ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

مۇسۇلمان كىشىنىڭ رامىزاندا باشقا يۇرتقا سەپەر قىلىشى توغرىسىدا

سۇئال: 1277

مۇسۇلمان كىشى رامزاندا روزانى باشلاشتا ئۆز يۇرتى بىلەن پەرقلىق بولغان يۇرتقا سەپەر قىلسا قانداق قىلىدۇ؟.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى سەپەر قىلغان يۇرتتا كىشىلەر رامىزان روزىسىنى باشلايدىكەن، ئۇ كىشىمۇ يۇرت ئەھلى بىلەن بىرلىكتە روزا تۇتىدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆز يۇرتىدا بولغان بولسىمۇ ئوخشاشلا روزا تۇتۇش پەرز بولاتتى. چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: روزا كىشىلەر روزا تۇتقان كۈندە، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كىشىلەر ھېيت قىلغان كۈندە بولىدۇ،بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ياخشى ئىسناد بىلەن كەلتۈرگەن، باشقا ھەدىس ئالىملىرىمۇ بۇ ھەدىسنى كۇچلاندۇرىدىغان ھەدىسلەرنى كەلتۈرگەن.

مەسىلەن: بىر كىشى ئۆز يۇرتىدا رامىزان روزىسىنى باشلاپ يەنە بىر شەھەرگە سەپەر قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆزى سەپەر قىلغان يۇرتتىكى كىشىلەر بىلەن روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئەگەر ئۇلار بۇ كىشى روزا تۇتقان يۇرتتىكى كىشىلەردىن بۇرۇن ئېغىز ئاچقان بولسا، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئېغىز ئاچىدۇ، لېكىن ئۇ كىشى يىگىرمە توققۇز كۈندىن ئاز يەنى يىگىرمە سەككىز كۈن روزا تۇتقان بولسا بىر كۈن قازا روزا تۇتۇپ، رامىزان روزىسىنى يىگىرمە توققۇز كۈنگە تولۇقلايدۇ، چۈنكى ھىجىرىيە ئايلىرى يىگىرمە توققۇز كۈندىن كەم بولمايدۇ.

مەنبە

"دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى" 10-توم 124-بەت

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android