ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

روزا تۇتقۇچىنىڭ بەلغەم ۋە تۈپرۈكلىرىنى يۇتىۋىتىشى توغرىسىدا

سۇئال: 12597

رامىزاندا تۈكۈركىنى يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلامدۇ ياكى بۇزۇلمامدۇ؟ ماڭا رامىزاندا بولۇپمۇ مەسچىتتە قۇرئان ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تۈكۈرۈك كۆپ كېلىدۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

روزىدارنىڭ تۈپرۈكنى يۇتىۋىتىشى بىلەن روزىسى بۇزۇلمايدۇ، تۈپرۈك كۆپ بولسىمۇ، مەسچىتتە ياكى باشقا جايدا بولسىمۇ ئوخشاش، لېكىن خەپرۈك بەلغەمدەك قاتتىق بولسا يۇتىۋەتمەي، مەسچىتتە بولۇپ قالسا، تازىلىق قەغىزى ياكى قول ياقلىق دېگەندەك نەرسىلەرگە تۈكۈرۈۋەتسۇن.

ئاللاھ ھەممەيلەننى ياخشى ئىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات كومىتېتى پەتىۋالىرى 10-توم 270-بەت.

بەلغەمنى قەستەن يۇتۇۋەتسە دۇرۇس بولامدۇ؟ دېگەن سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىمىز: روزا تۇتقان ياكى روزا تۇتمىغان كىشىنىڭ بەلغەمنى يۇتىۋىتىشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى بەلغەم پاكىزە ئەمەس، بەزى ۋاقىتتا بەدەندىن سىرىتقا چىقىدىغان كېسەللىكنى ئىلىپ چىقىدۇ.

لېكىن بەلغەمنى يۇتۇۋەتسە روزىسى بۇزۇلمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئېغىزدىن چىقمىغان، ئۇنى يۇتۇۋېتىش يېمەك-ئىچمەك قاتارىدىن ھېسابلانمايدۇ، گەرچە بەلغەم ئېغىزىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغاندا يۇتىۋەتسىمۇ روزىسى بۇزۇلمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمين رەھىمەھۇللاھنىڭ سۆزى تۈگىدى. ["شەرھۇل مۇمتىئ"6-توم 428-بەت].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android