ڈاؤن لوڈ کریں
0 / 0

تۇتقاقلىق كېسىلى بار كىشى، توي قىلماقچى بولغان قىزغا بۇنى بىلدۈرۈش كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال: 128221

مەن بالاغەتكە يەتكەندىن بىرى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدىم، لېكىن مەن دائىم داۋالىنىپ تۇرغاچقا كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن كېسەللىك ئاخىرلىشىدۇ دەپ ئويلىغان بولساممۇ لېكىن كېسىلىمنى تەكشۈرۈپ داۋالاۋاتقان دوختۇر كېسىلىمدىن 90% مىقداردا ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەن توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇ ئەھۋالنى توي قىلماقچى بولغان قىزغا تولۇق بىلدۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

ئاللاھغا خۇرمەت، رەسۇللىرىگە ۋە ئەخلەرگە سېلام، سالام بولسۇن.

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    توي قىلماقچى بولغان يىگىت؛ ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئائىلە-پەرزەنتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى ئايالىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان ئىچكى-تاشقى بارلىق ئەيىپلەرنى قىزغا ئوچۇق بايان قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئۇنى يوشۇرۇش توغرا بولمايدۇ.

     ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەرئايالنى بىربىرىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان، نىكاھتىن بولغان كۆيۈنۈش، ياخشى كۆرۈش ۋە مېھرىمۇھەببەت ھاسىل بولمايدىغان ھەر قانداق ئەيىب بولسا ئەرئايال ئىككەيلەننىڭ تاللاش ئىختىيارلىقى ۋاجىپ بولىدۇ ". [زادىل مىئاد 5-توم 166 -بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرىسى نىكاھتىن بولغان بارلىق مەقسەتلەرنى يوق قىلىدىغان نەرسە ئەيىبتۇر، ھەقىقەتەن ئەرئايالنىڭ بىربىرىدىن ھۇزۇرلىنىشى، خىزمىتىنى قىلىشى ۋە پەرزەنتلىك بولىشى نىكاھنىڭ مۇھىم مەقسەدلىرىدىندۇر، ئەگەر بۇ ئىشلاردىن چەكلەپ قويىدىغان نەرسە تېپىلىدىكەن بۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ئەر كىشى تۇغماس بولسا ياكى ئايال كىشى تۇغماس بولسا، بۇ ئەيىب ھېسابلىنىدۇ" ["شەرھىل مۇمتىئ" 12-توم 220-بەت].

    شەيخ سالىھ پەۋزاندىن: مېنىڭ قىرىندىشىمنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بار، لېكىن بۇ ئەرئاياللىق مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بىر قىز بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى، بىر ئۆيگە كىرىشتىن بۇرۇن بۇ ئىشنى قىزغا بىلدۈرۈش كېرەكمۇ ياكى بىلدۈرمىسىمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: شۇنداق، قىزئوغۇل ھەر ئىككەيلەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىدە بار بولغان ئەيىپلەرنى بايان قىلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ سەمىمىيلىكتۇر، شۇنداقلا ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا مېھرىمۇھەببەتنىڭ ھاسىل بولىشىغا، تالاشتارتىشنى يوق قىلىشقا، بىربىرىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ ياشاشقا يېقىندۇر، بىربىرىنى ئالداش ۋە ئەيىپلەرنى يوشۇرۇش توغرا بولمايدۇ".  [شەيخ پەۋزان پەتىۋالىرىدىن تاللانما].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىز توي قىلماقچى بولغان قىزغا توي قىلىشتىن بۇرۇن ئەھۋالىڭىزنى تولۇق بايان قىلىپ بېرىشىڭىز، ئالداش ۋە يوشۇرۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك بولىدۇ.

    ئاللاھ تائالادىن سىزنىڭ بارلىق كېسەللىرىڭىزگە شىپالىق بېرىشىنى سورايمىز. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

at email

پوچتا خىزمىتىگە قاتناشماق

بارلىق يېڭىلىقلارنىڭ سىزگە يېتىشى ئۈچۈن پوچتا تىزىملىكىگە قاتناشقانلىقىڭىزبىزنى خۇرسەن قىلىدۇ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

مەزمۇنغا ئەتىراز قىلمىسىزلىق ۋە تور بولمىسىزلىك ۋەزىپىسى

download iosdownload android