىلغىن» دېگەن سۆزگە كۆرە، دىندار ۋە ئېسىل بولۇش لايىق بولىدۇ، دىن دېگەن ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا نەزەرگە ئېلىنىدۇ، بولۇپ بىر ئۆمۈر بىرگە ياشايدىغان ئەھۋالدا بەك مۇھىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىندارغا ئېرىشىشنى ئەڭ يۇقىرى غايە قىلغان، زەئىپ بولسىمۇ ئىبنى ماجە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەك چېرايلىق ئايال بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ چېرايى ئۇلارنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن، بەك باي ئايال بىلەن توي قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ پۇلى ئۇلارنى ھەددىدن ئاشۇرىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن دىندار ئايال بىلەن توي قىلىڭلار، دىندار بولغان بىر قارا دېدەك ئۇلاردىن ياخشىدۇر» ["پەتھۇل بارى"9-توم 135-136-بەتلەر].

شاپىئى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن كىتاپلىرىدا چىرايلىق ئايال بىلەن توي قىلىشنىڭ مۇستەھەپ ئىكەنلىكىگە بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلغان.

ھەنبەلى كىتاپلىرىدىن: "شەرھى مۇنتەھا ئىرادات" 2-توم 623-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "يۇقىرىقى ھەدىس بولغانلىقى ئۈچۈن توي قىلغان چىرايلىقنى تاللاش مۇستەھەپ بولىدۇ".

توي قىلىشتا ئىككى تەرەپ ئىتتىپاق كەلگەن ئاساس دىن بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيالىق سۈپەتلەرمۇ سۆكەلمەيدىكەن، بەلكى ماختىلىنىدىكەن ئاللاھ خالىسا بۇ ئىشتا كەڭىرچىلىك بار.

توي قىلغاندا ئاياللاردىن مەقسەت قىلىنغان سۈپەتلەر سۆزلەنگەندەك، ئەرلەردىن مەقسەت قىلىنغان سۈپەتلەرنىڭ سۆزلەنمەسلىكى، بۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىنى ئايرىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بەلكى، ئادەتتە ئەر كىشى توي قىلىدىغان ئايالنى ئىزدەيدۇ، ئۇنىڭدا ئىختىيار قىلغان سۈپەتلەرنى تەلەپ قىلىدۇ، ئايال بولسا ئۆزىگە تەلەپ قويغان يىگىتنىڭ سۈپەتلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىدۇ، ئويلىنىدۇ، ئەڭ مۇناسىپ بولغىنى تاللايدۇ. ھەدىستە: «ئايال تۆت تۈرلۈك سۈپەتكە كۆرە نىكاھ قىلىنىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ قارىتىلىشى ئادەتتە كۆپچىلىك ئىنسانلار ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان ئادەتكە كۆرە بولدى، ئاز كىشىلەرنىڭ ئىشىگە ھۆكۈم بېرىلمەيدۇ.

شەرئى كۆرسەتمە كۆپ ھاللاردا ئەرلەرگە قارىتىلىدۇ، ئۇسۇل ئالىملىرى ئايرىم دەلىل بولمىغاندا ئەرلەرگە قارىتىلغان خىتاپ ئاياللارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەر بىر ھۆكۈم ئەرلەر ئۈچۈن كەلگەندە، ئاياللارغىمۇ يەنە بىر ھۆكۈمنىڭ كىلىشى كېرەك بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاياللار ئەرلەرنىڭ بىر پارچىسى». [تىرمىزى رىۋايىتى 113-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

منبع

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android