ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

ناماز ئوقۇپ رامىزاندا روزا تۇتمىغان كىشى كافىر ھېسابلىنامدۇ؟

سۇئال: 12654

سوئال: ناماز ئوقۇپ كېسەللىك ياكى ھىچ قانداق سەۋەبسىز روزا تۇتمىغان كىشى كافىر ھېسابلىنامدۇ؟

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
رامىزان روزىسىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىگە ئىنكار قىلىپ روزا تۇتمىسا كافىر ھېسابلىنىدىغانلىقىغا ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئالىملىرى بۇ مەسىلىدىكى پىقھى ھۆكۈمدە بىرلىككە كەلگەن . ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ كۆزگە ئىلماي، قېرىغاندا تۇتىۋالىمەن دېگەنگە ئوخشاش سەپسەتەلەر بىلەن سەل قاراپ روزا تۇتمىسا كافىر بولىدىغانلىقىنى بەزى ئالىملار ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سەھىھ پىقھى كۆز قاراشتا، ئۇ ئادەم قىلىش پەرز بولغان ئىسلامنىڭ مۇھىم بىر ئاساسىنى قىلماسلىق بىلەن ئەڭ خەتەرلىك ئىش قىلغان بولىدىغانلىقى، ئەمما كاپىر بولمايدىغانلىقىنى كۈچلەندۈرىدۇ.
بۇنداق كىشىلەر ئىسلام ھاكىمىيىتى بولغان ئاساستا، رەھبەرلەر تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىپ، تەلىم – تەربىيە بېرىش، روزا تۇتۇشقا بۇيرۇش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ روزىسىنى قايتا تۇتۇشقا بۇيرۇلىدۇ. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۈمتىتىنىڭ پەتىۋا مەجمۇئەسى ناملىق ئەسىرى 10-توم 143-بەت

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android