ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0
3,59819/09/2015

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال: 126705

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەلمەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭپەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قۇربانلىققىلىنىدىغان ھايۋانلار: قوي ۋە ئۆچكە، كالاۋە تۆگە قاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى، ئەيىب-نۇقساندىن سالامەتبولىشى، شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئىلىنىدىغان ياشقايەتكەن بولىشى كېرەك. يۇقىرىقى شەرتلەرتولۇق بولىدىكەن، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋان چىشى ياكىئەركەك بولسۇن ئوخشاش، قايسىسىنى قۇربانلىق قىلسابولىۋېرىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىيرەھىمەھۇللاھ: “ئەل مەجمۇئ” ناملىقئەسەرنىڭ 8-تومى 364-بېتىدە مۇنداقدەيدۇ: “قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولىدىغانچارۋىلار تۆگە، كالا، ئۆچكە ۋە قويقاتارلىق ھايۋانلاردىن بولىشى كېرەك، تۆگىنىڭئەركەك-چىشى ھەممە تۈرى ئوخشاش،كالىنىڭمۇ ئەركەك-چىشى ھەممە تۈرىئوخشاش، قوي-ئۆچكىنىڭمۇ ئەركەك-چىشىھەممە تۈرى ئوخشاش. ئەمما بۇ چارۋىلاردىنباشقا ياۋا كالا (ۋەھشى كالا) ۋە ياۋائېشەك (قولان) ۋە باشقا ھايۋانلارنىقۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولمايدۇ مەيلى ئۇھايۋانلارنىڭ ئەركەكلىرى ياكى چىشىلىرى بولسۇنئوخشاشلا دۇرۇس بولمايدۇ، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇمەسىلىدە ھېچ ئىختىلاپ يوق”. تۈگىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانپەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرىدىن: ئالتە ئايلىق بولغان چىشىقوينى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟بەزىلەر ساغلىق ياكى قوچقار بولسۇن تولۇق بىر ياشقاتولغان بولىشى كېرەك دەيدىكەن؟، بۇھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلاردەپ سورالغاندا، پەتىۋا كومىتېتى ئالىملىرى جاۋاپبېرىپ مۇنداق دەيدۇ: “قۇربانلىق قىلىدىغان قويئالتە ئاي توشقان ۋە يەتتىنچى ئايغا قەدەمقويغان ياكى بىر ياشلىق بولغان بولسا ئەركەك ياكى چىشى بولسۇندۇرۇس بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئەبۇداۋۇد ۋە نەسائىي نەقىل قىلغانھەدىستە، مەجاشىئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇنداق دەيدۇ: مەنپەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ :ئالتەئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىق قىلىش، چوڭ ياشلىق قوينىقۇربانلىق قىلغانغا ئوخشاش، دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم.ئەمما ئۆچكىدىن، كالىدىن ۋە تۆگىدىنئەركەك ياكى چىشى بولسۇن ياشقا تولغان بولىشىكېرەك. ئۆچكىدىن تولۇق بىر ياشقا كىرگىنى، كالىدىن ئىككىياشنى تولۇقلاپ ئۈچىنچى ياشقا قەدەم قويغىنى،تۆگىدىن بەش ياشنى تولۇقلاپ ئالتە ياشقاقەدەم قويغىنى بولسا دۇرۇس بولىدۇ. بۇتوغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداقدېگەن: چارۋىلاردىن ياشقا تولغانلىرىنى قۇربانلىق قىلىڭلار،ئەگەر ئۇنداق قىلىش سىلەرگە قىيىنچىلىقتۇغدۇرسا، ئالتە ئايلىقتىن ئاشقان قوينى قۇربانلىققىلىڭلار. [مۇسلىم رىۋايىتى]. تۈگىدى. “دائىمىيكومىتېت پەتىۋالىرى”(11/414).

قۇربانلىقنىڭ شەرتلىرىتوغرىسىدىكى 36755– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغامۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن ياخشىبىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android
at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android